باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەۋەرلەر » شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىدىكى مەسىلىلىرى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىدىكى مەسىلىلىرى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىدىكى مەسىلىلىرى

c1f52614-4d5b-4265-9eda-008dd4cfa4feشىۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى تاپشۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جىددىي رەۋىشتە كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا شىۋېتسىيەدە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، ئۇلار چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىش ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگىمۇ دۇچ كەلگەنىدى.

2011-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مەھمەت قاپلان ھەمدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە قايتا-قايتا دوكلات سۇنۇلغان. نەتىجىدە، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2012-يىلى 7-ئايدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن ۋە ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان 70 تەك ئۇيغۇرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئارىدىن 3 ئاي ئۆتمەيلا، يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا بىراقلا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
2016-يىلى 9-ئايدا، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا كۆچمەنلەر سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، شىۋېتسىيەدە پاناھلىق تىلىگەن كۆچمەنلەرگە ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىش قارارى ماقۇللىنىپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بېرىدىغان قانۇن بىكار قىلىنغان.

بۇنىڭ بىلەن شىۋېتسىيەدە بىر قېتىمدىلا ۋەتەنداشلىق ئېلىش چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ شىۋېتسىيەدە جىنايەت سادىر قىلىش ئەھۋالى، شۋېد تىلى سەۋىيىسى، ئىشلەپ باج تاپشۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرى باھالىنىپ لاياقەتلىك بولسا ۋەتەنداشلىق بېرىش، بولمىسا ۋاقىتلىق ئىقامەت ئارقىلىق تۇرۇپ قېلىش ياكى يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋاللاردا لاياقەتسىز بولسا كەلگەن دۆلەتكە قايتۇرۇش بەلگىلەنگەن.

بىز بۇ قانۇن شىۋېتسىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەيدىغان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇندىن كېيىن شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پاناھلىق تىلىمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلارنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زىيالىيلاردىن ئابباس ئەپەندىم پاناھلىق ئىشلىرىدا، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا قانۇن چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، كېيىن شىۋېتسىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنىگە ھەر يىلى ساياھەت قىلىشىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شۇنىڭدەك پاناھلىققا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئورۇنلىرىغا پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرسا بىخەتەر بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئابباس ئەپەندى شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆچمەنلەرگە قارشى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە يەنە ياۋروپادا ياشتا قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، بەلكى كۆچمەنلەر قانۇنىدا ئۆزگىرىش بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى تەكىتلىدى.

شىۋېتسىيەدە 2016-يىلى 9-ئايدىن بۇرۇن 5 نەپەر ئۇيغۇرغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم چىققان بولسىمۇ، ئەمما 9-ئايدىن كېيىن كۆچمەنلەر سىياسىتى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن 3 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۈچ يىللىق ۋاقىتلىق ئولتۇرۇم چىقتى.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 3000غا يېتىدۇ.

مەنبەسى:http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/shiwetsiye-uyghur-01252017165516.html

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>