باش بەتكە قايتىڭ » تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار » گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ نېمىشقا تېمى ۋە دەرۋازىۋىنى يوق
گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ نېمىشقا تېمى ۋە دەرۋازىۋىنى يوق

گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ نېمىشقا تېمى ۋە دەرۋازىۋىنى يوق

ياڭ پېيچاڭ 

(ئۆمەرجان ئامۇت تەرجىمىسى)

  2010-يىلى ياز، مەن بىر كارخانا ۋەكىلى سۈپىتىدە ميۇنخېن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن كارخانا باشقۇرۇش كۇرسىغا زىيارەتلىك ئۆگىنىشكە باردىم. كۇرس ئاخىرلاشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، ئەمما زىيارەت جەريانىدا ئاڭلىغان بىر گەپ ھازىرغىچە يادىمدا.
  بىنانىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە، بىر كارخانىچى توساتتىن: 
-        بۇ ئۇنىۋېرسىتېتمۇ؟- دەپ سوراپ قالدى.
-        ئەلۋەتتە شۇنداق-دە، ئىشىك ئالدىدا ۋىۋىسكىسى تۇرمامدۇ؟- دېدىم مەن جاۋابەن. 
-         ئۇنىۋېرسىتېت بولسا، تېمىمۇ، دەرۋازىۋىنى يوق ئىكەنغۇ؟- دېدى ئۇ كارخانىچى ئىشەنمىگەندەك. 
-         چەتئەلدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تېمىمۇ، دەرۋازىۋىنىمۇ بولمايدۇ.
-         تېمىمۇ، دەرۋازىۋىنىمۇ بولمىسا، ئۇنىۋېرسىتېت دېگىلى بولامدۇ؟ ناۋادا ئەسكى ئادەملەر كىرىۋالسا قانداق قىلغۇلۇق؟- دېدى ئۇ ئۆز – ئۆزىگە گەپ قىلغاندەك. مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم. 
بىر قېتىم بىر پروفېسسورغا ھەمراھ بولۇپ گېرمانىيە خۇمبۇلدت ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولۇپ قالدىم، پروفېسسور مەكتەپ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا، مۇنداق بىر قانچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 
-ئۇنىۋېرسىتېتلىرىڭلارنىڭ قورشاۋ تېمى ۋە دەرۋازىۋىنى يوق ئىكەن. ناۋادا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر كىرىۋالسا قانداق قىلىسىلەر؟ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىڭلارنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىسىلەر؟ ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسلەر ئىختىيارى كىرىپ دەرس ئاڭلىۋېلىپ، سىلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەبلىغىڭلاردىن ھەقسىز پايدىلىنىپ كەتسە قانداق قىلىسىلەر؟ 
مەكتەپ مەسئۇلى مۇنداق جاۋاب بەردى: 
-        مۇناسىۋەتسىز ئادەم دېگەن نېمە گەپ؟ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا كېلىپ زىيارەت قىلىش، كۆرۈش، دەرس ئاڭلاش ھوقۇقى بار. ئەلۋەتتە تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ ھەم دىپلوم ئالالمايدۇ. بىخەتەرلىك تەدبىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ساقچىلار مەسئۇل بولىدۇ. تا ھازىرغىچە بىرەر چوڭراق زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگىنى يوق. سىرتتىن دەرس ئاڭلاش ئىشىغا كەلسەك، قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلىشىنى چەكلەش ھوقۇقىمىز يوق، چۈنكى ئۇلار باج تاپشۇرغۇچىلاردۇر. 
-        چەت ئەللىكلەر گېرمانىيەگە باج تاپشۇرمايدۇ، ئۇلارمۇ كېلىپ دەرس ئاڭلىسا   بولامدۇ؟ ــ داۋاملىق سورىدى پروفېسسور.
-        ئەلۋەتتە بولىدۇ، ۋاقتى بولسا ۋە قىزىقسىلا، دەرس ئاڭلىسا مەيلى. 
-        نېمىشقا؟
-        چۈنكى بىز ھەرخىل شەكىلدىكى زىيارەت قىلىشنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قارشى ئالىمىز. 
بۇ يىل يانۋارنىڭ بېشىدا بىر دوستۇم بىلەن ئانا مەكتىپىم گېرمانىيە لېيپزىگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا زىيارەتكە بارغاندا، دوستۇمغا ھەيۋەتلىك كۇتۇپخانىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى بەردىم. 
  دوستۇم كۇتۇپخانىغا كىرىپلا ھەيران قالدى: 
-        ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىمۇ مۇشۇنداق چوڭ، مۇشۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن –ھە! ۋەتەندە زادىلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!
-        گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلىرى ئاساسەن مۇشۇنداق، ـــ دېدىم مەن. كۇتۇپخانىنىڭ ئۆگىنىش زالى تولىمۇ ئازادە ئىدى، ئوقۇغۇچىلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ئورۇن تالىشىپ قالمايتتى، ھەتتا ئايرىم خانىلىق ئۆگىنىش ئۆيلىرىمۇ بار ئىدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئادەم كىرىپ ئۆگىنىش قىلسىمۇ بولاتتى.
-        بىز بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، يەنە كېلىپ قولىمىزدا كىنىشكىمىز بولمىسا  كىرگىلى قويامدۇ؟ ــ دېدى دوستۇم ئىشەنگۈسى كەلمەي. 
-        كىرىۋەرگىن، ھېچكىم سورىمايدۇ ھەم توسمايدۇ، ــ دېدىم دوستۇمغا. 
