باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا روزا رامىزاننى چەكلىگەنلىكىگە قارشى بايانات
مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا روزا رامىزاننى چەكلىگەنلىكىگە قارشى بايانات

مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا روزا رامىزاننى چەكلىگەنلىكىگە قارشى بايانات

خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا روزا رامىزاننى چەكلىگەنلىكىگە قارشى بايانات

2015-06-21

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن«شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ نامىمدىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا رامىزان كەيپىياتىنى سۈرۈپ ،تائەت ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ،ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام ۋە سەمىمى سالام يوللايمەن.

بەركەتلىك ئاي (رامىزان ئېيى) ، پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مىليارد بەش يۈز مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ،جۈملىدىن مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا خورلىنىپ ياشاۋاتقان 35 مىليون ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىكتە ئوي- تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنى ئۆگىنىپ رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغان بىر ۋاقتى.ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ رەئىسلىرى،ياۋروپادىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى،ھەتتا ئىسرائىلىيە مەستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىرىمۇ، ئېكران ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى بەس-بەستە تەبرىكلەپ ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ تەبرىكنامە يوللاۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رۇزا تۇتىشى،جامائەت بولۇپ تەراۋى ئوقىشى قاتارلىق دىننى ئەركىنلىكىنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ چەكلەشتەك بىمەنە سىياسەتلەرنى يولغا قۇيۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىىنىڭ ئەزەلدىن دىنغا قارشى ،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىغا قارشى،خەلقارانىڭ دېموكراتىك ھالدا تەرەققى قىلىش دولقۇنىغا قارشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قەبىھ قىياپىتىنى قايتا ئاشكارىلاپ،بارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قىزىل سىزىققا ئۆرلىتىۋەتتى.ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سەۋر تاقەت چېگرىسىغا يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ يېقىنلىشىپ قاراملىق قىلدى.

بىز شۇنداق بىر ھەقىقەتكە ئىشىنىمىزكى:
خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار 60 نەچچە يىلدىن بۇيان بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ،شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بەدىئىي ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ بۇ،رەزىل پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغىنىدەك ،ئۇلارنىڭ ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننى ئېتىقادىنى چەكلەش ئارقىلىق تاپتىن چىقىرىش سۈيقەستىمۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
ئاللاھ قۇرئان كېرىمدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى(يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى ) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۋەتمەكچى بولىدۇ،كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر(يەنى ئۆزىنىڭ دىننى ئۈستۈن قىلىپ ئاشكارىلىغۇچىدۇر» سەپ سۈرىسى 8-ئايەت.

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلار شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى يامان كۆرۈپ ھەر خىل قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ چەكلەپ ئۇلارنىڭ ئېتىقادنى يۇقۇتۇشقا تەنتەكلەرچە ئۇرۇنسىمۇ،ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىينىغا ئۆزى ئىگە چىقىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدىن ئۆچۈپ كەتمەسلىكىگە ۋە بارلىق دۇنيا خەلقىنىڭ روھىدىن كۈتەلىپ كەتمەسلىكىگە ئۆزى كاپالەتلىك قىلىدۇ.خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى قانداق قىلسا قىلسۇن! شەرقى تۈركىستاننى1947 يىلى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلىۋالغانلىقى،شەرقى تۈركىستاننىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئائىت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىپ خەلقارانىڭ ئەقلىدىن ئۆتكۈزەلمىگىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ دىينىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىشكە ئۇرنىشىدەك قەبىھ جىنايىتىنى ھەر قانچە تاتلىق سۆز بىلەن پەدەزلەپمۇ خەلقارا جامائەتنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۈتۈرۈپ ماڭالمايدۇ.خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى، ئۇشبۇ رەزىل پىلانىدا مەغلۇب بولغىنى بولغان.

ئاخىردا جانابى ئاللاھدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇۋالغان خىتاي كوممۇنىست مۇستەبىت ئۇنسۇرلىرىدن ئىبارەت بۇ،بالايى ئاپەتنى يەر يۈزىدىن بىر كۈنمۇ بولسا بۇرۇنراق يوق قىلىۋېتىشىنى سورايمەن.شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىن ئۆتكەل ئالدىدا خەلقارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن:

شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى باش كاتىپى
ئابدۇللاھ كۆكيار

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>