باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » بىز كىم؟ – ئۆزىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
بىز كىم؟ – ئۆزىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

بىز كىم؟ – ئۆزىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

ئەزىز ئىمىر
ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسا كىرەك ، بىز ئۇنىڭدىن مۇنۇ جۈملىلەرنى ئۇچرىتىمىز «بىز كىم، بىزنىڭ مەدەنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەر شارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟
شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان بىر يىل جەريانىدا مەن بۇ سوئاللارنى ئۆز – ئۆزۈمدىن تالاي قېتىملار سورىدىم. كۆك رەڭلىك ياۋروپانىڭ سوغۇق ۋە ھۆل رېئاللىقى ئىچىدىن يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىغا نەزەر تاشلىدىم. ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى يالتىراقلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىدە ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا باغلانغان بىر قەدىمىي خەلقنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ كۆزەتتىم. ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ۋەتىنىمدە ۋە خەلقىمنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ ياشىغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم…»
بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر ، شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ھەم ئويلىيالايدىغان بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ ئويلىنىپ كۈرىىشىگە تىگىشلىك چىن سۆزلەر . مەن ئالدى بىلەن بۇ ماقالەمنى يېزىشتىن بۇرۇن «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» نى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسراتلىرىم ھەم ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن :
ئىنسان ئانا تىنىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ روھدا ئاپىرىدە بولۇپ، ھايات يولىدىن ئىبارەت ئۇزۇن ھەم مۈشكۈل داۋانلاردىن ئېشپ ، شاتلىق ھەم قايغۇ ھەسرەتلەر كېچىكىنى كېچىپ، مۇھەببەت شەربەتلىرىدىن بىردە قىنىپ ، بىردە قانماي، غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت چىگرىسى ئوتتۇرسىدا تاللاش، شاللاشقا مۇپتىلا بولۇپ … بىر تالاي ھايات ماماتلىق جەڭلەردە چېنىقىپ ياشايدىكەن ھەم ئۇزايدىكەن .
بۇ تولىمۇ ئۇزۇنغان سۇزۇلغان جەريان خالاس. ئەمما ئىنسان مانا مۇشۇ جەريانلاردا ئۆزگىچە دۇنيا ، قىممەت قارشىغا ئىگە بۇلىدىكەن .
تاشقى دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى بىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ ئۇنىڭ جىلۋىگەرلىكىدىن مەستخۇش بولۇپ ياشاپ كەلدۇق. كائىناتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىز ياشاۋاتقان بۇ تۇپراق بىر يەرشارى كەنتى بولسا بىز مۇشۇ كەنتتە ياشىغۇچى بىر ماددا خالاس. ئەمما بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىز بىزنى چۈشۈنىشكە ئىنتىلىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئاجايىپ بىر دۇنيا. روھى بېكىنمىچىلىك ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق. بۇ بىزنىڭ قېنىمىزغا سىڭگەن ئىكەن ، ئەلۋەتتە روھى دۇنيارىمىزمۇ قېنىمىزنىڭ قۇماندانلىقىدا بولىدۇ. ئۆزى ياشاۋاتقان ۋەزىيەتنى، دەۋىرنى چۈشەنمەي ھايات كەچۈرۈپ مەن تىرىك ئىنسان دەپ ئۆزىنى تىرىكلەر قاتارىدا كۆرۈش تولىمۇ بىچارىلىك ، جىسمى تىرىك ئەمما روھى ئۆلۈكلۈك. روھى ئۆلۈكلۈك