باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى » شىۋېتسىيەدە تۈنجى ئۇيغۇر مەسچىتى ئېچىلدى
شىۋېتسىيەدە تۈنجى ئۇيغۇر مەسچىتى ئېچىلدى

شىۋېتسىيەدە تۈنجى ئۇيغۇر مەسچىتى ئېچىلدى

samCp7rZZeWcAAg6Wwشىۋېتسىيە جەمئىيىتىدە تارقاق ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋى بىرلىك قۇرلىشىنى مۇستەھكەملەش،شىۋېتسىيە زېمىندا بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈپ، خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق،زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى خەلىق ئالەمگە پاش قىلىپ ئۇنىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ۋە كۈرەش قىلىپ،شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت ئۇ، گۈزەل ئانا يۇرتنى بىرلىكتە مۇستەقىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ھەم گۈللەندۈرۈپ،بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ شەرىپىنى قوغداشنىڭ كاتتا سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتىش ئۈچۈن بىرقانچە يىلدىن بىرى «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» باشقىلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ھەر يىلى ئىككى ھېيت بايرام نامازلىرىدا بىر ئارىغا جەم قىلىپ ،دىننى ئىشلارغا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن ئىدى.
تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، بۇ،يىل 12-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھۇلمغا قاراشلىق رىسنى رايونىدىكى مەركىزى يەردىن 200 كۋادىرات مېتىرلىق ئورۇن ئىجارىگە ئېلىنىپ،شىۋېتسىيەدە تۈنجى ئۇيغۇر مەسچىتى قۇرۇلدى.

12 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار قۇرۇلغان بۇ،يىڭى مەسچىتكە يىغىلىپ،ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىپ مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قىلىش بىلەن تەڭ جۈمە نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۆمەر ئېزىز جۈمە خۇتبىسىدا مەسچىت قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ،ئۇ يەردە ئىسلام تارىخىدا تۈنجى قۇرۇلغان « قۇبا مەسچىتى»نى بەرپا قىلغانلىقىدەك شانلىق تارىخىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ،شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ يىڭى مەسچىتىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ مەسچىت پەقەت ناماز ئوقۇشلا ئەمەس، بەلكى شىۋېتىسيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ دىنىي ۋە ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ، نەزىر – چىراق قاتارلىق مۇراسىملارنى ئېلىپ بېرىشى، ھەر جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇر تىلدا خۇتىبە ئاڭلىشى، رامىزاندا ئىپتار زىياپىتى بېرىش، ھەر ئىككى ھىيىت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلانغانلىقىنى، بۇ مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشىغا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مەسچىتكە ياردەم قىلغان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئالاھىدە دۇئا قىلدى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>