باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرىنى «ھاشارنى بىكار قىلىشنى جاكارلاش » قا نېمە مەجبۇر قىلدى؟
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرىنى «ھاشارنى بىكار قىلىشنى جاكارلاش » قا نېمە مەجبۇر قىلدى؟

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرىنى «ھاشارنى بىكار قىلىشنى جاكارلاش » قا نېمە مەجبۇر قىلدى؟

c9bae241-bc66-4f97-be3a-08038ba5fa99
4-فېۋرال كۈنى، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا دېھقانلارنى ھەر قانداق شەكىلدە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمنى ئۇيغۇرلارغا ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دېھقانلارنى خۇش قىلغان بۇ خەۋەر ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇنىڭ رايوندا ھاشارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى دەلىللىدى.

ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشتەك قۇللۇق تۈزۈمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇلتۇر 11-ئايدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى-دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ھاشار سىستېمىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ «خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار تۈزۈمىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىشىغا، رايوندا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان قارشىلىقلاردىن باشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دېھقانلارنى ئوپچە مەجبۇرىي ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مەۋجۇت بولمىغان، پەقەت شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان، ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرى ۋە ئەمگەك قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ تۈزۈم. خىتاي بۇ تۈزۈمنى يۈرگۈزۈش بىلەن 1999-يىلى ئۆزى قولغا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەك ئەھدىنامىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھدىنامىنىڭ 19- ۋە 130-ماددىلىرىدا ھەر قانداق بىر ئىنساننى ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ياكى ھەقسىز ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىشمۇ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى دەخلى تاۋۇزغا ئۇچرىتىش دەپ شەرھلەنگەن.

شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ھاشار تۈزۈمى بويىچە، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يىلىغا تۈرلۈك شەكىللەردە بىر ئايدىن 2 ئايغا قەدەر ھاشارغا ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتى ھەمدە باش باھار مەزگىللىرى ۋە يەنە ھۆل-يېغىنلىق پەسىللەردە دېھقانلار، ئۆستەڭ چېپىش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، يەر ئېچىش، كۆچەت تىكىشكە ئوخشاش ئەمگەكلەرگە مەجبۇرىي ھەم ھەقسىز سېلىنىپ كەلدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى جازا شەكلىدىمۇ قوللاندى، ھاشارغا بارالمىغانلارغا ھەتتا ئېغىر جەرىمانە ۋە باشقا چارە كۆرۈشكە ئوخشاش قاتتىق قوللۇق تۈزۈملەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. خەلقنىڭ نارازىلىقى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەمگەك ھوقۇقى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلىدا بىر قېتىم ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارىدىن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ھاشار شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە يەنىلا تۈرلۈك شەكىل ۋە ناملار ئاستىدا ئوخشاش داۋام قىلماقتا ئىدى.

خوتەندىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخپىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر دېھقان 3-4 يىل مابەينىدە ھاشار تۈزۈمىنىڭ قايتىدىن كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ دەل جاللات شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ شۇنداقلا بۇ مەزگىلدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسى ۋەزىيىتىدە قارشىلىقلار كۈچەيگەن، ئەڭ كەسكىن بولغان بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ نۆۋەت خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان يېزىلىرىدىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ خىتاينىڭ بۇنى ئېلان قىلىشتىكى سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن پەرھات مۇھەممىدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۈچىدىن ھەقسىز پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىشتىن بەكرەك، مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەر تۈرلۈك ھاشارغا تەشكىللەپ يىغىپ باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق كونترول قىلىشنى، ئۇلارنى تەقىب قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، ھاشارنىڭ مەۋجۇت شەكىللىرى ۋە مەقسەتلىرى ئۇنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات قېلىشىغا، ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىدەك ھەر تۈرلۈك تەسىرلىرى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك مەسىلە ھەققىدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى تەمىنلەيدىغان ماتېرىيال بوشلۇقى تولۇقلانغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلىشنى ئېلان قىلىشىدا مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى،، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر كادىر، مەجبۇرىيەت ئەمگەكلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ ھاشارنى بىكار قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

پەرھات ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، سودا كېلىشىملىرى ۋە ئەمگەك قانۇنلىرىغا بويسۇنماي ئامالى بولمايدىغانلىقى، بەلكىم مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىشنى ئېلان قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بىر كۆز بويامچىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا، «بۇنداق بىر كۆز بويامچىلىق رايوندىكى قارشىلىق ۋە ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى يېپىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تىنچلىق ۋە باشقا ھەر قانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىرىنىڭمۇ ئىلگىرى سۈرەلمەيدىغانلىقىنى» ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخپىرىغا بايان قىلدى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>