ئىنساننىڭ قەدىر قىممتىنى يۇقىتىدۇ. تاماق يېيىش ، ئۇخلاش،مانا بۇ روھى ئۆلۈك كىشلەرنىڭ تۇرمۇش مىزانى ھەم ياشاش ئۆلچىمى. يىراقلارغا نەزەر سېلىشتىن بۇرۇن ئەتراپىمىزغا نەزەر سالدىغان بولساق. ئەتراپىمىزدا مىڭ ئادەمىنىڭ جىنىغىمۇ تىگىشىشىكە بولمايدىغان ئاجايىپ قىممەتلىك كىشىلىرىمىز بار . ئۇلارنىڭ ياشاشتىكى مەقسدىنى پەقەت بىر جۈملەر سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ” مەن ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ، مىللىتىمىنىڭ مىللەتكە ئەقىدە ، تەرەققىياتنى غايە نىشان قىلىپ ياشاش ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمدار سۆزى. ئۇلار يۈرىكىدىكى مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار، سۆيۈملۈك پىلانلىرى، مەقسەتلىرى بىلەن توپىمىزغا سەركە بولدى. ئۇلار ھايات قەدرىنى ئەمەلىي ھەركەتلىرى ئارقىلىق ياراتتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى بېكىنمە تۇرمۇشقا چۆككەن، تاشقى دۇنيانىڭ جىددىيەتچىلىكىدىن خالاس ھالدا ھايات كەچۈرۋاتقان قىرىنداشلىرى ئۈچۈن يۈرۈكىدە يۇم يۇم يېغلىدى. ئۇلارنىڭ روھىنى ئويغىتىش، ئۇلارغا جاھاننامە ئەينىكى كۆرسىتىش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز زىھنىنى خوراتتى. ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قىلغان مىھنەتلىرى ئىتبارسىر قالغاندا ئېغىر خۇرسىنىش ئىلكىدە مىللىتىكە ئېچىندى. ئۇلانىڭ تېزراق ئويغىشىنى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ئەقلىي ئەمگەكلەرنى قىلدى. ھاردۇقىنى بىلدى ئەمما تالدىمنى بىلمىدى.
ئەسئەت سۇلايمان يازغان «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قەلبىمىدە يۇقارقىدەك ھېسلار دۇلقۇنلىرى ئۇرغۇدى. ھەتتا ھاياجان ياشلىرىمنىمۇ سىرغىتتىم.
ئۆزلۈكىمىزنى يۇقاتتۇق … كىملىكىمىز بۇيۇن قىسقان ھالەتتە بىزنىڭ قۇتقۇزىشىمىزنى چاقىرماقتا.
ئاپتۇر مۇشۇ كىتابى ئارقىلىق مېنى، سېنى ھەم ئۇنى روھى ئۇيغىنىشقا يىتەكلەپ، ۋۇجۇدىمىزغا سېڭىپ كەتكەن روھى بىكىنمىچىلىكىنى تازلاپ يېڭى ئېقىم ، ۋەزىيەتكە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن بېقىشنى ئىپادە قىلغان دۇنيادىكى بارچە دۆلەتكە سېلىشتۈرغاندا بىز ياشاۋاتقان بۇ ئانا تۇپراق تولىمۇ كىچىك ئۇقۇم. بىزنىڭ نامىمىز تېخمۇ شۇنداق.
تارىختا ياشىغان يەھۇدىلەرنىڭ دۇنيا ئېقىمىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەر قايىسى مىللەت دۇنيا ئەللىرىنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغىنى يۇق. ئۇلاردىكى مىللىي روھ، يىمىرىلمەس ئېتىقات، تىرشچانلىق ئۇلارنىڭ نامى ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.
ئاددىي مىسالەن : ئۇلاردا توي قىلغاندا ئاتا -ئانىسى ئۇلارنىڭ تۇيلىقى ئۈچۈن كىتاپ سۇۋغا قىلىدىغانلىقىدەك باياننى مەن قايىسدۇر بىر كىتابتا كۆرگەنمەن. مانا بۇ يەھۇدىلارنىڭ ئۇلۇغ ، تەرەققىي تاپقان مىللەت بولۇپ سانىلىشىنىڭ ئاچقۇچى. “بىلىم بۈيۈكلىكنىڭ ئاچقۇچى ” دەپ ئېيتقان ئىدى قايسىدۇر بىر ئاقىل. مانا مۇشۇ جۈملە سۆز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەجداتلار تەرىپىدىن ئيتىلغان. مانا مۇشۇ سۆز شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ بىلىم ئۈگۈنىشىكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.
ھال بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان قىممەتلەرنى قەدىرلىمەستىن ئۇنى باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق. ئۇلار بىزنىڭ مەدەنىيەتلىرىمىزنى قازدى، تەتقىق قىلىپ ئاخرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ قىلدى.
