باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار غولجىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار غولجىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار غولجىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار غولجىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدىFullSizeRender

بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5كۈنى شەرقى تۇركىستانلىق ئوت يۈرەك پىدائىيلار ۋەتىنىمىزنىڭ غولجا شەھىرىگە جەم بولۇپ غولجا خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئەجدادلارنىڭ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقالايدىغان ،ھەر ۋاقىت دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئويلايدىغان ،دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ ئىززەت نومۇسىنى قوغدايدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يولسىز ۋە بىمەنە سىياسەتلىرىگە-زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ،كوچىغا چىقىپ تىنىچ نامايىش قىلىپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيتىگە قارشى كەسكىن ئىرادىسىنى خەلق ئالەمگە نامايان قىلغان ئىدى.جاللات خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى تىنىچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىشنى ۋەھشىلەرچە قانلىق باستۇرۇپ، نامايىشچىلاردىن نامەردلەرچە ئۆچ ئېلىپ نەتىجىدە ،شەرقى تۈركىستانلىقلار نىڭ ئۇزاقتىن بىرى تارتىپ كېلىۋاتقان ئىشغالىيەت ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ،خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە ئىشغالىيەتكە قارشى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئىنتىقام ئوتىغا بېنزىن تۆكۈپ تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى.
ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن غولجا قىرغىنچىلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى ھەرخىل تۈردە ئۈزلۈكسىز خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارمۇ، 2017- يىلى 5-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ پائال ھەمكارلىشىشى ئاستىدا غولجا قىرغىنچىلىنى داغدۇغىلىق خاتىرلەپ،مەزكۇر نامايىشتا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەر ۋە ھەرخىل زىيان زەخمەت ۋە بەخىتسىزلىكلەرگە يولۇققان غازى لارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇپ دۇئا قىلدى.
ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تارىختىن بىرى بىگۇناھ خەلىقنى ۋەھشىلەرچە قانلىق باستۇرۇپ خەلقتىن ئۆچ ئېلىش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئازاب ئۈقۈبەتلەر شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.مۇستەملىكچىلەرگە تەسلىم بولۇش،مۇستەمچىلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ۋە قوزغىلاڭلاردا شېھىد بولغان قەھرىمانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق قۇرال كۈچى بىلەن كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر زوراۋان كۈچنىڭ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرىمىز.ئاللاھ خالىسا بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ دۆلىتىمىز ئەسلىگە كىلىپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئىشغالىيتىدىن قۇتۇلۇپ،ئازاتلىققا ئېرىشىپ زەپەر مارىشىنى ئوقۇيدىغان كۈنىمىز چوقۇم بىر كۈن يىتىپ كېلىدۇ،بۇ پەقەت بىر ۋاقىت  مەسىلىسى.بىز  زىمىستان قىشتىن كىيىن باھار نىڭ كېلىشىگە،تۈن قاراڭغۇ كېچىدىن كىيىن تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ تەبىئىى قانۇنىيىتىگە شۇنداقلا دۇنيادىكى تەڭداشسىز كۈچلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىر زات ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەت كۈچىگە ئىمان ئېيتقان دىندار كىشلەردۇرمىز.ئىمانىمىزنى ئۆزىمىزگە يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ،ئاللاھنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا سىزغان ئىستىراتىيگىيلىك ئىلاھى پىلانىغا ئۆزىمىزنى ھازىرلاپ،ئۆز ئارا بىر بىرىمىز بىلەن ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، سەۋرچانلىق بىلەن مۇستەملىككە قارشى ھەققانى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىكەنمىز ئىستىقبالىمىز چوقۇم پارلاق بولىدۇ.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>