باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى » شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

CR6Whn0XAAAryhvشىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

 تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان خەقلىرى كۈرىشى خەلقئارا يىغىنى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بىلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان ياۋرۇپا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن،شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ باش كاتىپى ھاجى ئابدۇللاھ كۆكيار يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى ”دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى“دېگەن تېمىدا  بولۇپ،ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆزلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ رەئىسى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مالايسىيا،قازاقىستان، قىرغىزىستان،تۈركىيە، قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلار، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاۋسترالىيە،ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە،  گوللاندىيە، فىنلاندىيە،شىۋېتسىيە،قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر شۇناس تەتقىقاتچىلىرى، دىنىي داھىيلار، ئىلىم-پەن سەركەردىلىرى ھەمدە بېلگىيە دۆلەت ئىچىدىن بولۇپ جەمئىي 80 نەپەردىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.بۇ قېتىمقى يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ۋەكىللەر قانداق قىلىپ شەرقى تۈركىستاندىكى دىننى ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شەرقى تۈركىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش،ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مورىنى مۈرىگە تىرەپ ،خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، تارىختىكى غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان بەزى بىر پىكىر توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىش،خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادى ئاساسى ۋە مەدەنىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا  دەۋرىنىڭ سىياسى تەلىپىگە ماس كىلىدىغان يىڭى  بىر خىل مۇكەممەل سىياسى پىكىر يارىتىش ،يارىتىلغان مۇكەممەل يىڭى پىكىرنى ئىچكىرى«شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا» تاشقىرى «خەلقارا مىقياسىدا» دېگەن ئىككى يۈلۈنۈشكە ئايرىپ توغرا تەشۋىق قىلىش،قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنى يىغىن باياناتى ئېلان قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.  يىغىن مەزگىلىدە،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپ ھاجى ئابدۇللاھ كۆكيارنى قوبۇل قىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە،  باش كاتىپ ھاجى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى ھەمدە كۈۋەيتتە چىقىدىغان «ئەلمۇجتەمە» ژۇرنىلى،مىسىردا چىقىدىغان «ئەلسەپۋە»تور گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.eruntitledqw

 

 

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>