باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن‹خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش› يىغىنىغا قاتناشتى
ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن‹خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش› يىغىنىغا قاتناشتى

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن‹خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش› يىغىنىغا قاتناشتى

شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ تۈرمىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كېسىپ چىقىرىۋېلىپ،ئۇنى خەلقارالىق قاراڭغۇ بازارلاردا سېتىشى،ۋە دۆلەت قارمىقىدىكى نوپۇزلۇق ھەربى دوختۇرخانىلارنىڭ سىياسى مەھبۇسلارنىڭ تىرىك بەدىنىنى تىببى تەجرىبە ئىشلىرىغا بىمالال ئىشلىتىشى قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى ئىزچىل سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان گۇۋاھلىق بىرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن 3-ماي كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى  سائەت 13:00 تە پارلامېنت بىناسىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان 2-نۇمۇرلۇق يىغىن زالىدا 20 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن باشلىنىپ ئۈچ سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.يىغىندا,ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ماقالە يېزىپ داڭ چىقىرىپ 2017-يىللىق نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن مەشھۇر يازغۇچى Ethan Gutmann  ئەپەندى ،ۋە خەلقارا مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلىپ،خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ ئورگان تىجارىتى ساھەسىدە  ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ تۇرۇپ ،ئۇيغۇر ،تىبەت ،ۋە پالۇنگۇڭچى قاتارلىق سىياسى مەھبۇسلارنىڭ ھەق ھۇقۇقلىرىغا قارشى سادىر قىلغان ۋەھشىيانە جىنايى قىلمىشلىرىنى دەلىل پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرغا قويدى.خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ پۇلنى دەپ بىگۇناھ سىياسى مەھبۇسلارنىڭ  جېنىغا زامىن بولىشىدەك قەبىھ ماھىيتى يۇرتۇپ بىرىلگەن مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى ئەپەندى پاش قىلىپ چىققان مۇھىم ۋەقە ۋە ھادىسەلەرگىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇن بىرىلگەن ئىدى.

 يىغىننى شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسى ۋە مودىراتلار پارتىسى نىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىشكە مەسئۇل پارلامىنت ئەزالىرى ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش جەمئىيىتى، قاتارلىقلار تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ۋەكىللىرى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيۇشمىمىزنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار قاتنىشىپ يىغىننىڭ ئاخىرقى مۇنازىرە قىسمىدا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.ئۇ سۆزىدە شىۋېتسىيە قانۇن تارماقلىرىنى خىتايدىن ئادەم ئەزاسى ئىمپورت قىلىۋاتقان بەزى بىپەرۋا سەھىيە ئىدارىلىرى ۋە ئادام ئورگىنىغا ئېھتىياجلىق شۋېد بىمارلارنى قانۇن ئارقىلىق تىزگىنلەپ، قانۇنسىز ئادەم ئورگىنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھارام پۇل تېپىۋاتقان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قانۇنسىز تىجارەتلىرىگە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.  ئۇ ،مۇنداق دېدى:“ئورگان سېتىۋالىدىغان خېرىدار ئازايسا ،خىتاي ھۆھۈمىتىگە ئوخشاش ئورگان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانخورلار ئازراق سىياسى مەھبۇسنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ

imageimage

ئۇشبۇ خەۋەرنى خىتايچە مەنبەلەردىن ئۇقۇڭ:http://www.soundofhope.org/gb/2017/05/03/n847931.html?utm_content=bufferc2afa&utm_medium=social&utm_source=twitter.com&utm_campaign=buffer

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>