باش بەتكە قايتىڭ » ۋەقە ۋە مۇلاھىزە » غايىب ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان سودىسى بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟
غايىب ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان سودىسى بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟

غايىب ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان سودىسى بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟

بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىدا 1990-يىللاردىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان، ئائىلە، جەمئىيەت، مۇھىمى دۆلەتنىڭ سىستېمىسىدىكى بوشلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ئېغىر مەسىلە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا نوپۇسنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشى بىلەن بالىلارنى ئوغرىلاش جىنايەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بولۇپ، ئوغرىلانغان بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قەبىھ جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشىدىن ئىبارەت تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئېھتىماللىق ئاتا-ئانىلارنى ئەنسىزلىككە سالماقتا. بۇ ھەقتە خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان يۆتكەش مەسىلىسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئېتىن گۇتمان ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش مەسىلىسى خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گەرچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئاپىرىپ مەخسۇس جىنايەتكە سالىدىغان قارا گۇرۇھلار خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ 2014-يىلىدىكى شۇ تۈردىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئاساسەن يوقىتىلغان بولسىمۇ، ھالبۇكى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا نوپۇسنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشى بىلەن بالىلارنى ئالداپ كېتىش دېلولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. قەبىھ جىنايەتچىلەرنىڭ بالىلارنى ئوغرىلاش تاكتىكىلىرىمۇ كۆپەيگەنلىكى ۋە شىددەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى توختىماي تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بالىلارنى كۈپ-كۈندۈزدە ئاپتوموبىل ياكى موتسىكلىتلاردا بۇلاپ قېچىش، كەمپۈتكە ئوخشاش بالىلار ئامراق نەرسىلەر بىلەن ئالداپ ئېلىپ قېچىش، ھەتتا ئاتا-ئانىسى يېنىدا تۇرۇپمۇ بۇلاپ قېچىشقا دائىر سۈرەتلىك ۋە سىنلىق ئارخىپلاردىن خىتاي جەمئىيىتىدە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە پەيدا بولماي قالمايدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ، يېقىنقى يىللاردا ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتقان بالىلارنى خىتايلارنىڭ تاغارغا، ئاپتوموبىللارغا سېلىپ ئېلىپ قاچقان دېلولارمۇ كۆرۈلمەكتە. بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى تېپىلغان بولسىمۇ، بەختكە قارشى يەنىلا كۆپ ساندىكىسى غايىب، بورتالادىكى ئېلنۇر بىلەن ئەسقەتنىڭ ئارزۇلۇق قىزى سۈرىيە بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن غايىب بولغان ئىدى، بالىسىنىڭ دەردىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىنىمۇ قېزىپ بالىسىنى تاپالمىغان ئېلنۇر خانىم، 3 يىلدىن بۇيان قىزىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئادەم بېدىكلىرى ياكى ئورگان جىنايەتچىلىرىنىڭ قىزىغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغانلىقىنى، يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش پىدائىيلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا خېلى كۆپ بالىلارنى تېپىپ ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئۈمىدلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا توختىماي يۈز بېرىۋاتقان بالىلارنى ئوغرىلاپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دېلولىرى، ئوغرىلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قەبىھ جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈك ياكى تىرىك پېتى ئېلىۋېلىنغانلىقىغا دائىر ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا تارقىتىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق سىن كۆرۈنۈشلەر، غۇلغۇلا ۋە ئەندىشە، تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان بەختسىز ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ زور غەم -ئەندىشە ساراسىمىگە سېلىۋاتقانلىقى ئىنكاسلاردىنمۇ مەلۇم.

خىتايدا بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايەتلىرى ئىلگىرى، بالىلارنى قۇل قىلىش، يانچۇقچىلىق، ئوغرىلىق ياكى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرىگە سېلىش، جىنسىي قۇل قىلىش، جىسماني جەھەتتىن ناكا قىلىش ياكى تەھدىت ئارقىلىق دىۋانىلىككە سېلىشقا ئوخشاش جىنايەت تۈرلىرى بىلەن باغلانغان ئىدى. نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش كېڭەيگەندىن كېيىن يۈتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بۇ خىل جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بوشلۇقى تارايغان. ئەمما بالىلار داۋاملىق يۈتمەكتە ھەمدە تېپىلىش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا ئىكەن. ئۇنداقتا، جىنايەتچىلەر بۇ بالىلارنى ئوغرىلاپ نېمە قىلىدۇ، نەگە ئاپىرىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قامال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارادا نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس كىتاب چىقارغان ئېتىن گۇتمەن ئەپەندى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان سودىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان سودىسىدا ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ياكى ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بولغان بۇ ھەقتە پەقەت 7 دېلو بار، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورگان سودىسىدا تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي دوختۇرخانىلىرى بۇنىڭ ئارقىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، يوقاپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلاردىن ئورگان سودىسى ۋە جىنسىي قۇللۇققا سېلىنىش ئۈچۈن پايدىلىنىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ مەسىلە بۇ ناھايىتى ئېغىر، ئەمما بۇ ھەقتە تېخىمۇ پاكىتلىق ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجىمىز بار.»

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزەتكۈچىلەردىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئاستىدىمۇ بالا ئوغرىلاش جىنايەتلىرىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بولۇشىنىڭ ئەسلى مۇمكىن بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇ ھەقتە پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇپ قەستەن قويۇپ بېرىۋاتىدۇ دېگەندىن باشقا جاۋاب تاپالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېغىر ھالدا يۈز بېرىۋاتقان بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىش مەسىلىسىنى خىتايدىكى مەۋجۇت ئورگان يۆتكەش جىنايەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىقى بار دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ghayib-balilar-05242017134658.html

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>