باش بەتكە قايتىڭ » ساغلاملىق » شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى«ستېفان لۆپۋەن» ئەپەندى خىتاينى ئاشكارا تەنقىت قىلدى
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى«ستېفان لۆپۋەن» ئەپەندى خىتاينى ئاشكارا تەنقىت قىلدى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى«ستېفان لۆپۋەن» ئەپەندى خىتاينى ئاشكارا تەنقىت قىلدى

760شىۋېتسىيەنىڭ باش مىنىستىرى«ستېفان لۆپۋەن» ئەپەندى خىتايدىكى ھاۋا بولغىنىش دەرىجىسىنىڭ خەلقارا ئۆلچەمدىن 22ھەسسە ئېغىرلاپ كېتىشىدەك زور ھادىسىنى پارانسىيەدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان« كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ مۇھىت ئاسراشقا سەل قارىشىدەك پاسسىپ مەيدانىنى تەنقىت قىلدى.

ئىگىلىنىشچە،خىتاينىڭ پايتەختى بەيجىن شەھرى ھاۋاسىنىڭ ھەر بىر كۇپ مىتىرىدا ئوتتۇرچە بولغىنىش نىسبىتى 560 مىكرو كۇپ مېتىرغا يەتكەن ،بۇ سان خەلقارا سەھىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەملىرىدىكى  سانلارغا سېلىشتۇرغاندا 22 ھەسسە ئېغىر ئىكەن.

ب  ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-دىكابىرخەۋەر قىلىشىچە،خەلقارا رەھبەرلىرى فارانسىيەگە يىغىلىپ مۇھىت ئاسراش توغرىسىدا يىغىن ئېچىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بېجىڭ دائىرلىرى بېجىڭ شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلارنى ھاۋا بۇلغانغان  سەۋەبلىك تەنەپپۇس ئۈچۈن سىرتقا چىقارماسلىقنى ئۇقتۇرغان .خىتاي دائىرلىرى ئۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىغان بېجىڭ شەھرى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجسى بۇ، دەرىجىگە يەتكەن بولسا،«خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا  ئاتوم قۇرال سىناق قىلىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان،خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىكلوگىيلىك تەبىئىى مۇھىتقا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان قالايمىقان فروجەكىتلىرى ھە دەپ ئىشقا كىرىشىۋاتقان،تەبىئىى بايلىق مەنبەلىرى قالايمىقان ئېچىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان«شىنجاڭ»نىڭ ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالدى؟دېگەن سۇئال دۇنيا سەھىيە تارماقلىرىنى .شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

 شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئابدۇللاھ كۆكيار بۇ،ھەقتە چەتئەل مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ جۈملىدىن مۇھىت سۆيەر شىۋېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ،ھەقتە خىتاينى ئاشكارا ئېيىپلاشقا باشلىغانلىقى،بىر تەرەپتىن بىر پۈتۈن خىتاي زېمىنىدا مۇھىت بولغىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن،خىتايلار ئۇزاقتىن بىرى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان دىيارىدا مۇھىت بولغىنىش ئەھۋالىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. خىتايلارنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلار نىڭ ساغلاملىقى يەر شارىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بىلەن چاتىقى يوقلىغىنى،پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈتۈرلىۋاتقان «مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتىگە»قارىتا پاسسىپ مەيدانىنى ئاشكارىلايدۇ

خەۋەرنىڭ شىۋېدچە مەنبەسى: http://www.expressen.se/nyheter/lofvens-attack-mot-kina-racker-inte/

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>