چىقىش يولى قەيەردە؟

چىقىش يولى قەيەردە؟

چىقىش يولى قەيەردە؟ sualمەن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرغىچە بىرەر ئەسەرنىڭ بېتىدە ياكى بىرەر شەخىسنىڭ سۆزىدە بۇسۇئالغا قانائەتلىنەرلىك بىرەر جاۋاپ ئۇچرىتالمىدىم.بەلكىم بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە تەشنا روھى چۈشكۈن نۇرغۇن تەقدىرداشلىرىم باردۇ! ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بۇ روھى ئۈزۈكلىكتىن قۇرتۇلۇپ كۆكتە ئەركىن ۋە مەغرۇرانە پەرۋاز قىلىۋاتقان لاچىندەك كۆڭۈل ئازادىلىكىكە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغاندۇ!؟… بەزىلەر بولسا چىقىش يولىنى تاپالماي ھەيران بولۇپ ئۈمۈدسىزلەنمەكتە، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن دەپ ئۈمىدىنى ئۈزمەكتە.

بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەلەم تەۋرىمىدى ئەمەس، بەلكى بىر قانچە كىتاپ ۋە نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلدى.ئامما نىمىشقىدۇ ئاپتۇرلىرىمىز بۇ مەسىلىنى ھەقىقى شەكىلدە ئانالىز قىلمىدى، كەسكىن جاۋاپ بېرىشتىن تارتىندىمۇ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەرىپىنى ـ مەلۇم ئاجىزلىقى تۈپەيلى بولسا كېرەك  ماھىيەتلىك بايان قىلمىدى.

شۇ شەۋەپلىك  مەن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بىر قانچە ئېغىز ھەق گەپ قىلىش مەقسىتىدە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

ھازىرقى شارائىت ۋە تارىخى يۆنىلىشلەردىن قارىغاندا، چىقىش يولى  پەقەت ئۇزۇن مۇددەتلىك قوش بىسلىق مائارىپقا مەركەزلىشىش بىلەن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ قاراشنى ئەينى چاغدا ئۇلۇغ مۇتەپەپەككۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللاممۇ ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق ئالىمنىڭ بۇ قارىشى ئالىمغا زامانداش جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ مېۋىسىز قالدى.

مېنىڭ “ قوش بىسلىق مائارىپ“ دىگىنىم دىنى ۋە پەننى مائارىپتىن ئىبارەت.بىز بۇ ئىككى ئىلىم بىلەن قاناتلانغاندا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ چىقىش يولىنى توغرا تاللىۋالغان بولىمىز.بۇ ئىككى ئىلىمنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە ئۈزەڭگە سوققۇشتۇرۇش، ياكى ئىككىسىدىن بىرىگە ئەھمىيەتسىز قاراپ كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىزنىڭ تېخىمۇ ئايىقى چىقماس يولغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشىمىزغا سەۋەپ بولىدۇ، خالاس چۈنكى ئىنسان ماددا بىلەن روھتىن تەركىپ تاپقان بىر مەخلۇق.ئىنساننىڭ ماددىي ئۇزۇققا ئېھتىياجى بولغىنىدەك، روھى ئۇزۇققىمۇ ئېھتىياجى بار.ئىككىسىدىن بىرىگە سەل قاراش ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختىيارلىقتىن مەھرۇم قويىدۇ.ئىنسانغا دۇنيادا ئېسىل تائاملارنى يەپ، نەپىس كىيىملەرنى كىيىپ، ئالىي ماشىنىلاردا ئولتۇرۇشلا بەخىتىيارلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، مۇھىمى روھى جەھەتتىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دىنى ۋە پەننى مائارىپنى چوقۇم ماددى ۋە مەنەۋىي ئۇزۇق بىلىپ، بىر قېلىچنىڭ ئىككى يۈزى قاتارىدا كۆرۇپ، مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، ئاندىن بىز ئۆزىمىزنىڭ چىقىش يولىنى تاپقان بولىمىز.

