باش بەتكە قايتىڭ » تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار » كېچىكىپ ئويغانغان مىللى روھ
كېچىكىپ ئويغانغان مىللى روھ

كېچىكىپ ئويغانغان مىللى روھ

كېچىكىپ ئويغانغان مىللى روھ

ئابدۇللا كۆكيار

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت  رايونلىرىنىڭ تەبىئىى بايلىقىنى تالان تاراج قىلىپ،ئۇ يەردىكى يەرلىك خېلىق ئاممىسىنىڭ قېنىنى شوراپ،شۇنداقلا ئومۇمى خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىپ،پۇخرالارنىڭ ئۈلەش تىرىلىشىگە قارىماي ،ھۆكۈمران كۈچنى مەركەز قىلغان كوممۇنىست پارتىيىسى نىڭ چونتىكىنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ھارام بايلىق توپلاپ،ئىقتىسادى ۋە ھەربى كۈچ جەھەتلەردە مەلۇم سەۋىيىدە تەرەققى قىلغانلىقىدىن كۆرەڭلەپ،قېنىغا پاتماي، ئۇزاقتىن بىرى ئۇخلىماي كۆرۈۋاتقان«شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقىنى ئاسىملاتسىيە قىلىش ئارقىلىق تەلتۆكۈس يوقۇتۇشتەك» خام خىيال ۋە شىرىن چۈشلىرىنى تىزراق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش،ئۇچۇن نەپسى تاقىلداپ، جۇدۇنلىقى تۇتۇپ،قەبىھ ماھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تارىختىن بۇيان يۈزىگە ئورىۋالغان مەنىۋى چۈمبەردىلىرىنىمۇ ئامالسىز يىرتىپ تاشلىدى.ئەسلىدىكى رەزىل ماھىيىتىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاپ، شەرقى تۈركىستاندىكى  زەربە بېرىش ئۈبېكتىسى بولغان ئاتالمىش«ئۈچ خىل كۈچ»دېگەن سىياسى ئۇقۇمغا يەنە بىر خىل «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار»دېگەن يىڭى بىر ئاتالغۇنى قېتىپ چىقىپ ،بىلىكىدىكى كۈچكە ئىشىنىپ،ھەرخىل باھانە سەۋەب ۋە بىمەنە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ زەربە بېرىش دائىرسىنى كېڭەيتتى.مىللى كادىرلارنىڭ مۇستەملىككە قارىتا ئىلاجىسىز تەسلىم بولغانلىقى،سۈكۈت قىلىپ چىشنى –چىشقا چىشلەپ،مىللى خاسلىق ۋە دىننى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان ھالدا كومپارتىيىگە سادىق چىرىك بولۇپ ئىشلەپ بەرگەنلىكىنىڭ ئەمدى ھېچ نەرسىگە يارىمايدىغانلىقنىى، ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى.يىغىپ ئېيتقاندا، شەرقى تۈركىستاندىكى ھەرقانداق بىر يەرلىك پۇخرا ۋە ھەتتاكى يەرلىك مىللى چىرىكلەرنىڭمۇ ئاللا بۇرۇن بېيجىڭ مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىدا جۇۋىسى تىكىلىپ،ھۆكۈملىرى پىچىلىپ،قىممىتى تۈۋەنلەپ بولغانلىقىدەك بىر شۇم پىلاننىڭ بېشارەتلىرىنى تاراتقىلى باشلىدى.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلىرىدە ئۆز خەلقىنىڭ جانى جان مەنپەتنى ئالدىن قاتارغا قۇيۇپ،خېلىق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان خېلىقچىلىق ئېڭى يۇقۇرى مۇنەۋۋەر مىللى كادىرلارغىمۇ يېقىندىن بۇيان «ئىككى يۈزلىمىچى،مەيدانى ئىنىق،بايرىقى روشەن ئەمەس »دېگەندەك ئويدۇرۇلما جىنايەت ۋە سىياسى قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ،قاتتىق جازالىنىۋاتقانلىق خەۋەرلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز.كۆتىرەلمىسىڭىز ساڭگىلىتىۋېلىڭ دېگەندەك، ئاتالمىش (ئۈچ خىل كۈچ)دېگەن كاتىگورىيەنىڭ بىرەرسىگە كىرىپ قېلىپ بىكاردىن بىكا قاتتىق جازالىنىۋاتقان قوۋم قېرىنداشلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز بولۇپ كەتكەنلىكىگە شۇنداقلا،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرى قۇڭىغا ئۇرۇپلا ئويدۇرۇپ چىققان بىمەنە قانۇنسىز جازالار نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ ئازاب ئوقۇبەت چېكىشىگە ،يۇرتلىرىنى تاشلاپ ،جانلىرىنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ يۇرت تېشىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىشىغا ھەركىمنىڭ ئىچى ئېچىشىپ تۇرغان بىر پەيتتە بۇنداق يىڭى تۈردىكى بىمەنە ئەھۋاللار دەرتلىرىمىزگە دەرد قاتتى. شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۇركىستانلىقلارنى بىئارام قىلدى.

