باش بەتكە قايتىڭ » تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار » مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا بىر نەزەر
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا بىر نەزەر

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا بىر نەزەر

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا بىر نەزەر
 
ئابدۇللا كۆكيار
 خەلقئارا مىقياسىدا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تىز راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا،دۆلەتلەر ئارا كۈچ كۆرسىتىش رىقابىتىنىڭ كۈندىن -كۈنگە كەسكىنلىشىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ،ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچتىن قالسىلا ئىستىخبارات ۋە تەشۋىقات- ئاخبارات قاتارلىقلارنىڭ كۈچى ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ قالدى. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۈشمەنگە قارشى دەل ۋاقتىدا ۋە دېپلوماتىك ئۇسلۇبتا ئېيتىلغان بىر ئېغىز توغرا  گەپنىڭ دۈشمەننى تالاپەتكە ئۇچۇرتۇش تەسىر كۈچى، دۈشمەنگە نەخ ئېتىلغان مىڭ پاي ئوقنىڭ تەسىر كۈچىدىنمۇ كۈچلۈك بولىۋاتقانلىقىنى ئۆز قولىقىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتىمىز.
ھازىر ئاخبارات ۋە تەشۋىقات دېسە،يۇقىرىسى ھەر قايسى دۆلەت ۋە شۇ دۆلەت تەركىبىدىكى ھەرخىل ئورگانلاردىن باشلاپ تاكى نورمال بىر شەخسلەرگە قەدەر ھەممىسى ئالاھىدە قارايدۇ، دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ساھەسىگە ئالاھىدە ئاجراتقان زور مىقداردىكى سېلىنمىلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ،ئۇچۇر ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھۆر ئەللەردىكى ئاددىي بىر شەخسى پۇقرانىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرخىل خۇسۇسىي تەشۋىقاتلىرى ۋە بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئومۇمى خەلق ئاممىسىنىڭ تەپەككۇرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ھەر تۈرلۈك تەشۋىقاتنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تەسىرىنى بايقايمىز.شۇڭلاشقىمۇ كۈرەشچى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا ئىگە ھەر قانداق تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر كۆپۈنچە ھالدا خەلقارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ.ئادەتتە مەلۇم بىر تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ياكى مەلۇم بىر تەشۋىقات كامپانىيەسى نىڭ خەلقئارادا بازار تېپىشى، كۆپىنچە ھالدا شۇ،تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئىشلىرىدا چىنلىقنى ئاساس قىلىشى،مەنبەلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك بولىشى، ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىلوگىيە پىكىرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن مەنتىقلىق بولىشى، قاتارلىق بىر يۈرۈش ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا،ئاساسلىقى تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ كەسپى ماھىرلىقى بىلەن شۇ،تەشۋىقات تارماقلىرىنى« نېمىنى تەشۋىق قىلىش ھەقتىكى مۇئەييەن بىر پىكىر ئدىلوگىيە» بىلەن تەمىنلەيدىغان مەفكۇر ساھىبلىرىنىڭ ئۆز -ئارا ماسلىشىشچانلىقى بىر-بىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالىشىمۇ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.قىسقارتىپ ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر تەشۋىقاتنىڭ بازار تېپىشى،ياكى تاپماسلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئۇنىڭ ئارقا تىرىكىنىڭ كۈچلۈك بولىشىغا باغلىق.
ئۇنداقتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئارقا تىرەكلىك رول ئويناۋاتقان،ئۇيغۇر سىياسىيونلار ،مۇتەپەككۇرلار،ئۇيغۇر سىياسىي تەشۋىقات تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تەشۋىقاتچى ۋە تەشۋىقات تارماقلىرىنى  « نېمىنى تەشۋىق قىلىش ھەقتىكى مۇئەييەن بىر ئاممىباب پىكىرئىدىلوگىيە» بىلەن تەمىنلىيەلىدىمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىمىز ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىز نىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ئۆز -ئارا كېڭىشىپ بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىرەر مۇكەممەل ئىدىلوگىيە ۋە  پىكىر قاراشلىرى بارمۇ؟بولسا، ئۇ،كونكرېت نېمىلەردىن ئىبارەت؟يۇقىرىدىكى نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ،مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات تارماقلىرىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.تەشۋىقات تارماقلىرىدا پائال خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىرىنى«ئىملاغا دىققەت قىلمايدۇ» دېدۇق، يەنە بىرنى «يىرىك يازىدۇ،قوپال سۆز ئىبارىلەرنى قوللىنىپ ،تەرەپسىزلىككە دىققەت قىلمايدۇ» دېدۇق،رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بەزى مەن -مەن دېگەن كىشىلەر كۆزىنى كىچىكلىتىپ، تەشۋىقات تارماقلىرىغا بېسىم قىلىپ“پالانچىلارنىڭ خەۋىرىنى يازماڭلار!بىزنىڭ تەشكىلات قىلغان ئەتكەن ئىشلارنى كۆپلەپ يېزىڭلار!“دېگەننىمۇ خىجىل بولماي ئوتتۇرغا قويدى.ھەر كىم ئۆزى تەۋە بولغان تەشكىلاتنىڭ ئوبرازىنى دۆلىتىمىز(شەرقى تۈركىستان)نىڭ ئوبرازى ئۈستىگە قۇيىۋالغىلى تاس قالدى.
 سىياسىي تەشۋىقات سېپىمىزدە رولى چوڭ بولغان كۆپىنچە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمىزدا ئېلان قىلىنغان يازمىىلاردا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ،ئىملا خاتالىقى،مېتود خاتالىقى،سۆزلەرنىڭ مورپىلوگىيلىك تۈرلىنىش جەھەتتىكى خاتالىقى،سىنتاكسىس خاتالىقى، قاتارلىق ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تىل خاتالىقى، تېخىمۇ قىسقارتىپ ئېيتقاندا كەسپى ئاجىزلىقلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت،بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.لېكىن بۇ،كەسپى ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاش بىلەنلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ سىياسىي ئىدىيە تەشۋىقاتىمىز بىز كۆزلىگەن زور نەتىجىلەرنى بېرىپ كېتىشى ناتايىن.چۈنكى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلاردا، تۈركىستانلىققا خاس ئومۇمى مىللىي بىرلىك ئىڭى،تۈركىستانلىققا خاس سىياسىي نىشان،تۈركىستانلىققا خاس قىممەت قاراش، ئاستا-ئاستا يىتىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ،تېخىچە تازا مۇكەممەللىشىپ بولالمىدى.مانا بۇ،ئۇيغۇر سىياسى تەشۋىقات  ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنى ئاددىي خاتالىقلار ئۈچۈن تەنقىد قىلىۋاتقان،ياكى چەتئەل تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى تەشۋىقاتىغا نەزەر تاشلىمىغانلىقتىن ئاغرىنىۋاتقان سىياسىيونلىرىمىز،مەتەپەككۇرلىرىمىز ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك  ئەڭ مۇھىم نۇقتا.
ھەر دەرىجىلىك  ئۇيغۇرتەشكىلات رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى سىياسى يېتەكچى رەھبەرلىرىمىز،كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ،ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە تولۇق  ئېلىپ، ئىدىيەۋى تەشۋىقات ساھەسىدىكى زور مەسىلىلەرنى  كەڭ دائىرلىك تەھلىل قىلىشى لازىم! ھۆكۈم چىقىرىش ۋە زور ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيىۋى ۋە سىياسى تەشۋىقات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك!

گەپ بۇ،يەرگە كەلگەن ئىكەن ئۇيغۇر سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىكى ئەركىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلغان خەۋەر ۋە ئانالىزلاردا مەۋجۇت دەپ قارىلىپ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ «تاكامۇلچى»ئېقىمىدىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان ئاتالمىش «قاتتىق مېتود» ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتەيلى!
بۇندىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەرلىرىمىز خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ نامىنى بەزى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى(ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى) دا ئاغزىغا ئالسا، شۇ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ قويغان سىياسى چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك  «خىتاي دائىرىلىرى»دەپ ئالاتتى.مۇبادا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلارنى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە،ئادەملەر خىتاينى «زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى»دەپ سۈپەتلەپ ئادەتلەنگەن ئىدى. كېيىنچە «زالىم» دېگەن سۈپەت خىتاينىڭ زوراۋان،مۇستەملىكىچى ئۇنسۇر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قەبىھ ماھىيىتىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىرخىل يۇمشاق سىياسىي ئۇقۇمدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن،تارىخى دۈشمىنىمىز خىتاي مۇستەملىكە كۈچلىرىنى مەتبۇئات يۈزىدە « قانخور،جاللات،زوراۋان،مۇستەملىكىچى» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتاش ئېقىمى مەيدانغا كەلدى.مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز تېخى تۈنۈگۈنگە قەدەر خىتايدىن ئىبارەت ۋەھشى دۈشمىنىمىزنى ئەڭ مۇۋاپىق سىياسىي ئاتالغۇ بىلەن سۈپەتلەپ ئاتاشنى تەشۋىقات ساھەسىدىكىلەرگە ئۆگىتىش ئارقىلىق تەشۋىقات جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئويلىشىشقا كېچىكىپ  قەدەم تاشلىغان بىر خەلق ئىدۇق.
ئۆز- ئۆزىمىزنى قامچىلاشتىن ئىلگىرى دۈشمىنىمىز خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار،ئۆزىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىنى ئۆز ۋاقتىدا قانداق سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن ؟ھازىر بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنى نېمە دەپ سۈپەتلەيدۇ؟بۇنىڭغىمۇ بىر نەزەر سالايلى!ئادەتتە جۇڭگولۇقلار جۇڭگونىڭ چىشىغا تەككەن چەتئەللىكلەرنى تىللىسا دائىم «ئالۋاستى» دېگەن گەپنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەگەر جۇڭگولۇق خىتايلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تىللىسىمۇ دائىم «قاراقچى، باندىت» دېگەندەك گەپلەر بىلەن تىللايدۇ.ھەتتا  خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلار يۇقىرىقىدەك «دۈشمەننى ئاشۇرۇپ تىللاش ئادىتى»نى شەرقى تۈركىستاندىكى مىللى كوممۇنىست غالچىلارغىمۇ ئۆگىتىپ بولدى.
مەسىلەن:
سىياسى ئىدىيىسى زەھەرلىنىپ خىتاي مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا جان جەھلى بىلەن ئىتتەك سادىق ئىشلەۋاتقان مىللى كادىرلىرىمىز ،مەتبۇئات يۈزىدە ياپون ئالۋاستىلىرى ،ئەنگلىيە ئالۋاستىلىرى، ئامېرىكا ئالۋاستىلىرى، گېرمانىيە ئالۋاستىلىرى،ئۈچ خىل زوراۋان كۈچ،دىننى ئەسەبى،مىللى بولگۈنچى ئۇنسۇرلار دېگەندەك سۆزلەرنى قەدەمدە بىر ئاغزىغا ئالىدۇ. ياپونلۇقلار جۇڭگو زېمىنىنىڭ شەرقتىكى بىر بۇرجىكىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن سەل پەل بۇرۇن بىر مەزگىل ئىشغال قىلىپ،كېيىنچە تاشلاپ چىقىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق،ھەممە خىتاي ياپونلۇقلارنى ھازىرغىچە«باسقۇنچى،مۇستەملىكىچى،ئالۋاستى ،زوراۋان تاجاۋۇزچى»ئاللا قانداقتۇر سىياسىي تۈس ئالغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ ئاغزىغا ئېلىشلىرىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىشىمىزيۇ،«ئىت قىلغاننى ئىشتاچى قىلماپتۇ» دېگەن ئاتا سۆزىگە قاتتىق ئېسىلىۋالامدۇق تاڭ زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ 60 نەچچە يىلدىن بىرى قېنىمىزنى چىلاشتۇرۇپ ئىچكەن جاللات خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنى قانخورلۇق ماھىيىتىگە يارىشا ئاتاپ بىر كىم يازما يازسا« قاتتىق كېتىپتۇ،قوپال تېگىپ كېتىپتۇ» دەپ تەنقىدىمىز تەييار.
