باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تەبرىكنامە10492013_543054392473018_4031792031452711370_n

ھىجرىيە 1436-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى# مىلادىيە2015-يىلى 24-سېنتەبىر كۈنىگە توغرا كەلگەن بۇ ،يىللىق مۇبارەك قۇربان ھېيتنىڭ يىتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن،شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى دۇنيادىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىدىن تەركىپ تاپقان ئىسلام ئۇممىتىنىڭ جۈملىدىن ئىسلام ئۇممىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيت ئايىمىنى  چىن يۈرەكتىن قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. گەرچە بۇ،يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمى، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى بىر پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ،شەرقى تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرىنى ھە،دەپ كۈچەيتىپ سادىر قىلىۋاتقان، ئىسرائىل مۇستەملىكىچىلىرى (مەسچىت ئەقسا) غا سوغۇق قوللىرىنى ئۇزارتىپ،نىيىتىنى بۇزىۋاتقان،دۇنيادىكى بارلىق مۇستەملىكىچى كۈچلەر  يامان نىيەت بىلەن قوزغىغان سوغۇق ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن خاتىرجەمسىزلىك سەۋەبلىك بىر نەچچە مىليون ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر بۇلۇۋاتقان  ئېچىنىشلىق  بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى  بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ئۇلارغا بىۋاستە بېغىشلىغان (ئۈمىدۋارلىق) چىرىغىنىڭ ئۇشبۇ ھېيت ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ نۇرلىنىپ كۈچىيىشنى ئاللاھدىن تىلەيدۇ.

ئىلاھىم ئۇشبۇ ھېيت ئايەمدە يىتىم يېسىرلارنىڭ بوينى قىسىلمىسۇن!مۇساپىر ۋە سىياسى مەھبۇسلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ روھى سولمىسۇن! ئاللاھ ،دۇنيادىكى بارچە مۇستەملىكە كۈچلەرگە جۈملىدىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا ئۆز رەببىنى تۇنۇش،باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش،ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە سەمىيمىلىكنى ئاساس قىلغان تىنىچ دۇنيا قۇرۇش ،ئەخلاق پەزىلىتى  ئاتا قىلسۇن!  ياكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ دۇنيا تىنچىقلىقىغا سېلىۋاتقان يۇشۇرۇن تەھدىت پىلانلىرىنى تىز بىججىت قىلىش ئارقىلىق ،ئۇلارنى ئۆزلىرى باشقىلار ئۈچۈن كولىغان ئورىغا يىقىتىپ ،ئۇمۇمىي يۈزلۈك يەر شارى ئىنسانىيەت ئائىلىسىنى پات يېقىندا چوڭ بىر بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈرسۇن ئامىن!

ھۆرمەت بىلەن : شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>