باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى » شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى ئېچىلغان مەسچىتتە تۈنجى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇدى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار  يېڭى ئېچىلغان مەسچىتتە تۈنجى قېتىم ھېيت نامىزى  ئوقۇدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى ئېچىلغان مەسچىتتە تۈنجى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مەسچىتىدە 12-سېنتەبىر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 7:00 دە بىرلىكتە ئوقۇدى.%da%ad%d8%b3%da%be

قۇربان ھېيت نامىزىغا سىتوكھولم ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم قۇربان ھېيت نامىزى خۇتبىسىدە قۇربان قىلىشنىڭ ھەق يولدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى، ھېچكىم پىداكارلىق كۆرسەتمەي، 

ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا سۆزلەنگەن قىسسىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق جامائەتكە ئېنىق چۈشەندۈردى.

قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن، جامائەت ئۆمەر مەخسۇمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەتلەر ئوقۇلدى. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ۋەتەن ئوغلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھدىن سەبىر تىلىدى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ بىنا قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بەرىكەت، ئۆزلىرىگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھەققىدە دۇئالار قىلىندى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>