باش بەتكە قايتىڭ » ساغلاملىق » چۈشتە ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدىكەن
چۈشتە ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدىكەن

چۈشتە ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدىكەن

يېقىندا ‹‹ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چۈشتە ئۇخلاشنى ئادەت قىلغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولىدىكەنanatil2

ئامېرىكا بوستون ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاموستې ئىنستىتۇتى تەسۋىرلىك ئەستە تۇتۇش ئويۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلارنى سىناققا قاتناشتۇرغان، ئويۇندا بالىلاردىن مۈشۈك، كۈنلۈك، ساقچى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرەتلەرنىڭ كاتەكچە ئىچىدىكى ئورنىنى ئەستە تۇتۇۋېلىش تەلەپ قىلىنغان. نەتىجىدە، چۈشتە ئۇخلاش ئادىتى بار بالىلارنىڭ سۈرەتلەرنى ئەستە تۇتۇۋېلىشى، چۈشتە ئۇخلىمايدىغان بالىلارنىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىناققا قاتناشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ مېڭە دولقۇنىنى ئۆلچىگەندىمۇ، چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر قىسىم قىسقا مەزگىللىك ئەستە تۇتۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەستە تۇتۇشقا ئۆزگەرگەنلىكى دەلىللەنگەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ چۈشلۈك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما چۈشلۈك ئۇيقۇ بالا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىپ، كەلگۈسىدە رەسمىي ئوقۇش باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىر كۈن يېڭى بىلىملەرنى ئۈگەنگەن بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈشلۈك ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ ياخشى ‹‹خىزمەت›› قىلدۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، بالىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئاسان قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. شۇڭا، بوۋاق مەزگىلىدىن باشلاپلا بالىلارنى ھەر كۈنى چۈشتە 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرسە بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>