كۆز ئالدىمىزدا ئەمىلى يۈز بەرگەن بۇ،تىراگىدىيلىك ئەھۋاللار ،بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان بىر رەزىل يولسىز ئۇنسۇر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىدىن باشقا بارلىق كوممۇنىست بولمىغان،تولۇق ماڭقۇرتلاشمىغان(قىپ قىزىل غالچى چىرىككە ئۆزگەرمىگەن) ھەرقانداق بىر يەرلىكنى جان جەھلىدىن ئۆچ كۆرىدىغان ياۋايى بىرخىل كۈچ ئىكەنلىكىنى،ئېنىق ۋە ئەمىلى كۆرسىتىپ بەردى.

شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ،كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ،تېخىمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشى، بىزگە  تەبىئىى ھالدا مەشھۇر سىياسى ھېكايە چۆچەكلەردىكى بىر گۇرۇپپا يالاڭتۆش قانخور يولۋاس گوروھىنىڭ  كۈچلۈك بىر بۇقا توپلۇقىنى قارا،قىزىل،ئاق ۋە سېرىق دىگەندەك رەڭلىرى بۇيىچە بىر نەچچە تۈرگە ئايرىپ،ھىلە ئىشلىتىپ،بۇقىلارئائىلىسى نىڭ ئىدىيسىنى يۇيۇپ،مىللى بىرلىك روھىنى تورمۇزلاپ توختىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇساق ئېھتىياجغا قاراپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكى،ئەڭ ئاخىردا ئۆلۈم نۆۋىتى كەلگەن ئاق بۇقىنىڭ مىللى بىرلىك روھى كېچىكىپ ئويغۇنۇپ،جان بىرىشنىڭ ئالدىدا ھەسرەت ئىچىدە كىيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن ئىنتايىن تەسىرلىك بىر تەپەككۇر خاتىرىسىنى قالدۇرغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

قانخور يولۋاسلار ۋە بۇقا ئائىلىسى“دېگەن سىياسى ھېكايىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

