باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىز 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
ئۇيۇشمىمىز 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى

ئۇيۇشمىمىز 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى

شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇيۇشمىمىز نىڭ يېتەكىچلىكىدە 06 – ئىيۇل چارشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىغا توپلىشىپ بىر سائەت ئەتراپىدا نارازىلىق نامايىشى قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ستوكھولىمدا تۇرۇشلۇق  ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىتىپ بېرىپ نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.
sdgنامايىش، شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دە شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا باشلاندى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى ۋە 05 – ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ھەمدە خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى  ئالدىدا بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغاندىن كېيىن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ستوكھولىمدا تۇرۇشلۇق  ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ياڭراتقۇ ئارقىلىق ھەر خىل شوئارلارنى توۋلىدى.
ئۇيۇشمىمىز رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى نامايىشتا مۇھىم سۆز قىلىپ: «شەرقى تۈركىستانلىقلار67 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدا چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى تارتىپ،كۈندە دىگۈدەك ھەقسىزلىك مۇئامىلىگە ئۇچراپ،ئۈستى ئۇچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان شەرقى تۈركىستاندا ئازاب ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىماقتا. خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭسىز مۇئامىلىسى ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتى نۇرغۇنلىغان گۇناھسىز ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا» دېدى.
نامايىشتا سۆز قىلغان  باش كاتىپ نىجات تۇرغۇن ئەپەندى ئاخباراتچىلارغا باياننامە ئېلان قىلدى.
ئاخىرىدا، ئۇيۇشمىمىز نىڭ مەسئۇللىرى نامايىشچى ئاممىغا ۋاكالىتەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا ئۇچۇق خەت تاشلىدى.  ئاندىن 05 – ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان (شېھىت)قۇربانلارغا  ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئاتاپ كوللېكتىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن تىنچ ھالدا تارقىلىپ كەتتى.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>