ئۇ كىردى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بار – يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلمىدى. ئەلۋەتە، كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بولمىسا كىتاب ئارىيەتكە ئالغىلى بولمايتتى. ئەگەر قىزىقىپ قالغان كىتابلىرى بولسا، شۇ يەردىلا نۇسخىلىۋالسا بولاتتى، ئەمما نۇسخىلاش ھەققى ئېلىناتتى.
  گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرىنىڭ مائاشى بەك يۇقىرى، بىر ئادەمنىڭ مائاشى بىر ئائىلىنى بېقىشقا كەڭرى يېتىدۇ. ئادەتتە، ئۇنىۋېرسىتېت پروفرسسورلىرىنىڭ مائاشى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئىدارە دەرىجىلىك مەمۇرلارنىڭ مائاشى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ. يەنە كېلىپ كۆپىنچە پروفېسسورلارغا كاتىپ، ياردەمچى دېگەنلەر سەپلەنگەن بولىدۇ. 
  گېرمانىيەگە يېڭى ئوقۇشقا چىققان چېغىمدا، بىرىنچى سائەتلىك دەرستە ياۋروپا قانۇنىنى ئۆتكەنلىكى ھازىرمۇ يادىمدا. بەستلىك پروفېسسور نائۇشنىك تاقىغىنىچە مۇنبەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ، پرويېكسىيە قويۇپ بەردى. شۇ چاغدا توساتتىن: 
-        كەچۈرۈڭلار، لېنتىنى ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سەل تۇرۇپ كاتىپىم ئەكىلىپ بېرىدۇ، ــ دېدى. 
  مەن تېخى خاتا ئاڭلاپ قالدىممىكىن دەپ يېنىمدىكى نېمىس ساۋاقدىشىمدىن سورىدىم: 
-        پروفېسسورنىڭمۇ كاتىپى بولامدۇ؟
-        ئادەتتە پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاتىپى بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ خاس بولىدۇ، بەزىلىرى بىر كاتىپنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، سىلەرنىڭ جۇڭگودا پروفېسسورلارنىڭ كاتىپى يوقمۇ؟
-        بىزنىڭ دۆلەتتە بەك داڭلىق پروفېسسورلارنىڭلا كاتىپى بارمىكىن. ئادەتتە كاتىپ دېگەن پەقەت باشلىقلارنىڭلا پتىنېتى. 
-        بىزنىڭ بۇ يەردە دەل ئەكسىچە، ــ دېدى ئۇ ساۋاقدىشىم،ـــ پەقەت بەك يۇقىرى ئەمەلدارنىڭلا كاتىپى بولىدۇ،ئادەتتىكى مەمۇرلارنىڭ كاتىپى بولمايدۇ. 
   نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، بىر ئايال ناھايىتى ئالدىراش سىنىپقا كىرىپ كېلىپ پروفېسسورغا لېنتىنى سۇندى، شۇ چاغدىلا خاتا ئاڭلىمىغىنىمغا ئىشەندىم. 
  گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قورشاۋ  تېمى بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى سۈرلۈك دەرۋازىۋىنى بولىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇغۇچى  مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، دەرۋازىۋەنگە ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. كۇتۇپخانىغا كىرىشتىغۇ تۈزۈم تېخىمۇ قاتتىق: مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بولمىسا، زادىلا كىرگىلى قويمايدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈل باج تاپشۇرغۇچىلار باقىدىغان تۇرۇقلۇق، مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ كىتاب ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇش ھوقۇقى يوق، دەرسنى سىرتتىن ئاڭلاشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بۇ گېرمانىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زادىلا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش. ئەجەبا، جۇڭگولۇقلار ئادەتلىنىپ قالغانمىدۇ؟ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشى پىكىر قىلىدىغانغا بىرمۇ ئادەم چىقماپتا؟!
   بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىدە نۇرغۇن ئامىللار بولىدۇ، بىراق ئوچۇق پىسخىكىلىق ھالەت بىلەن قەلب ئەڭ ئەقەللىي شەرتتۇر. تار مەھكىمىچىلىك قىلىپ ئايرىۋېلىنغان مۇھىتتا تەربىيەلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ھالى چوڭ، بىر بولسا جىمىغۇر، تەرسا بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگىنى بىلەن، كۆپىنچىسى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن شىركەتلەر ئىستۇدېنتلارنى نەزىرى ئۈستۈن، قولىدىن ئاسانلىقچە ئىش چىقمايدۇ، ئەمەلىي ئىقتىدارى تۆۋەن دەپ ئاغرىنىدۇ. ئۇلار ئەمەل تۇتۇپ قالسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە كاللىسىغا سىڭىپ كەتكەن قىلىقىنى خىزمەت ئورنىغىمۇ سۆرەپ كېلىدۇ، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرىدۇ. 
   شۇڭا، ئۇنىۋېرسىتېتلار باج تاپشۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى يەتكۈزمىگەن يەردە،  ئۇنىڭدا تەربىيەلىنىپ چىققان ئىستۇدېنتلارنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىق كۆرسىتىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن شۇ پاسىل تاملىرىنى چېقىۋېتىشى، دەرۋازىۋەنلىرىنى بىكار قىلىشى، باج تاپشۇرىۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئەركىن كىرىپ دەرس ئاڭلىشىغا، كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشىغا يول قويۇشى كېرەك. 
(«تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى) 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>