توغرا ،قۇرئان كېرىمنىڭ ئەنئام سۈرىسى 108-ئايىتىدە جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىنى بىكادىن بىكا تىللاپ ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك چاقىرىق قىلىدۇ،مەزكۇر چاقىرىقنىڭ روھىغا ئاساسەن بىز ئەلۋەتتە دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ مەبۇدلىرىنى بىكاردىن بىكا تىللاپ دۈشمىنىمىزنى كۈپەيتىۋالماسلىقىمىز كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئازات يۇرتىمىز شەرقى تۇركىستانغا 1949-يىللىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ،ئاستا-ئاستا زىمىنىمىزغا پۇتىنى تىقىپ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىللىمىزغا مىنىپ، مۇسۇلمان خەلقىمىزگە كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت خۇداسىزلىق ئىدىيىسىنى قۇرال كۈچى بىلەن مەجبۇرى تاڭغان ئەشەددى دۇشمىنىمىز خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنى،ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى قانخورلۇق،زوراۋانلىق ماھىيىتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىنگىلىزچە«Chinese occupation authorities» دېگەن سىياسى سۈپەتلەر بىلەن ئاتىشىمىز لازىم!قانداقتۇر بۇ،خىل ئاتاش ئىتىقاد ۋە ياكى ئەخلاق ئۆلچىمىمىزگە،شۇنداقلا تەرەپسىز ئاخباراتچىلىق پرىنسىپىغا خىلاپ بولمىسا كېرەك.
يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان مەۋجۇت مەسىلىلەردىن شۇنى  بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى،گەرچە بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق نىشانىمىز خىتاي كوممۇنىست مۇستەبىت ئۇنسۇرلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن تەلتۆكۈس ئازات بولۇش بولسىمۇ،بەزىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىمىزدە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قانداق قىلىپ ئازاد بولۇش ئىستىكىمىزنى خەلقارا سىياسى دىپلومات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن شەكىلدە جانلىق ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلەپ،دۈشمىنىمىزنى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قەبىھ ماھىيتىگە يارىشا ئېنىق سۈپەتلەربىلەن سۈپەتلەپ ئاتاشتىن ئىبارەت كۈرەشچان تەشۋىقات ئېڭىمىز تېخىچە تولۇق يېتىلمىگەن.يېتىلگەن تەقدىردىمۇ،ئىدىيىمىزنى قورقۇش ۋىرۇسلىرى قاپلاپ كېتىپ، ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئىچىمىزدىكىنى تىلىمىزغا چىقىرىش ئىقتدارىمىز تۆۋەنلەپ،ئۇمۇمىي شەرقى تۈركىستانلىقلارئارىسىدا ئىچىدە يىغلاشتەك يامان ئادەت  ئومۇملاشقان. ۋەتەن ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دۈشمەننى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قەبىھ ماھىيتىنى ئىپادىلەيدىغان ”مۇستەملىكچىChinese occupation authorities“دېگەندەك سۈپەتلىرى بىلەن ئاشكارا ئاتىيالماي ئەكسىچە مۇستەملىكچى خىتاي باندىتلىرىنى يالغان راستلاردىن «ئازاتلىق ئارمىيە،» دەپ ئاتاپ ئىچىدە يىغلىشىنى توغرا چۈشەنسەكمۇ،ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يىغلىشىنى،ئۇلارنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا خىتاي مۇستەملىكچىلىرىنى ”خىتاي كاپىرلىرى،زالىم ختاي“ دېگەندەك ئېنىقسىز ئاممىباب سۈپەتلەر بىلەن ئاتاپ،گويا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرى دىنسىز كوممۇنىست بولغانلىقى ئۇچۇنلا،ياكى ئۇلارنىڭ خەلىققا سالغان زۇلمى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ،شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىېۋاتقانلىقىدەك بىرخىل خاتا ئۇقۇم يارتىپ سېلىپ، نەتىجىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرى بىلەن شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا تارىختىن بىرى مەۋجۇت بولغان كۆپ قاتلاملىق كۈرەشنىڭ دائىرىسىنى نۇقۇللاشتۇرۇپ قويۇپ،سىياسى دىپلومات پرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولمىغان تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ھەرگىزمۇ،ئاقىلانىلىك دېگىلى بولمايدۇ.