مىللىتىمىز تارىختا بىر قانچە دىنغا ئېتىقاد قىلغان، بۇ دىنلارنىڭ ئىچىدىن ئاخىرى ئىسلام دىنىنى تاللىۋالغان.ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن مەدەنىيەت ياراتتى، دۇنياغا داڭلىق ئالىملار، پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلەر، ئەدىبلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، تۈرك دۇنياسىدىن ھالقىپ، پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.ياۋرۇپا ئېغىر ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقاندا، فارابى، ئىبنى سىنا، بەيرۇنى، زەمەخشەرى، سەككاكى، بۇخارى، مۇسلىم، مەھمۇد قەشقىرى، ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبقا ئوخشاش ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە كۆپ ھەسسە قوشقان ئالىملار بارلىققا كەلدى. سەئىديە خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە داۋاملاشقان بۇ قوش بىسلىق  مائارىپ تۇغى، ئاخىرى بېرىپ جاھالەت پىرى ئاپپاق خوجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ يىقىتىلدى.

ئاپپاق خوجىنىڭ مەۋھۇم، ئەپسانە ۋە ئەپسۇنلىرى بىلەن  مىللىتىمىز ئاستا ـ ئاستا پەننى ئىلىمدىن ۋە دىنى ئىلىمىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتى.نەتىجىدە ئاپپاق خۇجا ئۆزىنىڭ خائىنانە مەقام ۋە مەنسەپ ھېرىسمەنلىكى بىلەن دىنىمىزنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ۋە ئەسلى قىياپىتىنى بۇرمىلاپ، خەلقىمىزنى ئۆز- ئارا ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا بوغۇپ، ئۇلارنى ماددى ۋە مەنىۋىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قويدى.

ئابدۇقادىر داموللام ئەينى ۋاقىتتا، جامالىدىن ئافغانى ۋە مۇھەممەد ئەبدۇنىڭ مىسىردا باشلىغان دىنى ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ تەسىرىدە، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىش نىيتىدە چەتئەلدىن قايتىپ كىرگەن.چەتئەلدىن قايتىپ كىرىپ بىر مۇددەت ۋەزىيەتنى كۈزەتكەن، نەتىجىدە مىللىتىمىزنىڭ جاھالەت تۇمانلىرىدا سوقۇلۇپ مەرىپەتسىزلىكتىن سۇسىرغان پەرىشان ھالىنى كۆرگەن.شۇنىڭ بىلەن خىزمەتنى ئالدىن مائارىپ ۋە ئاقارتىش بىلەن باشلاش قارارىغا كىلىپ مەرىپەتپەرۋەر باھاۋۇدىن ۋە ھۈسەين بايلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنەۋىي ياردىمىگە ئېرىشىپ قوش بىسلىق مائارىپ ھەركىتىنى باشلىغان.

داموللامنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر قىسىم دوگما قاراشتىكى موللىلارنىڭ ”جەدىدچى(يەنى يېڭىلىق ياراتقۇچى)“دىگەن بەتناملىرى سەۋەبىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى.شۇنداقتىمۇ داموللام قەتئىلىك بىلەن ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەي، ئاخىرىدا شاپتۇل داموللىدەك ساپساپچى، مەنمەنچى، ئېتىقادسىز ۋە ۋىجدانسىز مەلئۇنلار تەرىپىدىن سۈيقەستكە ئۇچراپ، مەقسىتىگە يىتەلمەي بۇ ئالەم بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى.

تارىخ بېتىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، داموللامنىڭ قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن، خەلقىمىز ئىچىدە ھازىرغىچە بىر قانچە ئۇلۇغ شەخىسلەر ئۆتۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ نادانلىق ۋە جاھىللىق تۈپەيلى مەقسەتلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بولالماي، قايغۇ ۋە ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