بۇرۇنقى زاماندا بىپايان چەكسىز پەلەكنىڭ مەلۇم بىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان بىر يېشىللىققا چۆمگەن تىنىچ جاڭگالدا بىر ئەۋلاد كالا ئائىلىسى ياشايدىكەن،كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقا بىر ئوتلاقتىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ،يەپ تۈگىتىپ،ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر تىرە بىر سۈڭىكى قېلىپ يالاڭتۆش بولۇپ قالغان بىر تۈركۈم يولۋاس گوروھى بۇ،تىنىچ جاڭگالغا جاڭگالنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچى قىياپەتتە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، كۆچۈپ كېلىشكە باشلاپتۇ،يالاڭتۆش يولۋاسلارنىڭ ساختا سەمىيمىيتىدىن گۇمانلانغان قارا كالا قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋېشى بارلىق كالا قەبىلىلىرىنىڭ ئاق ساقال بۇقالىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ يىغىن ئېچىپ،يالاڭتۆش يولۋاس گوروھىنى تىنىچ جاڭگالدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە پىلان لايىھە تۈزۈپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تىنىچ جاڭگالغا خوجايىن بولۇش ئۈچۈن كۆچۈپ كەلگەن ئېقىندى يالاڭتۆش يولۋاس گوروھى بىلەن يەرلىك بۇقىلار ئارىسىدا كۈرەش باشلىنىپتۇ.كۈچلۈك بىرجەمەت يەرلىك كالا ئائىلىسىنىڭ ئاق ساقاللىرى بىلەن يۈزمۇ-يۇز ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلىشقا كۆزلىرى يەتمىگەن ئېقىندى ئاچ يولۋاسلار سۈلھى-سالاچى ئىتتىپاقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ،ئىلگىرى باشقا يايلاقلاردا باشقا ھايۋاناتلارئائىلىسىنى قاقتى سوقتى قىلىپ ،ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش جەريانىدا ئىگىلىگەن تەجرىبىلىرىنى ئىشقا سېلىپ،تىنىچ جاڭگالدىكى بۇ،بۇقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى يۇيۇپ،مىللى بىرلىك روھىنى تورمۇزلاپ توختىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قوساق ئېھتىياجغا قاراپ ئوۋلاپ يوقۇتۇش يولىنى تاللاپتۇ.ئەڭ باشتا بىر ئاماللارنى قىلىپ كالا ئائىلىسى ئىچىدىن بىر تۈركۈم تەربىيەسىز قالغان قۇساق باقتى مۇزايلارنى يولۋاسلارغا ئىتتەك سادىق غالچى قىلىپ ماڭقۇرتلاشتۇرۇپتۇ.تۈزگەن پىلانلىرىنىڭ ۋاقتى سائىتى پىشىپ يەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاچ يولۋاسلار،بۇقىلار ئارىسىدىكى مىللى روھى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قارا بۇقا بىلەن قەستەن جېدەل ماجرا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپتۇ، باشقا رەڭلىك بۇقىلار ئۇشبۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قارا بۇقانىڭ تەرەپدارى بولۇپ يولۋاسلاردىن ھېساب سوراپ مەيدانغا يىغىلىپتۇ،ئاچ يولۋاسلار پەم بىلەن ئەقىل ئىشلىتىپ،بۇقىلارغا مۇنداق خىتاب قىلىپتۇ:

-ھۆرمەتلىك كالا ئائىلىسىنىڭ ئاق ساقاللىرى،ۋە بارلىق كالىلار!يولۋاس ۋە كالا ھەممىمىز بىر ھايۋاندۇرمىز.گەرچە بىزنىڭ  يېمەك ئىچمەك ئادىتىمىز ،ھالال –ھام قارىشىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ،بۇ تىنىچ جاڭگالنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۇچۇن،بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۇرۇق تۇغقان بولۇپ ئۆتىشىمىز،بىر بىرىمىزنى تاشقى دۈشمەندىن قوغدىشىمىز لازىم!كالا مىللىتى،يولۋاس مىللىتى دەپ،بۇ تىنىچ جاڭگالدا مىللى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلماي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك،ئۇرۇق تۇغقان ۋە ئىناق بولۇپ ياشىشىمىز لازىم! ماۋۇ قارا بۇقا،ئارىمىزغا زىددىيەت سېلىپ سىلەرنى بىزگە،بىزنى سىلەرگە دۈشمەن قىلىپ،ھايۋاناتلار ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ،ئەقىللىق كالا ئائىلىسىنىڭ بۇنداق بىر مىللى بۆلگۈنچى قارا بۇقا نىڭ ئارقىسىغا كىرىپ بىزنى خاتا گۇمان قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز!بىلىپ قېلىڭلاركى بىزنىڭ باشقا رەڭلىك بۇقىلار بىلەن زىددىيتىمىز يوق“دەپ باشقا رەڭلىك بۇقالارنى خاتىرجەم قىلىپ تارقىتىۋېتىپتۇ.كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ئايلار ئۆتۈپتۇ،ئاچ يولۋاسلار،ئالدىن پىلانلىغان رەزىل تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ،كۈكەمىلەرچە سېرىق بۇقاغىمۇ باشقا بىرخىل ئويدۇرما جىنايەت توقۇپ چىقىپ،ئۇنىڭغا بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز ھۇجۇم  قىلىپ ئۆلتۈرۈپ،ھىد بۇسنى چىقارماي يەپ تۈگىتىۋېتىپتۇ.ئىشلار مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپتۇ.ئۆلۈش نۆۋىتى ئەڭ ئاخىردا قالغان ئاق بۇقىغا يىتىپ كىلىپتۇ. ئاق بۇقىنىڭ مىللى بىرلىك روھى كېچىكىپ ئويغۇنۇپتۇ.ئۇ،جان بېرىشنىڭ ئالدىدا ھەسرەت ئىچىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن تۆۋەندىكى سۆزىنى قالدۇرۇپتۇ:

