باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » 2015-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئېلانى
2015-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئېلانى

2015-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئېلانى

bg_namaz2015-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئېلانى

 تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ  2015-يىللىق روزاھېيت نامىزىنى بىريەرگە جەم بۇلۇپ ئوقۇشى پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش، جامائەتنىڭ روزا ھېيت خۇتبىسىنى ئۇيغۇرچە  ئاڭلاش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز- ئارا دىدارلىشىشقا پۇرسەت يارتىش مەقسىتىدە  بۇ يىلمۇ يەنە ئورۇن ھازىرلىدى.

شىۋېتسىيە  ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكى نىڭ تەخمىن قىلىشىچە ،بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزى ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىدە جۈملىدىن شىۋېتسىيەدە 17-ئىيۇل جۈمە كۈنى  ئوقۇلىشى پەرەز قىلىنماقتا.  شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن 17- ئىيۇل جۈمە كۈنى روزا ھېيت نامىزى ئوقۇشنى قارار قىلدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ئەر- ئايال ۋەتەنداشلارنى ۋە ئۆسمۈربالىلارنى، روزا  ھېيت نامىزىنى بىريەرگە جەم بولۇپ،بىرلىك بارابەرلىك ئىچىدە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.

روزا ھېيت نامازدىن كېيىن  ئۆسمۈر بالىلارغا ھېيتنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە  بەزى ھېيتلىق سوغات بۇيۇملىرى تارقىتىلىدۇ،كەڭ جامائەت ئاممىسىنىڭ ئۆسمۈر بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئەسكەرتىش: ستوكھولمدا ياشايدىغان ئائىللىكلەر ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە  بەزى يىنىك ھېيتلىق داستىخانلىرىنى بىرگە ئېلىپ كىلەلسە ،بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ھېيت ئايەمنىڭ مەنىسىنى ۋە يۈكسەك مەقسىدىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدۇرالسا ئىنتايىن مەمنۇن بولىمىز.

ۋاقتى: 2015- يىلى 07- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۈمە ئەتىگەن سائەت 07:30 دە.  (ۋاقىت ئىلگىر كىيىن بولىشى مۇمكىن ،ئېلاننى كۈزىتىپ تۇرۇڭ!)

ئورنى: Hinderstorps Gränd 37, 163 05 Spånga/ Rinkeby  بۇلتۇر ھېيت نامىزى ئۇقۇلغان مەسچىت

 

ئەسكەرتىش: ئورۇننى بىلمەيدىغانلار رىنكېبۈيغا كەلسە، رىنكېبۈي مەيداندا كۈتۈۋالىدىغان ئادەم بار. ياكى بولمىسا(0762038446 ) نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق مەلۇمات سورىسا بولىدۇ.

Familjebostäders huvudkontor i Rinkeby

ھۆرمەت بىلەن:

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ئىدارە  ھەيئىتى

 

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>