تەتقىقاتچى ئەسئەت سۇلايمان ئۆز مىللىتىنىڭ مەنىۋى بايلىقى ۋە روھى بايلىقىنى قېزىش ،رەتلەش ئۈچۈن ئانا يۇرتىدىن تولىمۇ يىراق بولغان كائىناتنىڭ ئۇ چىتىگە بېرىپ مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزلىكىمىز ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. قولىمىزدىن كېتىپ باشقىلارنىڭ ئالقىنىغا چۈشكەن نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى نۇرغۇن مۇشكىلاتلار ئارقىلىق كۆرۈشكە، تەتقىق قىلشقا مۇيەسسەر بولدى. بۇ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم ئازاپلىق ئىش ھە!
شۇ تاپتا كىتاپ ئۈستىلىمىدە «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»نىڭ ھەر بىر بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمدا ھاياجان ئارلاش ئاچچىق نىدا يۈرىكىمنى قاماللىدى. ئاپتۇرنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قىلغان كاتتا شۆھرىتىدىن سۆيۈنگەن بولسام، بىزدىكى روھى بىخۇدلۇق ھۇرونلۇق تونىغا ئورىنىۋېلىپ ھاياتىنى قۇمدەك سورىتىپ ئۆتكۈزۋاتقانلاردىن تولىمۇ ..تولىمۇ ئېچىندىم.
كىتاب « بىز ئەسلى كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ بىز تارىختا قانداق ئورۇن تۇتقان، ھازىرچۇ ؟>> دېگەندەك بايانلار بىلەن تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ سېلشتۈرمىسى ئارقىلىق بىزنى ئويغىنىشقا، جاھانغا ئەقىل كۆزى بىلەن بېقشىقا، تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ.
ھايات ئىنسانغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ . ئۇ ئىنسانغا بېرىلگەن قىممەتلىك سوۋغا.بۇ سوۋغا ناداننىڭ ئالقىنىدىمۇ بار ،دانانىڭ ئالقىنىدىمۇ بار ، ئۇ – ناداننىڭ ئالقىنىدا خۇنۈك كۆرۈنگەن بولسا ، دانانىڭ ئالقىنىدا نۇر چاچىدۇ. بۈگۈن قۇياش شەرقتىن ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كۆتۈرۈلگەن بولسا ، غەرىپتە ھارغىنلىق بىلەن تاغ كەينىگە مۆكۈنىدۇ. كۈنلەر مانا مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق تەكرارلىق ئىلكىدە ھاياتىمىزنى ئۆتكۈزىمىز.
ئارىمىزدا بۇ كىتاپنى ئوقۇغانلارمۇ بار بولىشى ئوقۇمىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن . لېكىن بۇ ئەسئەت سۇلايمان بىز ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ يىزىپ چىققان بۇ كىتاپ «مەن كىم ؟>> دەپ ئۆزلىكى ھەققىدە ئويلىنىشنى خالايدىغان قەلىپ ئىگىسى ئۈچۈن چوقۇم بىر ۋاراقلاپ قۇيۇشقا تىگىشىلىك قىممەتلىك دەستۇر.
سىز باشقىلارنىلا تۇنۇماڭ ، سىزنىمۇ باشقىلار تۇنۇسۇن، ئېتىراپ قىلسۇن.
باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلشىغا ئىرىشىشمىزنىڭ ئاچقۇچى- دەل بىزنىڭ روھى ئويغىنىشىمىز ، تىرىشىپ بىلىم ئىگەللىشىمىز.
