باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » ئۇيۇشمىمىز (شەرقى تۈركىستان دىننى ئۆلىمالار بىرلىكى) قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى
ئۇيۇشمىمىز (شەرقى تۈركىستان دىننى ئۆلىمالار بىرلىكى) قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

ئۇيۇشمىمىز (شەرقى تۈركىستان دىننى ئۆلىمالار بىرلىكى) قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تەبرىكنامە

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ، ئىسلامنى شۇنداقلا ئىستېداتلىق ئەھلى ئۆلىمالار قوشۇنىنى چىش تىرنىقىدىن ئۆچ كۈرىشى،ئىسلام دىننى كومۇنىزم ئىدىيىسىگە ماسلاشتۇرۇشنى رەت قىلغان ھەققانىيەتچى ئالىملارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىشى، قاتارلىق زوراۋانلىق تەھدىت لىرى،سەۋەبلىك ۋەتەن قوينىغا قايتىشقا،ئۆز خەلقى ئارىسىغا چىلىشىپ ياشاپ خېلىقنىڭ دىننى بىلىملەرگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش تەك يۈكسەك ئارزۇلىرىغا يېتەلمەي،دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئىستىقامەت قىلىپ،ئۈمۈتۋار ياشاۋاتقان ئالى مەلۇماتلىق ئۇيغۇر دىننى زىيالىيلارنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كالامى قۇرئان ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ،ئۇلارنى (شەرقى تۈركىستان دىننى ئۆلىمالار بىرلىكى) جەمئىيىتىنى غەلىبىلىك قۇرۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا سان-ساناقسىز مەدھىيىلەر بولسۇن!

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننى ئېتىقادى، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ نوقتۇلۇق زەربە بېرىش ۋە يوقۇتۇش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان،ئۇنى ئاز دەپ،خەلقئارادا ئىسلامنى ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتى ئۈچۈن سۈيئىستىمال قىلىش غەرىزىدە ئىسلامنىڭ ساپ روھىنى بۇرمىلىغۇچى ساقتا تەشۋىقاتچىلاركۈپىيىۋاتقان،دىن دۈشمىنى كۈچلەر،ھە دەپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەدرىجى ئەستىن چىقىرىپ مېڭىشى ،ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ ئۆز ئارا پىكرى چۇۋالچاقلىقى قاتارلىق بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ھەرخىل ئېقىملارنى پەيدا قىلىشقا ھەركەت قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، (شەرقى تۈركىستان دىننى ئۆلىمالار بىرلىكى)نى قۇرۇش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇمۇمى بىرلىكىنى قوغداش خىزمىتى ،دىنپەرۋەر ۋە ۋەتەن سۈيەر شەرقى تۈركىستانلىق دىننى ئالىملارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇھىم ۋە تەخىرسىز بىر مەجبۇرىيەت ئىدى.ئۇشبۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى تونۇپ،بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى خەلقىمىزگە توغرا شەكىلدە بىر مەركەزدىن يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قەسەمياد قىلىپ،خەلقارا دىننى ئەركىنلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا قانۇنلۇق تەشكىللىنىپ،(شەرقى تۈركىستان دىننى ئۆلىمالار بىرلىكى)نى قۇرۇپ چىققان ۋە بۇ،بىرلىكنى قوللىغان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن چىن يۈرەكتىن سەمىمى تەبرىكلەيمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى
ئابدۇللاھ كۆكيار
2016-يىلى 01ئاينىڭ 23-كۈنى

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>