باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلامى بىلىملەر » 2015-يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى خۇتبىسىنىڭ قەلەمگە ئېلىنغان تىكىستى
2015-يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى خۇتبىسىنىڭ قەلەمگە ئېلىنغان تىكىستى

2015-يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى خۇتبىسىنىڭ قەلەمگە ئېلىنغان تىكىستى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

خەتىب: ئومەر ئەزىز

 الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآخِرَةِ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ [سبأ: 1]،نشهد أن لا إله إلا الله وحده لا شريك له إله الأولين والآخرين، ونشهد أن سيدنا ونبينا محمدًا عبده ورسوله البشيرُ النذيرُ، اللهم صلِّ وسلِّم وبارِك عليه وعلى آله وأصحابه وعلى التابعين لهم بإحسان الى يوم الدين.الله أكبر، الله أكبر، لا إله إلا الله، الله أكبر، الله أكبر، ولله الحمد.

أما بعد؛ سۆيۈملۈك مۇسۇلمان قېرىنداشلا ! ھەر يىلى كېلىۋاتقان بۇ قۇربان ھېيت بىزگە، پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى ،ئاللاھنىڭ خېلىلى ھەزرىتى ئىبراھىم ئاتىمىزنىڭ ۋاپادارلىق روھىنى ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسلىمىيەتچانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شانلىق تارىخىنى ئەسلىتىدۇ.ئۆز ۋاقتىدا  ئىبراھىم ئەلەيھىسالام شۇنداق دەپ جاكارلىغان ئىدى: {إنّي وجّهت ُوجهي للذي فطر السماوات والأرض حنيفاً وما أنا من المشركين} .

 بۇ، قۇربان ھېيت بىزگە، ھەزرىتى ئىبراھىم ئاتىمىزنىڭ،ئۆز ۋاقتىدىكى ئىلاھ ئورنىدا ئىبادەت قىلىنىپ كەلگەن پۇتلارنى  چېقىپ تاشلىشى دەك قورقماس قەيسەرلىكىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇ، قۇربان ھېيت بىزگە، ھەزرىتى ئىبراھىم ئاتىمىزنىڭ ئۆز قەۋمىنى، بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، چاقىرغانلىقىدەك ئەڭ توغرا تەشۋىقاتىنى ئەسلىتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىك ۋە كاپىر ئۇنسۇرلارنىڭ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ جازالاشقا ھۆكۈم قىلغانلىقىدەك يولسىز قارار ۋە ناھەق ھۈكۈمنامىلىرىنىمۇ سەمىمىزگە سېلىپ ئەسلىتىدۇ.

شۇنداق…. ئۆز ۋاقتىدىكى كاپىرلار ھەزرىتى ئىبراھىم  ئەلەيھىسالامدىن ئۆچ ئېلىش ،ئۆزلىرىنىڭ بۇتقا چۇقۇنۇشتەك داشقال خۇراپىي ئىدىيىسىدە تەلۋىلەرچە چىڭ تۇرۇشى نەتىجىسىدە،ئىبراھىم ئاتىمىزدەك توغرا نىيەتلىك ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرگە (كۆيدۈرۈش ھۈكۈمنامىسى) ئېلان قىلىپ رەسمى ئىجرا قىلغان ئىدى. ھەزرىتى ئىبراھىم پەيغەمبەر بولسا ھەق دىن  ئىسلامدا چىڭ تۈرۈپ،ئوتقا تاشلىنىش جازاسى ئالدىدا تىز پۈكمەي: )حسبنا الله ونعم الوكيل(دېگەن شوئارنى تولاپ كاپىرلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ ئىيمانىدا چېڭ تۇردى.شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئوتقا ئەمرى قىلىپ،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوت يالقۇنى ئىچىدىن ساق سالامەت چىقىرىپ قۇتقۇزدى.

بۇ، قۇربان ھېيت بىزگە، ھەزرىتى ئىبراھىم ئاتىمىزنىڭ ئىسلام دىننى باشقىلارغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئانا يۇرتى پەلەستىن نى تاشلاپ مەككىدىكى تاقىر چۆللۈك كە كېلىپ كەبىنى بىنا قىلغانلىقىنى،ئەسلىتىدۇ. ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئاللاھدىن پەرزەنت تىلەپ،ئاخىردا دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسالامدىن ئىبارەت ئىتائەتمەن سالىھ پەرزەنتكە ئىرىشكەنلىكىدەك خۇشاللىنارلىق تارىخنى ئەسلىتىدۇ.