بىر كۈن ئۆتتى ، ئۆلۈمگە بىر كۈن يېقىنلاشتۇق. بۇنى ئويلىغىنىمىزدا كۆڭلىمىز يىرىم بولماسمۇ ؟ كۈنىمىز قىسقارغان بىلەن بىز قىلغان ھالال مېھنەتلەر ھاياتىمىزنى ئۇزارتىدۇ… سىز كەتتىڭىز ، ئەمما ئەۋلادىڭىز سىزنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىڭىزدىن قەلبىدە سىز ئۈچۈن ئابىدە تىكلەيدۇ.ئۇلارمۇ ئېغىزى ئارقىلىق كىيىنكىلىرىگە سۆزلەپ بېرىدۇ .مانا بۇ دەل ھاياتىڭىزنىڭ ئۇزارغانلىقى.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن : مەن بۇ ماقالىنى رىئاللىقتىن كەلگەن تەئەججۈپلىك خىياللىرىم بىلەن كىتاپتىن ئالغان مەمنۇنلۇققا يانداشقان ئازاپلىق تەسىراتىم ئاساسىدا يىزىپ چىقتىم . كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ دائىرىسى بىلەن سالمىقى ھەقىقەتەن چۇڭقۇر ھەم كەڭ دائىرلىككە ئىگە. بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى چۈشۈنىشكە،ھەم بۇ مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئوپىراتىسيە قىلىشىمىزغا موئەييەن بىلىم كېتىدىكەن. تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك بىلىمىمنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى كىتاپقا يەنە چۇڭقۇرلاپ كىرىپ كېتەلمىدىم. ئەمما مەن بۇ كىتاپتىكى بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى يەنى ئاپتۇرنىڭ يۈرىكىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆتتۈم.
ھازىر مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، مەن ۋە مېنىڭ ئەجدادلىرىم ياشاپ كېلىۋاتقان ماكانىمدىن يەنى ئانا يۇرتۇمدىن گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ئايرىلىپ، ئۆزيۇرتۇمنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان بىر ماكاندا ياشاۋاتماقتىمەن. يۇرتتىن ئايرىلىش ئالدىدا تېخى بارىدىغان يېرىم جەننەتتەك بىر ماكان دەپ ئويلايتتىم. مەن يۇرتتا بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى، ئۆزمىللىتىمىزدىن چىققان ياشلارنىڭ مىللىتىمىزنى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن بولساممۇ بۇ ئىشلارنى نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتىم. مانا ھازىر يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىمغا ئىككى يىل بولدى. ئۆز ماكانىمدىن ئايرىلىپ، مەن ئۆز خىيالىمدا جەننەتتەك دەپ ئويلىغان بۇ ماكاندا ياشاۋاتىمەن. بۇ ماكاندا ئىككى يىل ياشاپتىمەن يەنە ئىككى يىل تۇرۇشۇم ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق تۇرىشىم مۇمكىن. مەن بۇ جەريانلاردا خېلى كۆپ ئىشلارنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم ۋە چۈشەندىم.
مەن ئاڭلىغان ئاشۇ ياشلىرىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن جاپا مۇشەققەتلەرگە قارىماي، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئابرويىنى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئانچە- مۇنچە چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يات يۇرتتا بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ جان باقىمىز دەپ ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، ھەتتا ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش ئارقىلىق كۈن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. ئۇلار بۇ ئەللەردە مىللىتىمىزنىڭ نامى ۋە سۈپىتىگە شۇنداق تەسىر بەرگەنكى ، شىنجاڭلىق دەپ ئاڭلىغان ھامان ئوغرى دەپ بىلىدىغان، دۇكان سارايلارنى ئايلانسا پىركازچىكلار ياكى مۇھاپىزەتچىلەر بىرگە ئارىلايدىغان، ئاپتوبۇسلاردا كۆرگەن ھامان سومكىلىرىنى قۇچاقلاپ، بىزدىن يىراق تۇرىدىغان ، بىزنىڭ تاشقى قىياپىتىمىزگە قاراپلا باھا بىرىۋىتىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويۇپتۇ. مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا ئابدۇقادىر سادىرنىڭ بىر ساتىرىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى .
تۆت كاللا بىر بولساق ئىچىپ كىتىمىز،
ئىچكەندە جان-پاندىن كىچىپ كىتىمىز.
شادلىقتىن كۈلسەكمۇ،پىغان چەكسەكمۇ،
مەي ئالغان ئىدىشقا چۆكۈپ كىتىمىز.
ھەشەمەت ھۈكۈمران بىزنىڭ باشلارغا،
تاپقاننى شىرەگەتۈكۈپ كىتىمىز.
تۆت رومكا ئايلانماي باشلانسا غەيۋەت،
گادايدىن شاھقىچە سۈكۈپ كىتىمىز.
