باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ‏ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بۇيچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتى
‏ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بۇيچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتى

‏ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بۇيچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتى

imageئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بۇيچە تەربىيىلەش كۇرسىغا شىۋېتسىيەدىكى ياشلارغا ۋاكالىتەن قاتناشتى.

ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 50 نەچچە نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر ياشلىرى 29-مارت ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» ناملىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يىغىلغان ئىدى.30-مارت سائەت 9:00 دا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

يىغىندا تۇنجى بولۇپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى (فىئونا خانىم )ياشلار ئارىسىدا راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. سائەت9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان بۇ پائالىيەتتە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقبالىغا قانداق قارايسىز؟»، «بۇ نۆۋەت ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى ناملىق يىغىندىن رازى بولدىڭىزمۇ؟» دېگەندەك سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

فىئونا خانىمنىڭ راي سىناش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سائەت 10:00 دىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى پىررې ھېگاي ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ب د ت نىڭ خىزمەت مېخانىزىمى» دېگەن تېمىدا 3 سائەت دەرس ئۆتتى. بۇ دەرستە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تۈرلۈك كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى، ب د ت غا سۇنۇلىدىغان دوكلاتلارنى ھازىرلاشنىڭ 6 تۈرلۈك قائىدە-پرىنسىپلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى. دەرستىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى نەق مەيداندا پراكتىكىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت غا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 30 مىنۇت ئىچىدە سىناق دوكلات ھازىرلاتقۇزدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) خادىمى لۇسىيا پارروچى خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك كۈنسېرى ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىش ھەم خىتايغا بېسىم بولىدىغان ئۈنۈملۈك قارارلار ئالدۇرۇش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قەدەم باسقۇچلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

سائەت 15:00-18:00 دا ئامىستېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چارلوتتە ھىللە «خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تېمىسىدا 3 سائەت دەرس ئۆتتى.

بۈگۈنكى بۇ كۇرستا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلىدى. چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىنى سوراپ بىلدى. كۇرس ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا،ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن يېغىنغا قاتناشقان بارلىق ياشلار ۋە مۇھىم شەخىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،شىۋېتسىيەدە كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرى،شۇنداقلا ئۇيۇشمىمىزنىڭ ياش سىياسەتچىلەرنى تەربىيلەش جەھەتلەردە باشقا تەشكىلات ۋە تەربىيە مەركەزلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشالايدىغانلىقىدەك ئۇچۇق پىكىرگە ئىگە ئالاھىدىلىكلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>