-“ئەڭ باشتا رەھمەتلىك قارا بۇقا،قېرىندىشىم مەككار ئاچ يولۋاسلارنىڭ زەھەرلىك چاڭگاللىرى ئارىسىدا خىخىراپ،مۆرەپ جان بېرىشكە باشلىغاندا،مەنمۇ ئۆلۈپ بولۇپتىكەنمەن ئەسلى…“.

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ،كېتىپ بېرىۋاتقانلىقى،شەرقى تۈركىستاندا ئەركىن بىر نەپەس ئېلىشىمۇ تەس ھالغا كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا، ئۈندىدار توپلىرى،ۋە باشقا ھەرخىل مىدىئا ۋاسىتىلىرىدە  مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مۇنازىرە تىمىلىرىمۇ ئىنتايىن كەسكىن ۋە جىددى بولۇپ،كەڭ خېلىق ئاممىسىنىڭ پېشقەدەم ئۇستازلاردىن سىياسى ئەربابلاردىن خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ مېڭىشىغا قارشى نىمە قىلىش توغرىسىدا تالاي سوئاللارنى بەس-بەستە ئاشكارا سوراشقا باشلىغانلىقىغا،كېچىكىپ بولسىمۇ،ھەممە ئادەمنىڭ بىردەك سۈت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ۋە شۇم نىيىتىنى ئاخىر تونۇپ يىتىپ،ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىشقا ئىزدىنىشكە ئاتلانغانلىقىغا،قىسقارتىپ ئېيتقاندا ئۇمۇمى خېلىق ئارىسىدا بىرخىل جىددى كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشكە باشلانغانلىقىغا شاھىد بولۇۋاتىمىز.

گەرچە، كۆپۈنچە قىيىن ۋە مۇرەككەپ  سوئاللار جاۋابسىز قېلىپ،تور دۇنياسىدا بىرخىل سۈكۈتنىڭ ،يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىرخىل روھسىزلىق نىڭ ھۆكۈم سۇرىۋاتقانلىقىدەك بىرخىل ئاچچىق رىئاللىق ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلسىمۇ،لېكىن ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە دىققەت قىلغىنىمىزدا ئۇمۇمى يۇزلۈك خېلىقنىڭ سۈت ئۇيقۇسىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغۇنۇپ،مۇستەملىك تىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مىللى روھى كېچىكىپ بولسىمۇئويغۇنۇپ،ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى تېپىشقا سەمىمى ئىزدىنىشكە باشلىغان شەرقى تۈركىستانلىقلار چوقۇم بىر كۈن چىقىش يولىغا ئېرىشىدۇ.

ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ھامان بىركۈن توغرا يول تېپىپ چىقىشى،توغرا يۇسۇندا تىرىشقانلار، تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۈرىشى،ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم نېمە تېرىسا شۇنىڭدىن بىر ھۇسۇلغا چوقۇم ئىرىشىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتلەر مۇقەددەس كىتابلاردا تالاي قېتىم قەيت قىلىنغان، شۇنداقلا تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلىرىدە ھەتتا كۆز ئالدىمىزدا ئەمەلىيەت بىلەن ئىسپاتلانغان. مەزلۇم شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىلوگىيە ساھەسىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان بۇ،ئويغىنىش دولقۇنىنى، ئىلگىركى بەزى ئېقىمدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىلوگىيسىدە مەۋجۇت بولغان“خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئادالەت كۈتۈش“ خاھىشىغا سېلىشتۇرغاندا،زور بىر ئىلگىرىلەش دەپ ئاتىساق مۇبالىغە بولمايدۇ.