زارلىنىپ گاھىدا تەتۈر پەلەكتىن،
كىمنىدۇ ساۋىداپ تىپىپ كىتىمىز
كۆزلەرگە گۈل بۇلۇپ كۈرۈنسە پىپەك،
شەھۋەتنىڭ سۈيىدە ئېقىپ كىتىمىز.
قېنىمىز قاينىسا ئېزىپ ئەقىلدىن ،
ئىپپەتنىڭ قېنىدىن چىقىپ كىتىمىز.
بىزنى دەپ پايپىتەك بولسا ساھىپخان،
يۈزىگە تۇپىنى چېچىپ كىتىمىز.
ئايلىنىپ بىردەمدە تۈكلۈك قاۋانغا،
تۇز بەرگەن قازاننى چېقىپ كىتىمىز.
قەلىپلەر تاپشۇرۇپ جان دىيىشكەننىڭ،
دەم ئۆتمەي گېلىدىن سىقىپ كىتىمىز.
ئالتۇندەك دوسلارنىڭ قەلىپ كۈزىگە،
ئۈچلانغان ياغاچنى تىقىپ كىتىمىز.
ئۈزىمىز تىكلىگەن دوسلۇق تېمىنى،
شۇيۇسۇن بىر-بىرلەپ يىقىپ كىتىمىز.
گاھىدا ئايلىنىپ جەڭگاھقا سورۇن،
ئىتلارنىڭ يۇزىنى تۈكۈپ كىتىمىز.
ھاياتنىڭ قەدرىنى ئېسىپ كانارغا،
پاخالنىڭ نەرقىدە سېتىپ كىتىمىز.
ئىچ-ئىچتە يىقىلساق نىشانسىز ئوقتىن،
دۈم چۈشكەن يالاقتا يېتىپ كىتىمىز.
گاھىدا شۇپېتى مۇز كالتىكىدەك ،
كۇچىدا ئەبىدى قېتىپ كىتىمىز
قىممەتلىك ھاياتنىڭ ئالتۇن چېغىنى،
مەي قىلىپ مەيخورغا سېتىپ كىتىمىز.
چىقالماي غالىپلىق قېپىنى يىرتىپ،
دۇنيادىن دىرەكسىز يۈتۈپ كىتىمىز.
بىزشۇنداق بەك ئىچكەك تەڭدىشىمىز يوق،
دو تىكسەك ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىمىز.
تېپىڭلار بىز كىمۇ ؟ پۇشتى كىمنىڭكى؟
دوستلار بىز زادى كىملەرنىڭ ئەۋلادى، كىملا كۆرسە قاچىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ؟ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىزنىڭ پەخرىمىز بولغان مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجپ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ… قاتارلىق ساناقسىز ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ مىللىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بۇلىدۇ . ئەجىبا ئاشۇ ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى بىزنىڭ ئۇشبۇ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى ئەھۋالىمىزنى كۈرۈپ تۇرسا ، بىزگە ئېچىنماسمۇ ؟…ئەۋلادلىرىمىز بىزگە ئېچىنماسمۇ ؟!..بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ سېسىق نام بىزگە بۇرۇنقى ئەجدادلىرىدىن قېلىپ قالمىغان بەلكى ھازىرقى جەمىيئىتىمىزدىكى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ پۇل مالنى، ھارامدىن كەلگەن ئاشۇ ئازغىنە باياشاتلىقنى دەپ مىللىتىمىزنىڭ نام-ئابرويىنى، ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يات ئەللەردە ھەرخىل يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىدىن؛ يەنە بەزى بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت قوبۇل قىلدۇق دەپ قارىغۇلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان مەدەنىيىتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە شۇ ئاتالمىش مەدەنىيەتلىرىدىن پەخرىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن؛ ئۆز يۇرتىدا ھالال ئەمگەك بىلەن ياشىماي، يات ئەللەردە دۇرۇس ئىشلار بىلەن ئارلاشماي، ھارام مال-دۇنياغا دۈم چۈشكەنلىكىدىن؛ ۋىجدان، ئىنساپىنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، بىر كۈن ئۆتسە شۈكرى قىلىدىغان تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەنلىكىدىن ھەمدە بىزدە ھالال ئەمما جاپالىق تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
