باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن2- نۆۋەتلىك ”شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستىراتېگيە مۇھاكىمە يىغىنىغا“قاتناشى
ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن2- نۆۋەتلىك ”شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستىراتېگيە مۇھاكىمە يىغىنىغا“قاتناشى

ئۇيۇشمىمىزنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن2- نۆۋەتلىك ”شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستىراتېگيە مۇھاكىمە يىغىنىغا“قاتناشى

19-ماي كۈنى گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بىرلىندا 2- نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگيە موھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى 19- مايدىن 21- مايغىچە ئېچىلىش پىلانلانغان بولۇپ، 21- ماي كۈنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن 29 نەپەر ئالاھىدە ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، يىغىن تولىمۇ جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ ئۆزگۈرىشى، بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللى مۈستەقىللىقى غا كۆرسىتىدىغان ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرلىرى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار قانداق پايدىلىنىشى كىرەكلىكى قاتارلىق مەسىللەر توغرىسىدا تەپسىلى مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
يېقىنقى مەزگىللەردە يۈكسىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان چەكتىن ئاشقان سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېرورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل ھېلە مېكىر ۋە سۈيقەستلىرى ھەققىدىمۇ تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ كىلىشىشى، سىياسەتچىلەرنىڭ كەسىپلىشىشى، ئىدىئولوگىيە ۋە مالىيە مەسىلى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ يىغىننىڭ موھىم قىسمى بولدى.
دەۋا سىپىدە يېڭى بىر ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇش، دەۋا ئۈچۈن يېڭى ئۈنۈملىك بولغان نەزىيە ئاساسىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەد قىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيتى تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى ھەققىدە موھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى. ھەمدە بۇيىغىننى بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئېلىپ بېرىش ۋە ئورتاق بىر سىتراتېگيە بەلگۈلەشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە پىر قاتار خىزمەت تەسەۋۋۇرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>