باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » رۇسلارنىڭ كىرىل يېزىقىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى
رۇسلارنىڭ كىرىل يېزىقىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

رۇسلارنىڭ كىرىل يېزىقىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى پىروفېسسور دوكتور س ن ۋالك رۇسىيە تارىخىي ئارخىپلىرىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، موسكوۋا كېنەزلىكىنىڭ 15 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا قەدەر ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

28.12.2016 ~ 29.12.2016

رۇسلارنىڭ كىرىل يېزىقىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكوۋا كېنەزلىكى ئالتۇن ئوردا خانىلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى 1340 – يىلىدىن 1547  – يىللىرىغىچە داۋاملاشقان رۇس بەگلىكى بولۇپ، بۇ بەگلىك ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچلەنگەن ۋە 40 يىل ئىچىدە چوڭ رۇس چارلىق دۆلىتىگە ئايلانغان ئىدى. كېنەزلىك مەزگىلىدە رۇسلارنىڭ تارىخىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ۋە ئالتۇن ئوردا خانلىقى رۇسلارنىڭ تۈنجى يېزىقىنىمۇ ئۇلارغا سوۋغا قىلغان ئىدى.

سۇۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى پىروفېسسور دوكتور س ن ۋالك رۇسىيە تارىخىي ئارخىپلىرىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، موسكوۋا كېنەزلىكىنىڭ 15 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا قەدەر تۈركلەردىن ئۆگەنگەن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، بىراق 1450 – يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ ئورنىغا ئورتودوكىس ئېتىقادى دائىرىسىدىكى يىلتىزى يۇنان ۋە ۋېزانتىيە يېزىقىغا تۇتۇشىدىغان كىرىل يىزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

بۇددىزىم ۋە مانىزىم ئېتىقادىنى ئۆزلەشتۈرگەن ئۇيغۇرلار 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سۇغدى يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە بىر يېزىق سىستېمىسى ئىجاد قىلغان ۋە بۇ يېڭى يېزىقنى تۈرك تىلىنىڭ ئاھاڭ قۇرۇلمىسىغا كۆرە شەكىللەندۈرگەن  ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ يېزىق بىلەن سان – ساناقسىز ئەدەبىي ۋە دىنىي ئەسەرلەرنى شۇنداقلا سودا كېلىشىمنامىلىرى يېزىپ قالدۇرغان ھەتتا ياغاچ ئويما قىلىپلىرى ئارقىلىق مەتبەچىلىكتىمۇ ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۇ قەدىمىي يېزىقى كېيىنچە چىنگىزخان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىپ موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلى سۈپىتىدە پايانسىز موڭغۇلىيە تېررورتورىيەسىگە كېڭەيگەن ئىدى. موڭغۇل ئىمپېرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىمۇ مۇشۇ يېزىقنى ئىشلىتىشنى باشلىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رۇسلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىغا ئىگە بولغان ئىدى.

بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا موسكوۋا كېنەزلىكىگە تەۋە 14 – ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخلارغا ئائىت ھېچ قانداق رەسمىي دۆلەت يېزىقى تېپىلمىدى. بىراق 15  ئەسىردىن كېيىن بىر ساراي كاتىپى تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن ئىمزالانغان رەسمىي بىر ھۆججەت بايقالدى. بۇ ھۆججەت رۇسىيە دۆلەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمىي يازما ھۆججىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

موسكوۋا كېنەزى تىيۇمەن 1435 – يىلى ئېلان قىلغان قانۇنلىرىنى ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن ئىمزالىغان ھەمدە كېنەزنىڭ ئايالى سوفىيامۇ 1453 – يىلى ئۇيغۇر يىزىقىنى ئىشلەتكەن ئىدى.  كېنەز نىكىتا كوزلوۋ تەرىپىدىن 1494 – يىلى 23 – مايدا ئىۋان پاۋلوۋغا يوللانغان رەسمىي ھۆججەت ئۈستىگىمۇ ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن ئويۇلغان بىر تامغىنىڭ بېسىلغانلىقى مەلۇم.

دەرۋەقە ئۇيغۇر يېزىقى شۇ دەۋرلەردە ئاسىيانىڭ ئورتاق يېزىقىغا ئايلانغان ئىدى.  ھەتتا 1473 – يىلى يۈز بەرگەن ئوتلۇقبەلى ئۇرۇشىدىن كېيىن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۆزبېك خانىغا يوللىغان زەپەرنامىسىنىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يازدۇرغان ئىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا شىمالدا سىبېرىيەدىن جەنۇپتا ھىندىستانغىچە، شەرقتە خىتايدىن غەربتە ئانادولۇغىچە بولغان ئاسىيا قىتئەسى بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە تۈرك – موڭغۇل ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغاچقا ئۇيغۇر يىزىقىمۇ تەبىئىي بىر شەكىلدە بۇ پايانسىز زېمىننىڭ ئورتاق يېزىق سىستېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.

موسكوۋا بەگلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما ھۆججەتلىرىدە تۈركلەرنىڭ بۇنچە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولۇشىغا قارىتا، تۈرك تارىخ تەتقىقاتچىسى ۋەيسەل گۆكبەرك ئېتمولوگىيەلىك بىر باھالاشتا بولدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسچىدىكى ”تىل“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ”يازىق“ دېگەن سۆز تۈركچىدىن رۇسچىغا سىڭگەن بىر ياردىگارىمىز بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان ھىندى – ياۋروپا تىلىدا ”تىل“، “language”  دېگەنگە ئوخشاش سۆزلۈكلەر بىلەن ئىپادىلنىدۇ. بىراق رۇسچىدىكى ”يازىق“ دېگەن بۇ ئالاھىدە پەرقلىق ئەھۋال ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ تارىخقا كۆرسەتكەن تەسىرى ئوچۇق ئوتتۇرىدا تۇرغان يەردە، تۈركلەرنىڭ رۇسچىغا ”يازىق“ دېگەن سۆزنى (بەلكى دەسلەپكى مەزگىللەردە ”چەت ئەل تىلى“ دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن) يادىگار قالدۇرغان بولۇشى ئىنتايىن تەبىئىي بىر ئەھۋالدۇر»

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>