دىمەك ئۇيغۇر خەلقى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە يىتىم بالىدەك قاقتى سوقتى بولۇپ، ئۆز لايىقىدا مائارىپ كۆرۇشتىن مەھرۇم ھالدا چىقىش يولىنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالغان ئىدى.يېقىنقى 20نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ جاننى ئالقانغا ئېلىپ كۆرەش قىلىش نەتىجىسىدە ھازىرقى پەننى مائارىپ يولى ئېچىلىپتۇ، بۇ مائارىپىمىزمۇ ئۇنداق ئستىخىلىك ھالدا ئاسانلا قولغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى مۇتەپەككۈر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، كامال ئەپەندى، مەمتئېلى تەۋپىق، لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ، تەجەللى ھەزرىتىم، چىنگىزخان داماللام، نىمشىھىت…كە ئوخشاش مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن مەھسۇلات.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر پەننى مائارىپى تېخىمۇ گۈللىنىپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، زۇردۇن سابىر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئەھمەد زىيائى، مۇھەممەد سالىھ قاراجىم  ۋە ئۇندىن پىشقەدەم قەلەم ساھىبلىرى ئۇستازلارنىڭ جان كۆيدۈرۈشى نەتىجىسىدە بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ يەنىلا  مائارىپىمىز دىگەندەك دادىل قەدەم باسالمىدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي دوكتۇر كۆرەش ئىبراھىم، دوكتۇر خالمۇرات غوپۇر، دوكتۇر زەپەر ئابلىز، دوكتۇر پەرھات ئەخمەت، دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان، مۇتەپەككۇرئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابدورۇپ پولات…لەرگە ئوخشاش زىيالىلار مائارىپ ساھەسىدە بىخ ئۇرۇپ  تىگىشىلىك رولىنى ئۆتىمەكتە.

يۇقىرىقى چاقناپ تۇرغان ئىسىملارنىڭ بىرقىسمى ئىلىم- پەن دوكتۇرلىرى بولسا، يەنە بىر قىسمى ئەلسۆيەر، خەلقنىڭ ئاھۇزارىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ۋە خەلقنىڭ ئېتىقادى، ئۆرۈپ-ئادىتىنى ھۆرمەتلەپ قەلەم تەۋرىتىدىغان مۇستەقىل كۆز قاراشتىكى قەلەم ساھىبلىرىدۇر.

يېقىنقى زاماندىن بېرى سىياسى يېپىنچا ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان خاتا تەشۋىقات نەتىجىسىدە دىنى مائارىپ بىلەن پەننى مائارىپ ئارىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەت بارلىققا كەلدى، ھەتتا بىر-بىرىگە زىت ئىككى سىنىپ شەكىللەندى. بىر قىسىم تارىخى مەلۇماتتىن خەۋەرسىز، ئاتىزىم ئېڭىدا مائارىپ كۆرگەن زىيالىلىرىمىز ئىسلام دىنىنى خەلقنى زەھەرلىگۈچى ئەپيۇن دەپ قاراپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ قىسمەتلىك قاراڭغۇ تەقدىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىدىن كۆردى.ئىسلام دىنىنىڭ تارىختىكى رولىنى مۇتلەق ئۇنۇتتى ياكى كۆرمەسكە سالدى، شۇنىڭ بىلەن دىنى مائارىپنى ھە دىسە چەتكە قېقىپ دىنى مائارىپ ئالغۇچىلارنى مەنسىتمەيدىغان كەيپىيەت شەكىللەندى.

دىمەك، ئەسلىدە بىر پۇلنىڭ ئىككى يۈزى بولغان دىنى ۋە پەننى مائارىپ مۇتلەق ئايرىم ئىككى نەرسە بولۇپ شەكىللەندى، نەتىجىدە ئىككى قارىمۇ قارشى سىنىپ كىشىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر ـ بىرىگە يان قارايدىغان سوغۇق ۋەزىيەت شەكىللەندى.ئەسلىدە بۇ كىشىلەر (يەنى ئىسلام دىنىنى زەھەرلىك ئەپيۇن دەپ قارىغۇچىلار)ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىغا ۋە تارىختىكى ئورنىغا ئىنساپ نەزىرى بىلەن قاراپ، مەقسەتسىز، غەرەزسىز ۋە تەرەپسىز ھالدا لىللاھ تۇرۇپ باھا بەرسە ئىدى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇ ئىنساپسىز دەۋالىرىدا نەقەدەر ھەقسىز ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولاتتى. ئامما ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ باھا بەرمەكتە، بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ مەزلۇم ۋە مەھكۇم مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى روھىغا ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىدىمۇ يوق، ئەمىر پەرمانىنى ئىجتىمائى ھاياتىغا تەتبىقلىدىمۇ يوق،توغرىسى دىن دۈشمەنلىرى ئۇلارغا پۇرسەت بەردىمۇ يوق، بۇنى پىرىنسىپقا سالماستىن ئۇلارنىڭ مەزلۇم ۋە مەھكۇم ھالىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىدىن كۆرمەكتە.مىللىتىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ ئاپپاق خۇجا دەۋرىگىچە دىنىمىزنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىككى مائارىپنى پاراللىللاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان. پەننى، دىننى دەيدىغان ئايرىمىچىلىق ئاساسەن يوق ئورۇندا تۇراتتى.