لېكىن شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇمۇمى يۈزلۈك ئويغۇنۇپ كېتىشىدىن،مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىدەك ھەركەتچان ھالىتىدىن ئەلۋەتتە ئۇڭايسىزلىنىۋاتىدۇ.ئۇلار بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ،ئۇمۇمى يۈزلۈك ئويغۇنۇپ كەتكەن ئاق كۈڭۈل شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈش نىشان ئۇبىكتىسىنى باشقا ياقلارغا ۋاسىتىلىك بوراپ، كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ كۆپنى كۆرمىگەن ساددىلىغىدىن پايدىلىنىپ ساغلام ئىدىيسىنى دىن نامىدىن قالايمىقان قىلىپ، ئۇلارنى زىممىسىگە يۈكلەنگەن پەرىزجىھاد(تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۇرىشى) ئىبادەتلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ،مۇتەتەۋى بولۇشنى ئۆزىگە شەرەپ ۋە ئەڭ ساۋابلىق بىلىدىغان بىر خىل تونۇشقا ئەكىلىپ ئىنتايىن قىزقارلىق ئۇيۇنلارنى ئويناۋاتىدۇ.خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى يەنە بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلاشقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنى چەت دۆلەتلەرگە يوللاپ،ئۇلارنى ئادەم قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ،ئادالەتپەرۋەرلىك بىلەن نىقاپلاندۇرۇپ،زۇلۇم ۋە زۇراۋانلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا جېنىنىڭ بارىچە كاكىرىتىپ،ھەتتاكى خىتتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە چىش تېرنىقىغىچە ئۆچ قىياپەتكە كىرگۈزۈپ؛ پىلانلىق ھالدا مائاش بىرىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.ئۇخىل ماڭقۇرتلار ئادەمنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا بىرخىل پەرەشتە،كەينىگە ئۆتسە،ئالۋاستىغا ئايلىنىپ،قارا قوللىرىنى سوزۇپ،تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلىنى كولاپ،ھەققانى داۋايىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلىپ،ئەلجامائەتنىڭ تەشكىلاتلارغا ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تازا ئالغا بېسىپ كەتمىگەنلىكىنى،مەزلۇم خېلىقنىڭ دەردىگە ۋاقتىدا دەرمان بۇلالمىغانلىقىدەك ئاجىزلىقلىرىنى،دىننى كەمچىلىكلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەنقىت قىلىپ،ئاق كۆڭۈل شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قورساقلىرىنى كۆپتۈرۈپ، دۇشمەندىن چەككەن ئەزىيەت ئاچچىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن،تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن چىقىرىشقا ۋاسىتىلىك كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن ،ھەرخىل سىياسى ئويۇنلارنى ئوينايدۇ..

 شۇڭلاشقا ”خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلىش كېرەك“ دېگەن سۇئالنى باشقىلاردىن سوراشنى ئۆزلىرىگە بىر خىل ئۇدۇم قىلىۋېلىپ،ئۆزەم زادى نېمە قىلالايمەن قۇلۇمدىن نېمە كېلىدۇ؟ دەپ ئۆزىنى دەڭ سېلىپ باقماي ئۆز تەبىئىتىدىكى قابىلىيىتىنى قېزىپ چىقىپ ئۇنى ۋەتەن مىللەت ۋەئۇممەتكە پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ باقماي،دائىم تەشكىلاتلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە ئۇرۇقى چېچىپ،تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ،ئېيبىنى كولاپ،ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى مىدىئاغا ئاشكارىلاشقا،زورلاپ،تەشكىلات ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشاشماسلىق يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىشقا،سىياسى داۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر پىشقەدەملەرنى بىرە مۆجىزە خەرەكتىرلىك بەدەلسىز ئۇڭاي يولنىڭ خەۋەرنى تېپىپ بېرىشكە،قىستاپ بىر تۇرۇپ،ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ توغرا يولدا ئەمەسلىكىنى،يەنە بىر تۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمنىڭ توغرا يولنى تېپىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى،ياكى بولمىسا بۈگۈنكى كۈندە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قوتۇلۇش يولىنى تېپىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى جار سېلىپ،ئۆزىنى تەڭداشسىزدانىشمەن،زۇلۇمغا چىداپ تۇرالمايدىغان قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەركەت قىلىۋاتقان بەزى يۇشۇرۇن مەككار كۈچلەرگە دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئۇلارنىڭ قەھرىمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىغا زىددىيەت سېلىشىغا،خەلىقنى تەشكىلاتلارنىڭ ئەتراپىدىن ئۈركۈتۈپ،تەشكىلاتسىزمۇ،ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى،تەشكىلاتقا ئارلىشىپ قالسا خىتاينىڭ ئىستىخبارات تورىغا تىز چۈشۈپ قېلىش ئىھتىمالىنىڭ يۇقۇرلىقىدەك بىر خىل سۇنئىي مۇھىت يارتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ھەركەتلىرىگە ھۇشيارلىق بىلەن دىققەت قىلىپ،ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك!