شائىر تىيىپچان ئېلىيوف «تىۋىلغا» ناملىق شىئىرىدا «ھەقىقەت ئېگىلەر سۇنماس» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقانىدى.توغرا ، ئەي، ئۇيغۇرۇم!!!! ھەقىقەت، توغرا يول ھەممىدىن غالىپتۇر. بىز ئەمدى مال-دۇنيا كويىدا بولىۋەرمەيلى!!! باش ئەتىيازدىكى ئۇرۇق، دېھقان ئاكىنىڭ قۇيغان سوغۇق سۈيىدىن چۆچۈپ ويغىنىپ ئەتراپقا باققىنىدەك، بىزمۇ نادانلىق ئۇيقىسىدىن ويغانمىساق بولمايدىغان، كۆزىمىزنى ئوبدان ئېچىپ، ئەتراپقا تەپسىلىي قاراپ، باشقىلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، بىز نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش دىگەنلەر ھەققىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ شۇنداقلا بىزنىڭ ئەجدادىمىزلىرىمىز كىملەر، ئۇلار زادى قانداق ئادەملەر؟ دەپ تارىخ بېتىگە قارىمىساق، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز كىملەر، ئۇلار قانداق ئادەملەردىن بولماقچى؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ بىزنىڭ ئوغرى، ئالدامچى دىگەن نامىمىزنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات تارقىتىش ياكى ئاتالمىش بۇ نامىمىزنى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىتىش ياكى يەڭ ئىچىدە ئۇجۇقتۇرىۋىتىش كىرەكمۇ؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ تارىخ بېتىگە ئوبدان قاراپ، تارىخىمىزنى چۈشىنىپ قانداق ئادەم بولىشىمىز تۇغۇرلۇق ئوبدان ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ ھەقىقەت ئارغامچىسىنى تۈزلەش ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىنمىزنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛
ئەي ئۇيغۇرۇم، قېرىندىشىم! ئازغىنە پۇل ، مال -دۇنيا ، باياشات تۇرمۇش بىلەن كۈلۈش ھەرگىزمۇ ھەقىيقى كۈلۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت ئارغامچىسى تۈزلەنگەن، مىللىتىمىزنىڭ نامى ئەسلىگە قايتقان ، يىراق ئەللەردىكى خەلق دىققىتىنى يىغىپ بىزگە قارىغاندىكى، بىزنى ھەقىيقى چۈشەنگەن كۈنلەردىكى كۈلۈش ـــــ ھەقىيقى كۈلۈشتۇر.
ھەقىيقى كۈلىدىغان كۈنلەرنىڭ كىلىشى ئۈچۈن بىز نىمە قېلىشىمىز لازىم ، دىگەنلەرنى ئويلايدىغان بولساق، بۇنى بەلكىم مىللىتىمىز تارىخىدا خەلقىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئەڭ ئېغىر بىر يۈك دىسەك ھەرگىز ئارتۇق بولمىسا كىرەك. شۇڭا بىزھەممىمىز ويغىنىشىمىز، ئۆزىمىزگە كىرەكلىك بولغان يولنى بالدۇرراق تېپىۋىلىشىمىز لازىم. جۈملىدىن بىز ياشلار بۇ ۋەزىپىنىڭ زور قىسمىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىمدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرلاپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن قېرىنداشلىرىمىز ئامال بار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەللىشىمىز، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان قېرىنداشلىرىمىز ھالال بولغان بىرەر كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ھالال ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلىپ ، بىزنى غەپلەت، نادانلىق ئۇيقۇسىدىن ويغىتىدىغان بىلىملەرنى كۆپلەپ ئېگەللىشىمىز، ھەق توغرا يول بىلەن ياشاشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ يىتىلدۈرىشىمىز لازىم. ھالال تاپقان مال-دۇنيا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغۇسى. ھەمدە بىزنى ھەقىيقى بەختلىك تۇرمۇشقا يەتكۈزگۈسى.
