تەبرىكنامە

تەبرىكنامە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن«شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ نامىمدىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا رامىزان رۇزىسىنى باشلاپ ،تائەت ئىبادەت كەيپىياتىنى سۈرۈپ،ئۈمىدۋار ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام ۋە سەمىمى رامىزانلىق سالام يوللايمەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇشبۇ رامزاننىڭ بەركاتى بىلەن  بارچە بەندىلىرىنى جېدەل ماجىرا ۋە ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن خالى  ئىللىق ۋە ئازاد دۇنيادا ياشاشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن!ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئايلاردا ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بارلىق بەندىلىرىنى پات يېقىندا ئۆز ئانا تۇپرىقىغا زەپەر بىلەن قايتىشقا نىسپ قىلسۇن ئامىن!
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى باش كاتىپى
نىجات تۇرغۇن
2016-06-06

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>