باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ «ئائىلە كۈنى» نامىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى
ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ «ئائىلە كۈنى» نامىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى

ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ «ئائىلە كۈنى» نامىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى

97a1669b-65f0-47f2-88ac-737c4b26fe91شىۋېتسىيەدىكى  مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، ئىبنى رۇشىد تەلىم-تەربىيە مەركىزى، ۋە شىمالىي ياۋروپا ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائال ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق (مۇسۇلمان ئائىلەلىكلەر كۈنى) دېگەن تىمىنى چۆرىدەپ ھەر يىلى ئۇدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان كەڭ كۈلەملىك يىغىن،2017- يىلى 14-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى «ئەلھۇماسسان» يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

‏يىغىن ئالدى بىلەن «شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى سۆزگە چىقىپ يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا تەبرىك سۆزى قىلدى.بۇ قېتىمقى  يىغىنغا شىۋېتسىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن تەخمىنەن 4500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

‏ يىغىنغا ئىسلام ئەللىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا  ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيۇشمىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ،تەشۋىقات كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئېلىپ باردى. كۆرگەزمە زالىدىكى ئۈستەلگە قويغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بېسىلغان شارپا، مايكا، ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى، ئەركىنلىك شوئارى بېسىلغان شەپكە، شۋېدچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللاردا بېسىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئەرەبچە كىتابلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق شۋېدچە كىتابلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>