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىننى جەھەتلەردىكى بەزى كەمچىلىكلىرىنى ئامال بار ئۆگىنىش ئارقىلىق تولۇقلاپ يىتىلدۈرۈپ،تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ماس بولمىغان ھەر قانداق ئىش ھەركەتتىن ئۆزىنى تارتىپ،خەيرىلىك ئىشلاردا ئۆلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئىرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كوڭلىنى ئۇتتىشى ،يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ پىتنە تارقىتىش تاۋاقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىشى لازىم!

ئادەتتە، تەشكىلاتسىزمۇ ۋەتەن مىللەتنى مۇستەملىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولىدۇ،يېقىندا چەتئەللىك دوستلۇرۇمدىن بىرسى،شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالماي ئىنگىلىزچە ”شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى“دېگەن تىمىدا  بىر كىتاب ھازىرلاپ نەشىرقىلدۇرۇشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر ئۇنىڭ قولىدىن شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا توغرا شەكىلدە ئاڭلىتىپ،خەلقئارادىكى ھەققانىيەتچى خەلىقلارنىڭ دىققىتىنى بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئىشى كېلىدىكەن.ئاپىرىن!

شەرقى تۈركىستان پۇخراسى بولمىغان بىر چەتئەللىك پىدائىنىڭ قولىدىن ئىنگىلىز تىلىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ھەقسىزلىكلەرنى بايان قىلىدىغان بىر كىتاب يېزىپ چىقىش كەلگەن يەردە،ئۆزلىرىنى ھېچ كىمگە تەڭ قىلمايدىغان،تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ئۆزىچە كۆزىگە ئىلماي ۋاتقان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ قولىدىن شەرقى تۈركىستاندا كۈنىگە بولۇۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى خەلقئاراغا پاش قىلىش ئۈچۈن ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ بىرە پارچە ئىلمى ماقالە ياكى خەۋەر يېزىش قولىدىن كەلمەسمۇ؟ئەلۋەتتە كىلىدۇ،بۇخىل مۇقەددەس مەجبۇرىيەتلەرنى يەككە ھالەتتە بولسىمۇ تونۇپ يىتىپ،قولىدىن كېلىشىچە نامسىز ئىشلەۋاتقان پىدائىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.ئەمما يەككە ھالەتتە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرگە قارىغاندا تەشكىللىنىپ قىلغان خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى،خاتالىشىپ قېلىش دەرىجسى تۆۋەن،داۋاملىشىش نىسبىتى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ.بۇلارنىڭ قايسى تۈردىكىسىنى تاللاش ھەر كىمنىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكى.ئىمكانقەدەر يەككە تۈردىكى خىزمەتلەر تەشكىللىنىپ ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتنىڭ تولۇقلىمىسى بولغاندا ئەڭ توغرا بولغان بولىدۇ.لېكىن يەككە خىزمەتنى تەشكىللىنىپ قىلغان خىزمەتتىن ئۇلۇغ بىلىش،ياكى يەككە خىزمەت قىلىش بىلەن تەشكىللىنىپ خىزمەت قىلىش ئارىسىنى بىر-بىرىگە زىچلاشتۇرۇش ئارقىلىق،تەشكىلاتلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، دىننى ۋە سىياسى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىرخىل يامان جىنايەت.

 

قۇدرەتلىك رەببىمىز ئاللاھ،ئەڭ تەھلىكىلىك ھايات سىناقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بارچە شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ ئۆمرىمىزنى ئۇزاق،ئىستىقبالىمىزنى پارلاق،مىللى بىرلىك روھىمىزنى ھەردائىم ئويغاق قىلىپ،نۆۋەتتىكى بۇ،قىيىن ئۆتكەلدىن مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ،چىقىش يولى تېپىپ ،ساق سالامەت ئۆتۈپ كېتىشتە مۇۋەپپەق قىلسۇن ئامىن!

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>