باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ تۈركىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا قاتناشتى
ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ تۈركىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا قاتناشتى

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ تۈركىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا قاتناشتى

ئويۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا قاتناشتى.%da%be%d8%a7%d8%a8%d8%a8%d8%a7%d8%b3 

8- ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە كۈتاھيا دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسيە فېدېراتسىيەسى، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىراق، پاكىستان قاتارلىق 33 دۆلەتتىن 52 كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر نۇقتىلىق ھالدا ئۆتكەن ئاي تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 15 – ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە سۆيگۈسى ۋە 15 – ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسى» تېمىسىدا، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بولسا «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى رەئىسى ئارتىق ھاجى ئەپەندى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كەلگەن تۇرسۇن ھاجى ئەپەندىلەر بولسا ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 15 – ئىيۇل ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسى توغرىسىدا سۆز قىلدى. خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار يىغىندا قىلغان نۇتقىدا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە چەتئەلدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>