نېمىلا بولمىسۇن،بۇمۇ بىر دىققەت قىلىپ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا.بۇنداق دېسە «خىتاينى قاتتىق سۈپەت بىلەن ئاتىساق خەلقئارا مەتبۇئات بىزنى قوللىمايدۇ» دېگەندەك يېرىم ياتا سىياسىي سەۋەبلىرىمىز تەييار، بەلكىم بۇ سەۋەبنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى باردۇ،لېكىن خىتاي خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنىڭ زىممىنى بېسىۋالمىغان بولغاچقا ،خەلقئارا خىتاينى يۇمشاق ئاتىغان بولىشى، مۇمكىن.ئەمما بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتاينى سۈپەتلەش توغرىسىدىكى سىياسىي مەسىلىدە خەلقئارانى دوراپ ،خىتاينى يۇمشاق ئاتىساق بولمايدۇ.شۇنداقلا  يۇقىردا ئېيتىلغاندەك  تەنقىت ئۈبۇكتىمىزنى زىمىنىمىزنى بېسىۋالغان خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا،ئۇلارنىڭ دىنسىزلىق،ئادالەتسىزلىك تەرەپلىرىگە كۆپ ئېسىلىۋېلىپ، ئۇلارنى يامان كۆرسەكمۇ بولمايدۇ.چۈنكى بىراۋنى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلىقى سەۋەبلىك يامان كۆرۈش نە دىينىمىزنىڭ تەلىماتىغا، نە خەلقارا سىياسى دىپلۇمات پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولمىغان بىرخىل يامان ئىللەت.ئەمما بىراۋنى زىمىنىمىزنى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن سۆيمەسلىك ھەققىمىز ئەلۋەتتە بار.ئۈشبۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرگە تەشۋىقاتىمىزدا دىققەت قىلمايدىكەنمىز خەلقارادا ھېچ كىمگە گىپىمىزنى ئاڭلىتالماي قالىمىز.بەلكى ھەقلىق تۇرۇپمۇ ھەقسىز بولۇپ قالىمىز.
خۇلاسە كالام،مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئارقا تىرەكلىك رول ئويناۋاتقان،ئۇيغۇر سىياسىيونلار ،مۇتەپەككۇرلار،پۇتۇن زېھنىنى ئۇيغۇر سىياسى داۋا ساھەسىدە ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان ھەر دەرىجىلىك كۈرەشچى تەشۋىقاتىنىڭ كەسپى ساپاسىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە سىياسى تەشۋىقاتنىڭ نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسى ۋە ئىدىيىۋى تەشۋىقاتنى تۆۋەندىكىدەك ”ئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈپ“تەشۋىق قىلىشقا،سەرپ قىلىشى كېرەك!
1-شەرقى تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس
2-خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرى تۈركىستانغىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا يۇشۇرۇن تەھدىت
3-مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان  دۇنيا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ ھەر خىىل يۇشۇرۇن تەھدىتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان مەنىۋى توسما
رەھبەرلىرىمىز سىياسى ئىدىيۋى تەشۋىقاتقا قاراتقان زىھنىنى يۇقۇردىكى مۇھىم نۇقتىلارغا  مەركەزلەشتۈرۈپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرىنى تەشۋىقات يۈزىدە تىلغا ئالغاندا چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى قەبىھ ماھىيىتىنى ئوبرازلىق يۇرتۇپ بېرەلەيدىغان ئېنىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ يېزىشنى كۈرەشچى تەشۋىقاتىمىزدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم!

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>