باش بەتكە قايتىڭ » تەلىم - تەربىيە » دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

CTFMP7_WsAE0AU8

ئاتا ئائىلە تەربىيىسىگە قانچە كۆپ قاتناشسا، بالىنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى شۇنچە ياخشى، جەمئىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى شۇنچە زور بولىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
ئاياللار تۇغما ھېسسىياتچان، ئەستايىدىل-ئىنچىكە، مۇلايىم كېلىدۇ، بۇنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولى ئىنتايىن زور، بىراق بۇ قىسمەن بالىلاردا قورقۇنچاقلىق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ، ئاتا دەل مۇشۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ، ئەرلەرنىڭ كەسكىن، يۈرەكلىك، ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدەك خاراكتېرى بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولىدۇ.
1.ئاتىلار بالىغا قانداق تەربىيە بېرىش جەھەتتە ئانىلاردىن بالىلىرىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ، ئەمما ئەمەلىي تەربىيىگە ھېچقانداق پىلانى بولمايدۇ. ئاتىلار بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئالدىن پىلان تۈزىدۇ، بالىدا قانداق ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى ئالدىن ئويلىشىدۇ.
2.تەربىيە مەزمۇنىدا مەلۇم ئانىنى مەلۇم ئاتىغا سېلىشتۇرغاندا بەزى ئانىلار ئۈستۈن بولسىمۇ ،ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئاتىلار ئانىلاردىن بىر قەدەر ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئاتىنىڭ بىلىم دائىرىسى ئانىلاردىن كەڭ بولىدۇ، ئاتىلار بۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا تارىخىي ھېكايىلەر، ئۆرپ-ئادەت، قەھرىمانلار ھەققىدە ھېكايىلەرنى ئېيتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ.
3. تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئىلمىي بولىدۇ. ئاتىلار ئادەتتە بالىنى ئۆزى كاللا ئىشلىتىپ، قول سېلىپ ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئاتىلار بالىغا بىر قەدەر قاتتىق قول كېلىدۇ، ئانا بولسا كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى سەۋەبلىك بالىغا قاتتىق قوللۇق قىلالمايدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ ئەركە چوڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
4.بەدەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. ئاتىلار بالىلىرىنىڭ قۇم، توپا ئوينىشىنى چەكلىمەيدۇ، ئەمما ئانىلار ئۇلارنىڭ كىيىمىنى مەينەت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ خىل ئويۇندىن توسىدۇ. ئەنگلىيە ئالىملىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ زىيادە پاكىز بولۇشىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
5. خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئانىلار بالىلارغا زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىنى سەل خەتەرلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرمايدۇ، بىراق ئاتا ئۇنداق قىلمايدۇ، ئۇلار بالىلارنىڭ پائالىيەتچان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بالىنى ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۇنتۇمايدۇ.
مەنبەسى: شەرقى تۈركىستان قانۇنچىلىق گىزىتى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>