ئۇلاردا ھەقىقى لەززەتلىنىش ، ھىس قىلىش ، بىلىش ئېڭى مەۋجۈت ئەمەس . ئۇلار تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى قىرىپ تاشلىغۇچىلاردۇر . ئۇلار ئۈچۈن جانلىقلار ، تەبىئەتنىڭ ھەممىسى سۈمۈرۈپ تۈگىتىۋىتىشكە تىگىشلىك مەۋھۈم ئۇقۇم . ئۇلار تەبىئەتنىڭ ، جانلىقلارنىڭ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ . ئۇلارنىڭ ھالال – ھارامنى چۈشۈنۈش ئېڭى مەۋجۈت ئەمەس . شۇڭا ئۇلار ھەممە نەرسىنىڭ ئاتىسىنىمۇ ، ئاپىسىنىمۇ ، بالىسىنىمۇ سۈپۈرۈپ يەۋىتىدۇ . تەبىئەت ، جانلىق ، ھاياتلىق پائالىيىتىگە زادىلا ئۆزىنى تۇلۇقلاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ . ئۇلار يەر شارىنىڭ ، ئىنسانىيەت تارىخنىڭ ، ئالەمنىڭ تىزراق ھالەك بۇلۇشى ئۈچۈن قىيامەتنىڭ چاقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىزلەتكۈچىلەردۇر . مانا مۇشۇ ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدىكى ھالاكەت ئەلچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرىگە ئاشكارە ئەجەل بومبىلىرىنى ھەر بىر ئىنساننىڭ تاپىنى ئاستىغا كۆمۈپ مېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ گۇمراھلىق مېنى ئۆز مىللىتىمدىن ، ئۇيغۇر خەلقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىش ، سۆيۈنۈش ئېڭىمنى ئويغاتتى . ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇر مىللىتى تەبىئەتنى ، ھاياتلىقنى سۆيگۈچىلەرمىز . مۇشۇ ئەقىدىمىزدىنلا بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىمىز ، جىسمىمىز پۈتۈن كائىنات بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالايمىز . ئۆزىمىز باققان قوي – كالىلارنى يېيىش ، يىگەندىمۇ چىشى ، بوغاز ، يېىشىغا يەتمىگەن دىگەندەك ھەرخىل ئايرىش ئارقىلىق ھەتتا ئۆز يېنىمىزدىكى ھاياتلىق ئۈچۈنمۇ كىيىنكى پۇرسەتلەرنى قالدۇرۇپ قويىشىمىزنىڭ ئۆزى ئاللاھ مىللىتىمىزنىڭ قەلبىگە سالغان ئالەمدىكى بىر مۆجىزە . تەبىئەتتىكى باشقا تۈمەنخىل جانلىقلار بىز ئۈچۈن ئاللاھ زىمىنغا ياراتقان قىرىپ تۈگىتىۋىتىشكە ، قۇرۇتۋىتىشكە ، خالىغانچە ۋەيران قىلىشقا بولمايدىغان ، قوغدىلىدىغان ، ئاسىرىلىدىغان ، بىز ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ياشاش ھوقۇقى بولغان ھاياتلىقتىن ئىبارەت . شۇڭا ئاللاھ بىزنىڭ ئېڭىمىزغا ئۇلارنى قوغداش يۈزىسىدىن ھارام دىگەن سۆزدىن ئىبارەت گىگانىت ، ئۆرۈلمەس ، مۇستەھكەم سېپىل سوقىۋەتكەن . بىز ئۇيغۇرمىز . بىز پۈتكۈل تەبىئەتنى سۆيۈش بىلەن ئۇيغۇرمىز . بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قەدىرلەش بىلەن ئۇيغۇرمىز . بىز ئەخلاق ، ئېتىقادنى ھاياتلىقىمىزنىڭ مەنبەسى ، يىتەكچىسى ، قىبلىنامىسى قىلغانلىقىمىز بىلەن ئۇيغۇرمىز . بىز رەزىللىك ، مۇناپىقلىق ، ھىيلە – مىكرى ، نەيرەڭۋازلىق ، چېقىمچىلىق ، پاسىقلىقتىن يىراق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇرمىز . بىز پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەققانىيەت يۇلىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەت بىلەن بىرگە ھەققانىيەت ، ئەركىنلىك ، تىنىچلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقىمىز بىلەن ئۇيغۇرمىز . بىز ئىنسانلارغا ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا بەخىت – سائادەت دوستلۇق ئاتا قىلالىغانلىقىمىز بىلەن ئۇيغۇرمىز . بىز ئىتتىپاقلىق ، ئىناقلىقنى مۇقەددەس بۇرچ قىلىپ ، چېچىلىپ كېتىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان باشقىلارنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن ھىلە – مىكرىسىدىن ، قىلتاقلىرىدىن غالىپ كېلىپ ئۇيغۇر دىگەن نامنى ئالغانلىقىمىز ھەم بۇ نامنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەنلىكىمىز بىلەن ئۇيغۇرمىز . بىز ئىمان بىلەن قۇيۇلغان ئىسمىمىزنى ، ئىمان سالغان تىلىمىزنى ، ئىمان بولغان دىلىمىزنى قوغداش بىلەن ئۇيغۇرمىز .