مەدەنىيەت يارتىمىز، يول تاپىمىز، مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلايمىز دەيدىكەنمىز دىنى ۋە پەننى مائارىپنى بىرگە ئېلىپ بېرىشتىن باشقا چىقىش يولىمىز يوق.چۈنكى بۇ ئىككى مائارىپ بىر ـ بىرسىگە ئەسلا زىت ئەمەس، بەلكى گۆش بىلەن ياغدەك بىر تۇققان.

باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك دىنى مائارىپ بىلەنلا بولۇپ پەننى مائارىپقا سەل قاراش ئىسلامىيەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىسلامىيەت ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى كائىناتتىكى مەۋجۇدىيەتلەردىن مۇناسىپ شەكىلدە پايدىلىنىشنى ۋە ئۇلارنىڭ سىرىنى بىلىپ، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.دىمەككى ئىسلامىيەتنىڭ بۇ تەۋسىيەسى مۇسۇلمانلارغا پەننى بىلىم ۋە دىننى ئىلىمنى ئۆگىنىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختىيار ياشاڭلار دىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنىڭدەك پەننى ئىلىمگە باغلىنىپ دىنى ئىلىمگە سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى دىنى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئۆزىمىز ئېتىقاد قىلغان دىنىمىزنىڭ ئەمىر ـ پەرمانلىرىنى ۋە قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىپ ئەمەلى ھاياتىمىزغا تەتبىقلاشتىن ئۇزاق قېلىش دىگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇمۇ مۇسۇلمانلىق بىلەن سىغىشالمايدۇ.

ئەسلىدە ئىسلامىيەت پىرىنىسىپى بويىچە مەسىلىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە مائارىپنى پەننى مائارىپ، دىنى مائارىپ دەپ ئىككىگە ئايرىش مەنتىقى جەھەتتىن توغرا ھۆكىم بولمىسا كېرەك. چۈنكى ھەر ئىككى مائارىپ ئىسلامىيەتتە تەلەپ قىلىنغان، بىر پۇلنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدۇ.بىر پۇلنىڭ ئىككى يۈزىنى ئايرىيمەن دىيىش پۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆتمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ خالاس. شۇنىڭدەك ئىككى مائارىپنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىم ۋە باشقا نەرسە دەپ قاراشمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئىنسانغا پايدىسىز نەرسە بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

دىنى مائارىپتىكىلەر بولسۇن ياكى پەننى مائارىپتىكىلەر بولسۇن مەسىلىنى بۇ شەكىلدە نەزەرگە ئېلىشلىرى كېرەك.بىر مىللەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ھەر ساھەدە يىتىشكەن ئالىم، پەيلاسوپ بولىشى شەرت بولمىغىنىدەك، ئىسلامىيەتتە ھەم ھەممىمىزنىڭ كاتتا دىنى ئالىم بولىشىمىز شەرت ئەمەس.ئىسلامىيەتتىكى مۇسۇلماندارچىلىق ئىنتايىن ئاددى -ساددا پائالىيەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ پائالىيەتلەر ئادەتتە پادىشاھدىن گادايغىچە ھەممىگە ئوخشاش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لىكىن ھەر كىشىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى ۋە شەرت ـ شارائىتىغا قاراپ ئاسانلىق يوللىرى كەڭرى ئېچىۋىتىلگەن.

بىز پەخىرلىنىدىغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلىرىمىز، پەيلاسوپلىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز، شائىرلىرىمىز، دوختۇرلىرىمىز، تارىخچىلىرىمىز، ئالىملىرىمىز دىنى مەكتەپلەردە يىتىشىپ چىققان زاتلار ئىدى، دىنى بىلىم بىلەن پەننى بىلىمنى بىر گەۋدە ئاساسىدا ئۈگەنگەن.ئەينى زاماندا مەسجىد مەكتەب، مەكتەب مەسجىد ئىدى…

***

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا ، چىقىش يولىمىز پەقەت دىنى ۋە پەننى مائارىپ دەپ مائارىپنى ئىككىگە ئايرىپ، ئىككى قۇتۇپ كىشىلىرىنى شەكىللەندۈرمەستىن، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارالىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىش بىلەن ئېچىلىدۇ.

