باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا پاش قىلايلى
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا پاش قىلايلى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا پاش قىلايلى

CeeFo-1WAAAgQvumfd2014_7ئۇيۇشمىمىز03- ئاينىڭ 25- كۈنى «شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكى» نىڭ بۇ يىللىق كونفىرانسىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا پاش قىلايلى دېگەن تېمىدا 3كۈنلۈك تەشۋىقات كۆرگەزمىسى پالىيتىنى باشلىۋەتتى.

كۆرگەزمە سەھنىسىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ھەرخىل ھۆججەتلىك فىلىم تىلۋىزۇر ئېكرانى ئارقىلىق قۇيلىشقا باشلىدى.

تۆنۈگۈندىن بىرى كونفىرانسقا قاتناشقان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ھەر خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە كىتابلار ئارقىلىق كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل  ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. شۇنداقلا زوراۋان مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلارنىڭ خۇداسىزلىق ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادى ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇنداقلا كونفىرانسقا ئىشتىراك قىلغان 3000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ۋە ئاكادېمىك ئۇستازلار بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كىيىن زوراۋان خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلارنىڭ مەملىكىتىمىزدە سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ،شەرقى تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان ھەرخىل بېسىملارغا بۇندىن كىيىن ئىزچىل دىققەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>