باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » ‏ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
‏ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

‏ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

image

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئورتاكۆي رايۇنىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش،ھۇجۈمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ تۈرۈك خەلقىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۇركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ،باش ئەلچى كايا تۈرۈكمەن جانابلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھال سوردى. بۇ، قېتىمقى ھال سوراش ئۈمىكى ئارىسىدا ياۋرۇپا تۈرۈك دىمۇكراتلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئۇندىن باشقا نۇپۇزلۇق تۈرۈك جامائەت ئەربابلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇيۇشمىمىزنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋېتى بىلەن باش ئەلچى جانابلىرىغا تەسەللى بېرىپ، ھېچبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى پائال كۈرىشىنى ئاجىزلىتالمايدىغانلىقىنى ۋە تىرورىستلارنىڭ دىين ۋە مىللەت تەۋەلىكى بولمايدىغانلىقىنى،تېررور ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيدىغانلىقىنى ،يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېتتى.

ئۇ مۇنداق دىدى: «ئىستانبۇلدىكى پەسكەش تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىغا، ھۇجۇمچىنى تىرورلۇق قىلىشقا قۇتراتقان يامان غەرەزلىك دىنسىز كۈچلەرگە لەنەت ئېيتىمەن. بۇ تۈركىيەگە، ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكىگە، بىرلىكىگە، قېرىنداشلىقىغا ۋە شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇستەھكەم قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە قىلىنغان خىرىسدۇر»

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>