مانا بۇ ئىسلامىيەتنىڭ تەلىۋى ۋە چىقىش يولىمىزنىڭ  ئاساسلىق نوقتىسى.

 

*****

 

دىنى ۋە پەننى مائارىپنىڭ نەمۇنىسى مەرھۇم مۇتەپەككۈر ئالىم، ئىسلاھاتچى، تۆھپىكار ئۇستاز ۋە مەرىپەت يۇلتۇزى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۆزلىرىدىن نەمۇنە:

… ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن غەيرەت-شىجائەتلىرى سايىسىدە ھەقىقەت نۇرى تامام ئالەمگە ئاشكارا بولدى، ئىتتىپاقلىق، ئىلىم- مەرىپەت، ئىنساپ ۋە ئادالەت ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى. جەبىر- زۇلۇم، ئىختىلاپ، ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە ئىلىمسىزلىك (جاھالەت) لەر زاۋاللىققا يۈز تۇتتى…

قاچانىكى ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەخلاقلىرى بۇزۇلدى، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نوقسان يەتتى.ئىتتىپاقلىق يوقالدى، ھورۇنلۇق ۋە بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر مەيدانغا چىقتى. ئىلىم – مەرىپەت كېمەيدى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇزارلىققا يۈزلەندى.

پېشۋالىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ئۇنتۇلۇپ، خۇراپاتلىق باش كۆتۈردى، ئىززەت-ئابرويلار قولدىن كەتتى.ئەجنەبىلەر ۋەتىنىمىزگە قول ئۇزارتتى.
“ ھەر قانداق ئەل ئۆز ئابرويىنى ئۆزى يوقاتمىغۇچە ئاللاھ ئۇنى يوقاتمايدۇ“ دىگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى…

بىز ئىلگىرىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلايلى، ھازىرقى تۆۋەنلىكنىڭ ئۆزىمىزدىكى ئۈمۈدسىزلىك، ھورۇنلۇق ۋە جۈرئەتسىزلىكتىن كىلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، ناچار ئەخلاقتىن يانايلى!

ئەر ۋە ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنڭىغا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشىمىز، خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەبلەرنى ئېچىشىمىز لازىم، چۈنكى كىچىك باللار نادان ئانىسىنىڭ تەربيىسىدىكى چاغدا، يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن  قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر.

ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا، پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار.بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا، كامالەتكە يەتمىگىمۇ ئاسان بولىدۇ.

بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر.جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت دەۋرىدۇر.سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتىدۇر.باشقا مىللەتلەر ئىلىم  ۋە مەرىپەت سايىسىدە ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا.سۇ ئاستىدا بولسا، خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە، بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز.ئۇيقۇ بولسا،  ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر.بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق  يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر! ھېلىمۇ ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار.جانابى ھەقنىڭ رەھمەت ۋە ئىنايەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇقتۇر.دۇنيادا ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس. ئىنسان كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگىنىشى ۋە كەسىپ( ھۈنەر-سانائەت) بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئىشنى ئۆزلىكىدىن مەيدانغا چىقىرىشىنى تەڭرى ئىبادەت قىلمىغاندۇر، يەنى ھەر بىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ.ھەممە ئىشقا تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش خۇدانىڭ يوليۇرۇقىدۇر.“ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر“ دىگەن ئايەت بۇنىڭغا گۇۋاھ، ئىسپاتتۇر.

قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھىزە قىلايلى، ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس! غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كۆزىمىزنى يوغان ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتىرىشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز، ھېلىھەم ۋاقىت بار، پۇرسەت بار! ! !

(قەدىرلىك پىشقەدەم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ:“ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە“ نامىلىق كىتابنىڭ 147-151- بەتلىرىگە قاراڭ).

مەنبەسى: مەرىپەت مۇنبىرى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>