باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى
ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى

ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى مەۋسۇملۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، كونا دەرسلىكتىكى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغىغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئىنكاسلاردا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنغان. 

ئۈندىدار تورىدا 12-مارت ئېلان قىلىنغان «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەلەپ قىلىمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە كونا ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ مۇندەرىجىسى بىلەن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىكى مۇندەرىجىسىنىڭ فوتو كوپىيىسى بېرىلىپ، يېڭى دەرسلىكتە چىقىرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تونۇلغان يازغۇچى، ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئەينەن كۆرسىتىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

مالالا تەخەللۇسلۇق تورداش تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا يېزىلغان ماقالىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ: «ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر كۈندە ئاران بىر سائەتلا ئانا تىل دەرسىدىن ساۋات ئالىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زاماندا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چىقىرىۋېتىلسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇر ئەپسانە-رىۋايەت، تارىخلىرىدىن ساۋاتسىز قالمامدۇ؟! ھازىرقى شارائىتتا ئەۋلادلىرىمىز خەنزۇچە دەرسلىكتىن قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى، خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنسە بولىدىغۇ؟! چۈنكى ھۆكۈمىتىمىز بۇ شارائىتنى ھازىرلىدى، ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئاز بولغان ئانا تىلى ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەمۇنىلەر ئازايتىۋېتىلسە 50 يىلدىن كېيىن، 100 يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، يېڭى دەرسلىكنىڭ بۇ مەۋسۇمدا مەكتەپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كونا دەرسلىكتىكى تېكىستلەرگە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە تېمىسى بولغاندىن باشقا، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ قوش تىللىق دەرس ئۆتۈش تەلىپى قويۇلغان. ئىككى يىلدىن بۇيان قىشلىق تەتىل ۋە يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە ئوقۇتقۇچىلار «داۋاملىق تەربىيە» نامىدىكى 15 كۈنلۈكتىن بىر ئايغىچە داۋاملىشىدىغان قىسقا كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا يەنە دەرسلىكتىكى خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى خىتايچە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتۈش تەلىپى قويۇلغان. بۇ سەۋەبتىن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ خىتاي تىلىدا راۋان دەرس سۆزلەش غېمى قوشۇلغان. 

بىز يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ئائىت تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلەر تەتقىقات ئىشخانىسى، مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئەمما تېلىفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

دائىرىلەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكىدىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كىلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ قاتتىق ئىنكاس ۋە نارازىلىق قوزغىدى.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كىلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى كىرگۈزۈشتىكى غەرىزىنى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدىكى مىللىي روھنى سۇسلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ «جۇڭخۇا بىرلىكى» ئىدىيىسىنى تېڭىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى ئۈرۈمچى 14- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان نۆۋەتتە گېرمانىيىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇشتىكى بىردىن-بىر كۆزنەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ پۇرسەتتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلسا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە ئەنئەنىسىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ خىل نارازىلىق ئىنكاسلىرى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇ چاغدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاخىرقى ھېسابتا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى دااۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇن ئاندۇۋەلى ئەپەندى بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا باش تارتىپ بولمايدىغان ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە تەربىيىلەشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى يۈزلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىشى خەلقئارانىڭ بېسىمى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى چەكلەش سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghur-derislik-03172016143734.html

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>