باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرىنىڭ بەشىنچى ئيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ6يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىشىدا سۆزلىگەن نوتقى
ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرىنىڭ بەشىنچى ئيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ6يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىشىدا سۆزلىگەن نوتقى

ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرىنىڭ بەشىنچى ئيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ6يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىشىدا سۆزلىگەن نوتقى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

2015-06-05

بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ، نامايىشقا يىراق -يېقىندىن كەلگەن بارلىق دوستلار! بىزنى مۇشۇنداق بىر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم كۈندە دۈشمەن ئالدىدا يالغۇز تاشلاپ قويماي ،نامايىشىمىزغا ئاۋاز قېتىپ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، بارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى!مەن شۇ تاپتا سىلەرگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سۆز ئىبارە تېپىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.

ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن!
خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇلۇغ رامىزان رۇزىسىنى تۇتۇشتىن مەھرۇم قالغان مەزلۇم خەلقىمىز،سىلەرگە دۇئا قىلسۇن! سىلەرگە كۆپ رەھمەت.

سۆيۈملۈك دوستلار!
بىز بۈگۈن بۇ يەرگە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلەش،ئىز-دېرەكسىز غائىب بولغانلارنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىش،شۇنداقلا قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ئېكران ئارقىلىق تەسەللى بېرىش،خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاش، مەقسىتىدە جەم بولدۇق.

بۇ، مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئاراغا شۇنى جاكالايمىزكى :خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرى بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ، ياكى تىبەتلىكلەرنىڭلا دۈشمىنى بولماستىن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ,بارلىق دىنلارنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى, ئۇلار دۇنيا تىنچىقلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان زوراۋان كۈچ،خىتاي كوممۇنىست ئالۋاسستىلىرى كوممۇنىزىم خۇداسىزلىق ئىدىيسىنى جار سېلىپ ،ھە دەپ كېڭىيمىچىلىك قىلىۋاتىدۇ،قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ رايۇندا مۇقۇمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ،شەرقى تۈركىستانلىقلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ دىنني ئەركىنلىكىنى بوغۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ تۈۋەن چىكىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ،ئوتتۇر شەرىق ۋە ئافرىقادىكى كوممۇنىست دىكتاتۇرئۇنسۇرلارغا قۇرال سېتىپ بىرىش ئارقىلىق دۇنيا تىنىچلىقىنى بۇزۇپ توپلاڭ چىقىرىپ ،قۇدرەتلىك دۆلەتلەر بىلەن تەنتەكلەرچە سىاسى سەھنە ۋە ھوقوق  تالىشىۋاتىدۇ.

سۆيۈملۈك دوستلار!
شۇنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار كىچىكلىتىپ تەتۈر تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك «خىتاي كۆچمەن ئېقىندىلىرى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆتتۇرسىدا يۈز بەرگەن ئاددى بىر توقۇنۇش» بولماستىن ئەينى زاماندا خىتاي كوممۇنىست مىلىتانلىرى تىنىچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ تەسلىم قىلدۇرۇش مەقسىتىدە پىلانلىق ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ بىر قەتلىئام.
ئارىمىزدا بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ئامان ئىسەن قۇتۇلۇپ كەلگەن بەزى مۇھىم تىرىك شاھىدلار تۇرۇپمۇ،پۇخراچە كىيىنىۋالغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى قىرغىنچىلىق مەزگىللىرىدە ئەسكەر ماشىنىسىدىن تاياق توقماق تارقىتىۋاتقان،پۇخراچە كىيىنىۋالغان ئېقىندى خىتايلارنىڭ ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە يەرلىك ئويغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ھۆججەتلىك سىن فىلىملىرى قولىمىزدا تۇرۇپتۇ.
ئۇشبۇ قەتلىئامنى تۈركىيە رەئىيسى رەجەپ تەييىپ ئەردۇغان ئەينى زاماندا «خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر جىنايەت» دەپ خەلقئاراغا جاكارلىغىنىدەك قەتلىئام دەپ جاكارلىشىمىز لازىم!
خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار شەرقى تۈركىستاندا ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بورمىلاپ ،شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن  ۋەقەلىكلەرنىڭ كۈلىمى ۋە ماھىيتىنى خەلقئارادىن يۇشۇرالىشى، مۇمكىن !دېپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئىنتىلىشىدەك قانۇنلۇق كۈرەشلىرىنى تىرورىزىمغا چېتىپ ئېيىپلىشىمۇ مۇمكىن،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش خىتاينىڭ قولىدىن كېلىدۇ.ئەمما لېكىن خىتاي كوممۇنىست ئالۋاسستىلىرى شۇنداق بىر ھەقىقەتكە تەن بىرىشى كېرەككى «شەرقى تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس،خىتايلار شەرقى تۈركىستاننى 1949-يىلى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغان، خەلقارا ئەھدىنامە ۋە ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ مەزمۇنى بۇيىچە شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش،مۇستەقىل بولۇش ھەققى بار.

isvec3isvec15

ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئويۇشمىسىى

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>