ئۇنداقتا يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەردىن ئويلىنىپ باقايلى . ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ھېلىھەم مىللەت ئۈچۈن ھەسسە قۇشىۋاتقان كىشىلەر شۇنداق كۆپ، ئەلۋەتتە مىلەتنىڭ يۈزىنى تۈكۈۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس، شۇنىسى ئېنىقكى، مىللەت -تارىخ تەرەققىياتتا ئورتاق پىسخىك ساپانى ھازىرلىغان كىشىلەرنىڭ گەۋدىسى بولۇش بىلەن، ھەرگىز بىرلىك ئەمەس، ھەممە شەخىس ئورتاق تىرىشقاندىلا ئاندىن ئالغا باسقىلى بولىدۇ، شۇڭا سىز ئاشپەز بولسىڭىز ساپلىقنى چىڭ تۇتۇپ، تاماقنى ئوخشۇتۇپ ئېتىڭ، قاسساپ بولسىڭىز قوينى ياخشى سۇيۇڭ ، ئوقۇغۇچى بولسىڭىز كىتابقا ياخشى قاراڭ …. مەيلى كىم بولۇڭ، نىمە ئىش قىلىڭ، شۇ ئىشنى ياخشى قىلىڭ، مىللەت ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىزمۇ، ھەرگىز مىللەتنىڭ يۈزىنى تۈكىدىغان ئىشنى قىلماڭ، شۇنداق قىلىپ بەرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش، شۇنداق قىلىپ ھەمممىز ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلساق، چوڭ- كىچىك بولسۇن باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرالىساق، ئاددى جايدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نامىمىز قالدۇرالىساق، شۇنىڭ ئۆزى چوڭ غەلبە ئەلۋەتتە !! ئەمىسە ھازىردىن باشلىدۇق، ھەممىز شۇنى تەكرارلايلى:
مىللەت ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ، ھەرگىز يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشنى قىلمايمەن!!!
تۇغۇلۇپلا كىملىكنى قويدۇم يۈتتۈرۈپ،
ئاتا ۋە ئاناممۇ كېتىشتى تاشلاپ،
ماڭىمەن تەمتىرەپ قويۇنلار ئارا،
يېتىملىك دەردىدە كۆزۈمنى ياشلاپ.
مەن كىم دەپ سورىسام بىلمەيدۇ ھېچكىم،
سەن كىم دەپ سورىسام تېخىمۇ شۇنداق،
گويا ھەممە يوقاتقاندەك ئۆز كىملىكىنى،
نىشانسىز مېڭىشار خۇددى مەن سىياق.
كىملىكىم بولمىغاچ قالدىم تالادا،
كىملىكىم بولمىغاچ قالدىم بالادا،
كىملىكى يۈتكەنلەر ماڭار ئۆمىلەپ،
كىملىكنى تاپقانلار ئۇچار سامادا.
كىملىكىڭ بولمىسا ياشىماق تەسكەن،
كىملىكى يوق كىشى خۇددى ئوت خەسكەن،
قاچانمۇ تاپارمەن ئەشۇ كىملىكنى،
كىملىكسىز ھاياتىڭ ھايات ئەمەسكەن.
2009-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چىڭدۇ.
مەنبە : دەۋر تورى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>