باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » ئابدۇللاھ كۆكيار: خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندا پەيزىۋاتتا يولغا قويغان «چاتما جاۋابكاربولۇش»ناملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى
ئابدۇللاھ كۆكيار: خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندا پەيزىۋاتتا يولغا قويغان «چاتما جاۋابكاربولۇش»ناملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئابدۇللاھ كۆكيار: خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندا پەيزىۋاتتا يولغا قويغان «چاتما جاۋابكاربولۇش»ناملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

 
ئابدۇللاھ كۆكيار: خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندا پەيزىۋاتتا يولغا قويغان «چاتما جاۋابكاربولۇش»ناملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدىbae70e85-066c-4aaf-81dd-140bc2f1b3d5

خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە، «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» دىن ئىبارەت قانۇن لاھىيىسىنى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مەسئۇلىيەتنامىسى دا يولغا قويۇلغان 30 ماددىلىق قارارنامىدا تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىمىلەر بويىچە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىغلىق ئەسۋاب سېتىۋېلىشى، سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلماسلىقى، دىنىي مەزمۇندىكى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئېلىپ سېتىشى، باشقىلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشى ۋە باشقىلارغا دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىشى، ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىماملار ئىماملىق قىلىدىغان مەسچىتتە ناماز ئوقۇماسلىقى، تۇرمۇشتا ھارام ۋە ھالاللىق ئۆلچىمى بويىچە ياشىشى، ھۆكۈمەت تارقاتقان گېزىتلەر ۋە ژۇرناللارنى ئوقۇماسلىقى، رادىئو ئاڭلىماسلىقى ياكى تېلېۋىزور كۆرمەسلىكى، تاماكا ۋە ھاراقلاردىن قول ئۈزۈشى، باشقىلارنى ھاراق ياكى تاماكا تاشلاشقا دەۋەت قىلىشى، دىنىي كىيىملەرنى تىكىپ سېتىشى، ئەنئەنىۋى شەكىلدە توي ياكى نەزىر قىلماسلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي ئوتتۇز ماددىلىق «چاتما جاۋابكارلىق» مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئېلان قىلىپ تارقاتقان ئىدى .

ئۇيۇشمىمىز نىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ كۆكيار، بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر چاتما جاۋابكارلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇ ،سىياسەتنىڭ بۇندىن نەچچە ئون نەچچە يىللار ئاۋۋال غەيرى رەسمى شەكىلدە شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كەڭ يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلار، شەرقى تۈركىستاندا مۇستەملىككە قارشى كۆتۈرۈلگەن خەلق ئىسيانلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش ئىشلىرىدا، 1990-يىللاردىن باشلاپ «خەلق ئاممىسىنى قالقان قىلىپ قوللىنىش، مەلۇم بىر گۇماندارنىڭ سىياسى ئىش ھەرىكىتى تۈپەيلى شۇ گۇماندار تەۋە بولغان جەمەت، ئايماقنى كوللېكتىپ جازالاپ ئۆچ ئېلىش» تەك رەزىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇمۇمىي خەلقنىڭ سەۋر قاچىسىنى تولدۇرغاننى ئاز دەپ، يېقىندا بۇ رەزىل سىياسەتنى ۋەتىنىمىزنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسىدە «كوللېكتىپ مەسئۇل بولۇش» دېگەن نام ئاستىدا قانۇنغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى يولغا قويغان بۇ، بىمەنە قانۇن خەلقئارا ئەھدىنامىلارنىڭ روھىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق دىن ۋە ئۆرپ ئادەت قائىدە يۇسۇنلىرىنىڭ روھىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس،جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر شەخىسنىڭ سەۋەبىدىن بارلىق جەمئىيەت ئاممىسىنى ئۇمۇمىي يۈزلۈك مەسئۇلىيەتكە تارتىش،جازالاش،تىرە تاراقلىتىپ خەلىق ئاممىسىغا تەھدىت سېلىش ئىشلىرى ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان ئېغىز ھاقارەت.

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دۆلىتى ۋە كۈچلۈك ھۆكۈمىتى بولماسلىقتەك يۇچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىنى، ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى، كۆزىگە ئىلماي يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ھەددىدىن ئاشتى.بارا- بارا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۇنتۇپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ«چاتما جاۋابكار بولۇش»تەك بىمەنە سىياسەتلەرنى خىجىل بولماي قانۇن قىلىپ بېكىتىپ چىقتى. دۇنيانىڭ سورىقى بارلىقىنى ئىسىدىن چىقىرىپ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلدى.خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار، شۇنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى كېرەككى، بۇ دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ھەققى ھېچ كىمدە قالمايدۇ، خىتايلارمۇ ئۇشبۇ رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابىنى كېچىكىپ بولسىمۇ ھامان بىر كۈن ئۆتەيدۇ. نە بىرەر دىندا، نە بىرەر ئەخلاق پرىنسىپىدا يوق بولغان بۇ خىتايلار ھېچ بولمىغاندا كېچىنىڭ كۈندۈزى بارلىقىنى ھەممە شەيئىنىڭ تارىختىن بىرى ئالمىشىپ كەلگەنلىكىنى قايتا ئويلىنىپ كۆرسە ۋە ئادالەت شوتىدىن تارىختا ھېچ كىمنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسە بولىدۇ.

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>