:“ رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ ”الصافات.
بۇ، قۇربان ھېيت بىزگە،بۇھاجەر ئانىمىزنىڭ يولدىشى ئىبراھىم ئاتىمىزغا  ئىتائەت قىلىپ،ئېمىتىۋاتقان بالىسى ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە سۇسىز گۈل گىياھسىز تاقىر چۆلدە يالغۇز قېلىشقا رازى بولغانلىقى ،كېيىنچە زەمزەم بۇلىقىغا ئېرىشكەنلىكى قاتارلىق گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، شۇنداقلا بۇھاجەر ئانىمىز ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئىش ھەرىكتى بىلەن ياراتقان نەمۇنىلىك تەقۋا ئايالنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىتىدۇ.
“ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَى فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانظُرْ مَاذَا تَرَى
قَالَ يَا أَبَتِ“ وسنان السكين الحادة على رقبته،“ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ ”
”فَلَمَّا أَسْلَمَا ”أسلما الأمر كله لله عز وجل، وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ ”.و الله لا يضيع أهله فيأتي الفرج من السماء وينادى على الخليل ”وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ إن هذا لهو البلاء المبين وفدينه بذبح عظيم ”

 

2-ئىككىنچى خۇتبە
الله أكبر ،الله أكبر ،الله أكبر ،لا إله إلا الله والله أكبر كبيرا.
سۆيۈملۈك قېرىنداشلا ! ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسالام  ئىككىلىسى ئاللاھنىڭ چاناقلىرىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۇق ،ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە تۇرغانلىقىنى بىلدۇق، قېنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى!  ئاللاھ بىزنى كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرىدى نامازلىرىمىزنى تولۇق ئۇقۇيالىدۇقمۇ؟ ئاللاھ بىزنى ھارام ئىشلاردىن قول ئۈزۈشكە بۇيرىدى ،بىز ھارامدىن چەكلىنىپ نەپسىمىزنى يىغىپ ئۆزىمىز ئۈستىدىن غالىب كىلەلدۇقمۇ؟
”ولنبلونكم حتى نعلم المجاهدين منكم والصابرين ونبلو أخباركم“.

ئارىمىزدا مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولغانلار بار،ئاغرىپ قالغانلار بار قېنى كىم ئاللاھنىڭ قازاسىغا تەن بېرىپ،ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلماي كۇپۇرانە سۆزلىمەي ،لايىقىدا ئاللاھقا شۈكرى قىلىش ئارقىلىق ئۇنداق سىناقلاردىن  ئۆتەلىدىمۇ؟
سۆيۈملۈك مۇسۇلمان قېرىنداشلا!ھەركىم ئاغرىپ قېلىشتىن ئىگىرى ساقلىقنى قەدىرلەپ ئاللاھدىن ئامانلىق تىلىسۇن!
مۇبادا بەختىكە قارشى مۇسىبەتكە ياكى بىرە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ سىناققا دۈچ كېلىپ قالسا ئەسلا قاقشىمىسۇن!

 كېسەلنى قاغىمىسۇن!ئۆلۈمدىن قورقمىسۇن!جان تەندە ئامانەت،ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان بۇيىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ .ئارىمىزدا يۈز ئابرۇيغا ئىرىشكەن كىشىلەر بار قېنى ئۇلار ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىنى باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا قوللاندىمۇ ياكى ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا قوللاندىمۇ؟..يقول النبي صلى الله عليه وسلم“ اشفعوا تؤجروا“.

ئارىمىزدا بەزى ئىشلارغا مەسئۇل بولغان باشلىقلار بار، قېنى ئۇلار باشلىقلىق مەنسىپىنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارغا توغرا قوللىنىپ،ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ ئاللاھدىن ئەجىر ئېلىشقا لايىق بولدىمۇ؟ ياكى باشلىقلىق ئامانەتنى زايە قىلىپ،ئەمەل مەنسەپنى توغرا يەرگە دۇرۇس قوللانماي ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولۇپ قالدىمۇ؟. وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْناهُ آياتِنا فَانْسَلَخَ مِنْها فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطانُ فَكانَ مِنَ الْغاوِينَ ……“نۇرغۇنلىرىمىز ھاياتىمىزدا  نەچچە رەت ھەق ناھەق تەرەپلىرىنى تاللاشتەك سىناقلارغا دۈچ كەلگەن بولىشىمىز مۇمكىن، قېنى كىم ھېچ كىمدىن قورقماي ھەق تەرەپدارى بولۇپ باقتى؟

قال الله تعالى“ ياأيها الذين امنوا اتقوا الله وكونوا مع الصادقين“نۇرغۇنلىرىمىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن قېتىم شەھۋەت ئىمتىھانىغا دۈچ كەلگەن بولىشىمىز مۇمكىن، قېنى كىم شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەي نەپسىنى يىغىپ ،ئاللاھتىن  قورقۇپ،ھارام زىنادىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالىدى؟

 نۇرغۇنلىرىمىز ئاللاھ يولىدا پۇل خەجلەپ خەيرى ئېھسان قىلىش ياكى قىلماسلىق بىلەن سىنالغان بولىشى مۇمكىن، قېنى كىم  بېخىللىق سىرتمىقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئاللاھ يولىدا سەدىقە جارىي قىلالىدى؟ يۇقۇردىكىلەر ھەركىم ئۆز ئۆزىدىن ھەر ۋاقىت سوراشقا تىگىشلىك سۇئاللاردۇر .

 

ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>