باش بەتكە قايتىڭ » تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار » دەرسنى قانداق تەييارلاش كىرەك؟
دەرسنى قانداق تەييارلاش كىرەك؟

دەرسنى قانداق تەييارلاش كىرەك؟

دەرسنى قانداق تەييارلاش كىرەك؟

(ئۆمەر ئىسلام)

ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىۋتقان،جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى تىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىدىمۇ ئۆزگىرىش بولماقتا،بىز بىر ئادەم تەربىيىلىگۈچى پىداگۇك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا چۈشۈنۈپ يېتىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ تەشنالىقى بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بىز بۇ تەلەپنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قانداق ئىزدەندىنىشىمىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالدىن تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. كەڭ ئاتا-ئانىلار ئارزۇلاپ چوڭ قىلغان پەرزەنتلىرىنى بىزگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئىكەن بىز ئۇلارنى ئالدىساق، ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ.شۇڭا مەن مۇشۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئوقوغۇچىلارغا بىلىم يەتكۈزۈشنىڭ موھىم ۋاستىسى بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى مۇۋاپىق تەشكىللەش كېرەك دەپ قارىدىم شۇنداقلا،دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى مۇۋاپىق تەشكىللەشنىڭ بىردىن بىر ئاساسى بولغان دەرىس تەييارلىق تىزىسىنى تەييارلاشنىڭ تەلەپلىرى توغرىسىدا سوبيېكتىپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىدا قويۇشنى لايىق تاپتىم. دەرىس تەييارلاش ـ دەرىسخانا ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم تەييارلىق خىزمىتى .ئۇ يالغۇز دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مەركىزى ھالقىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەشنىڭ  ئالدىنقى شەرتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان بىر سائەتلىك دەرسىدە ئوقۇتۇشتىكى مەخسەت ۋە تەلەپ ،مۇھىم ۋە قىيىن نوختا ،ئوقۇتۇش مەزمۇنى ،ئوقۇتۇش جەريانى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلنى توغرا بەلگىلەش – بەلگىليەلمەسلكى دەرىس تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولغان – بولمىغانلىقنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم ھىسابلىندۇ. ( ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس دەرىس تەييارلاش ئۇسلۇبىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. دەرىس تەييارلاشتىكى ئاساسلىق تەلەپلارنى ئورۇنلىماسلىققىمۇ بولمايدۇ،دەرىس تەييارلاشتىكى ئاتالمىش ‹‹قىلىپ››رامكىسىغا ئەسىر بولۇپ،يېڭىلىق ياراتماسلىققىمۇ بولمايدۇ.) دەرىسنى ياخشى ئۆتۈشتە ،ئوقۇتقۇچىلار ھەربىر ئوقۇتۇش ھالقىسنى ئەستايىدىل لاھىيىلەپ ،زور مىقداردىكى يۈرەك قىنى ۋە زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىشقا توغرا كىلدۇ.چۈنكى،ئۇقۇتۇشتىكى يۇقىرى سۈپەت ئوقۇتۇش جەرياندىكى ھەر بىر ھالقىنڭ يۇقىرى سۈپتىدىن شەكىللىنىدۇ.قىلچە ساقتىلىق قىلشقا بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرسىنى تەييارلاشنى ئەمەس شۇ دەرسىنى قانداق يەتكۈزۈشنى تەتقىق قىلىش جەريانلىرىنى پۇختا لاھىيەلەش لازىم. دەرس تەييارلىقى – دەرسىنى ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئاساسى،تەييارلىقنىڭ ياخشى بولۇش – بولماسلىقى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. دەرس تەييارلىقى – دەرسلىك،ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك پايدىلنىش ماتېرىيالنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ،ئوقوغۇچىلارنى چۈشىنىش ئۇسۇلنى لاھىيلەش ،ئوقۇتۇش ماھارىتىنى لاھىيلەش قاتارلىق ئوقۇتۇشنىڭ بىرقانچە ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرنى سىسىتىمىلىق ھالدا شۇ سىنىپنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن قىلىپ ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا دەرىس تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن دەرىسلىك ماتىريالى ،ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك پايدىلنىش ماتېرىيالنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ،ئۆتمەكچى بولغان دەرىسنىڭ مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىنى پۇختا ئىگەللەش لازىم . بۇنىڭدا ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نۇقتىلارنى مەۋھۇم ھالەتتە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىر ئوقۇتقۇچى دەرىسنى قول ئۇچىدىلا تەييارلىسا ،دەرىس سۆزلىگەندە سۆزلىرى قولاشمىسا ،ئوقوغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىلىرنى ئەستايىدىل تەكشۈرمىسە كەسىپتە ياخشى بولغان بىلەنمۇ ،ئوقوغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ‹‹ئارتۇقچە ئادەم››گە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرنى ئەپۇ قىلۋىتىشى مۇمكىن ، لىكىن ئۇنىڭ بىلمسىزلىكىنى ئەپۇ قىلۋىتەلمەيدۇ.باشقىلارغا ئۇستاز بولغۇچى ئۆزى ياخشى ئۈگەنمەي ،دەرىسىنى ئەستايىدىل ئۆتەلمەيدۇ-دە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالغا زامىن بولدۇ.بۇ بىر ئىغىز مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى بولۇپ ،كىشىلەر ئاتا قىلغان مۇقەددەس نامغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەربىر دەرىسىنى تەييارلىغاندا ،شۇ دەرىس مەزمۇنى ،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمەلى سەۋىيەسى ،دەرىس ئۆتۈش قەدەم باسقۇچىلىرى ۋە ئۇسۇلنى ئىتىبارغا ئىلىشى،ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساىس ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاقىلىقى ،ھەربىر ئوقوغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلكى ،مىجەزى قىزىقىشى ،تەپەككۈر تەرەققىياتى ، ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە ئەمەلى  ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئوبدان چۈشىنىپ ،شۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلنى لاھىيلەپ چىقىش كىرەك. دەرىس يەييارلقىغا قارىتا ئايرىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ،قىسمەن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ‹‹بۇ دەرىس ئالدىمدىن ئون نەچچە رەت ئۆتكەن ،ئۈنچىۋالا تەييارلاپ كەتمىسەممۇ بولدۇ››دەپ قارايدۇ،بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش تارىخى ۋە بىلىمىگە ئىشىنىپ ،دەرىسكە پۇختا تەييارلىق قىلمايدۇ.ھەتتا تىزىسمۇ يازماي ،ئۆزىچە مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى كىتاپقا ىسىزىۋىلىپ سىنىپقا كىرىۋىرىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىچە،ئوقۇتۇش باسقۇچىلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر يىزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقمىش ،بۇلانىڭ دەرىسخاندىكى ئوقۇتۇش جەرياندا ئۆزلىرى تىپىپ كىتەلەيدىكەن ،بۇ خىل ئەۋاللار ئوقۇتۇشتىكى سەل چاغلاش ،بوشاڭلىق ،كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشۈش ئىددىيسىگە تەۋە بولۇپ ،ئەستايىدىل جىددى ۋە مەسئۇلىيەتچان ئىلىمى پوزتىسىيە ئەمەس ،بۇ ئەھۋاللار ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن زىيانلىق ،ئوقۇتۇشنىڭ دائىمىلىق قائىدىلىرىدىكى دەرىس تەييارلىقىغا تۇتۇلغان پوزتىسىيە ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاقى ۋە ئەستايىدىل ،مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت پوزتىسىيەسنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. ئادەتتە كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە ،دەرىسكە كىرىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن دەرىسنى تەييارلاپ بولۇش ھەم ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىغا تەستىقىلىتىش تەلەپ قىلىندۇ.كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر دەرىس تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ،ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ كەلگەن بولسىمۇ ،بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بەزى ئوقۇتقۇچىلا بۇ جەھەتتە باش قاتۇرماي ۋە ئەراپلىق ئىزدەنمەي دەرىسلىكتىكى ھەرخىل شەكىل ياكى بىر نەچچە ئابزاس مەزمۇننى كۆچۈرۈپ قويۇپلا 2-3-سائەتلىك دەرىس پىلاننى بىردەمدىلا تەييارلاپ بولدىكەن . بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرىس تەييارلىقىغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلىمىگەچكە سىزغۇچ،پىلاستىكا قاتارلىق ئوقۇتۇش قوراللىرىنى سىنىپقا ئىلىپ كىرىشنى ئۇنتۇپ قلىپ ،سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ئىلىپ كىلشكە بۇيرۇيدىغان ،دەرىسكە مۇناسىۋەتسىز كىتابلارنى كۆتىرىپ خىجىل بولماي‹‹ئىسىمدە يوق باشقا كىتاپ ئىلىپ كىرىپ قاپتىمەن،مەن ھازىر ئىلىپ چىقاي ››دەيدىغان ،دەرىس ئۆتۈش جەرياندا كىتابدىكى بەزى خەتلەرنى خاتا چۈشەندۈرىدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتماق تەس ئەمەس،بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى تەييارلىقنىڭ پۇختا بولمىغانلىقىنڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىپادىسى . نۆۋەتتە ،بىر قىسىم دەرىسلەردە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇپ،باشقا كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىلار دەرىس سائىتى نورمىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈنلا بۇ دەرىسلەرنى ئۆتىۋاتىدۇ.ئوقۇتقۇچىلرنىڭ ئۆزكەسپى بويىچە ئىش ئورنىغا قويۇلىشىغا ئەھمىيەت بىرىش يىتەرلىك بولمىغاچقا ،دەرىس تەييارلىقىغا سەل قارىلىپ كەلگەچكە،دەرىسلەر ئوبدان ئۆتۈلمەي ،ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋاختى ئىسراپ بولۋاتىدۇ. بىر سائەتلىك دەرىسنى ئۆتۈش ئۈچۈن ،دەرىس تەييارلاش جەھەتتتە بىر سائەتلىك دەرىسنى ئۆتۈشكە كەتكەن ئەجىردىنمۇ كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كىلدۇ.‹‹ئون مىنۇت دەرىس ئۆتۈش ئۈچۈن ،ئون يىل ئەجىر قىلىشقا توغرا كىلدۇ ››دىگەن سۆز مۇشۇ نوختىنى ئىپاتلاپ بىرىدۇ. ئوقۇتۇش لاھىيسى جاپالىق قان تەر بەدىلگە تۈزۈلدۇ.ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسىياتى ۋە مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرىس تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ،قارىىسىغىلا باشقىلارنىڭ دەرىس تەييارلىقنى بىرمۇ بىر كۆچۈرۈپ،كەسپى ۋىجدانغا خىلاپلىق قىلىپ بىكارغا كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ،ئويلاپ باقايلى ،بۇلتۇرقى باللارغا لاھىيلەنگەن دەرىس تەييارلقى بىلەن بۇ يىلقى بالىلارغا دەرىس سۆزلىسەك،ئۆتكەن يىلقى دەۋىر بۇ يىلقىغا ئوخشىمىسا،ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر خىل تاناسىپتا تەرەققى قىلىدىغان تۇرسا،ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئوخشاش بولمىسا ،ھەر ئىككىىلىسىگە ئوخشاش بىر سۆزنى سۆزلىسەك ، ئوخشاش بىر مەزمۇننى سۆزلىسەك ،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدىئاللقنى قانداق تەرەققى قىلدۇرالايمىز؟ئاساسى مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى كەلگۈسى جەمئىيەتكە ئىختىساس ئىگىلىرنى تەربىيلەپ بىرىشتىن ئىبارەت، ئەگەر ئاساسى مائارىپىمىزدا تۈنۈگۈنكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىگە يىتەكچىلىك قىلنسا ،ئوقوغۇچىلار كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ  تەرەققيات ئۆزگىرشىگە قانداق ماسلىشالايدۇ. ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،ئويلاپ باقايلى،دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايەت،ئەمما كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىگىلىرىنى ئالداش، ئۇلارنى كېرەكسىز قىپ قويۇش جىنايەت ئەمەسمۇ؟

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>