باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » ئۇيۇشمىمىز 2015-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئاچتى
ئۇيۇشمىمىز 2015-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

ئۇيۇشمىمىز 2015-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 09-يانۋار شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇيۇشمىنىڭ 2015-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن2016- يىللىق خىزمەت پىلانلىرىدىن دوكلات بەردى.CYYyplAWsAA9Uui (1)

يىغىندا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن، ئەخمەت تۇرسۇن ۋە نىجات تۇرغۇنلار ئۇيۇشمىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ مۇنداق مۇنداق دېدى: ئۇيۇشمىمىز ئانا تىل تەلىم تەربىيىسى بىلەن شوغۇللىنىپلا قالماستىن يەنە سىياسى داۋا تەشۋىقاتى، سىياسى تەربىيە،دىننى ئىشلار،  قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق خىزمەت تۈرلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ،2015-يىل ئىچىدە شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى خەلقارالىقلاشتۇرۇش خىزمىتى ساھەسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.  بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مەسئۇلى ئابدۇللاھ ئەھەد ئەپەندىنىڭ 2016-يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر پىلانى ۋە چاقىرىقىغا سەمىمى ئاۋاز قوشۇپ ئۆزىمىزنى كېرەكلىك- سىياسى ۋە تەلىم تەربىيە بىلىملىرى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىۋېتسىيەجەمئىيىتىدە يول تاپالماي قېلىۋاتقان يىڭى ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يېتەكلەپ، كېرەكلىك بولغان بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ شىۋېتسىيە جەمئىيىتىدىن ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىشىغا ياردەم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۇيۇشمىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن پېشقەدەم مەسئۇلى،ئابدۇللاھ ئەھەد مۇنداق دېدى:شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىنىڭ ئون يىللىق ئەمىلى خىزمەت تارىخىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ، خىزمەتلىرىمىزدە راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنى ئۇيۇشمىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ ،شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتىگە ئۆزىگە خاس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇشتەك ئۆلگىلىك ئورنىمىزنى يىلدىن يىلغا تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ ،ئۇيۇشمىنىڭ كۈندىن كۈنگە يۇقىرىلاپ مېڭىۋاتقان خىزمەت ئېھتىياج تەلىپىنى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ كەلگۈسى خىزمەت يوللىرىنىڭ  تېخىمۇ راۋان ۋە پارلاق بولىشىنى جانابى ئاللاھدىن تىلەيمىز.ئالدىمىزدىكى بۇ، بىر يىل ئىچىدە تەلىم تەربىيە،سىياسەت ۋە دىننى ئىشلار خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>