باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار تۈركىيىگە بېرىپ ئۇستاز ئابدۇلھېكىم خان مەخسۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى
ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار تۈركىيىگە بېرىپ ئۇستاز ئابدۇلھېكىم خان مەخسۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار تۈركىيىگە بېرىپ ئۇستاز ئابدۇلھېكىم خان مەخسۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى

image image  23-دىكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 08:00 دە ئابدۇللاھ كۆكيار  ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن تەركىپ تاپقان بەش نەپەر ئالاھىدە ھەيئەت تۈركىيىگە يىتىپ باردى .  

مەرھۇمنىڭ جىنازىسى زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ئامىنە جامەسىنىڭ ئالدىدىكى شەرقى تۈركىستان بايراقلىرى قۇيۇق ئېسىلغان مەيدانغا قۇيۇلغان ئىدى.بەش كىشىلىك ھەيئەتلەر ئارىسىدا ئۇيۇشمىمىزنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن،تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى تۇرغۇن ئابدۇلھىمىت،كاسسىر تاھىر ناسىر ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىمامى جامائەت ئەربابى ئۇمەر ئەزىزلار بار ئىدى. ھەيئەتلەر مەرھۇمنىڭ جىنازىسى قۇيۇلغان مەيدانغا ئۇدۇل بېرىپ،مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە يېقىن يۇرۇقلىرىدىن ھال سوراپ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

ئۈزۈن ئۆتمەي مەرھۇمنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ھەيئەت ئەل-جامائەت بىلەن بىرلىكتە  مەيداننىڭ سول تەرىپىگە  جايلاشقان ئامىنە جامەسىدە جۈمە نامىزىنى بىرلىكتە ئۇقۇپ، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ جىنازىسى قۇيۇلغان مەيدانغا  يىغا زار ئىچىدە توپلاشتى.جىنازا  نامىزىنى مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام ئابدۇلھېكىم چۈشۈردى دەپنە مۇراسىمىدىن كىيىن   شىۋېتسىيەدىن بارغان ھەيئەتلەر  شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتۇنبورنى شۇبىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەزىيە يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا ھەيئەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئابدۇللاھ كۆكيار مۇنداق دېدى:

 ئۇستاز ئابدۇلھەكىم خان مەخدۇم  ،ئۇستازى ئابدۇلھەكىم مەمتاخۇن داموللام  غا ۋارىسلىق قىلغان ۋە مۇشۇ دەۋرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق  مۇرەككەپ تەقەززاسىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئۇلۇغ دىننى ئەرباب ئىدى.ئۇ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان ئومۇمى بىرلىك مەنىۋى قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان مۇنەۋۋەر ئوغلان ئىدى.ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقى تۇركىستان خەلقى ئۇچۇن چوڭ بىر يۇقۇش ۋە مۇسىبەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن چوڭقۇر قايغۇرىمەن شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە جانابى ئاللاھدىن سەۋرى تىلەيمەن!مەرھۇم ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ ،مەرھۇمنىڭ يۈكسەك ئارزۇلىرىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپىدا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ،قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،ئۆز ئارا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەمكارلىق خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز،دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئۇخلىماي كۆرۈۋاتقان چۈشلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەرھۇمنىڭ مۇدىتىل يول تۇتۇش،ئوخشىمىغان قاراشتىكى قېرىنداشلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە يول قۇيۇشۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ،دەۋرىنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالدا ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ،ئالدىنقاتارغا قۇيۇشقا تىگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرگە ئۇمۇمىي يۈزلۈك ئاتلىنىش ،قاتارلىق تۈپ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>