باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەۋەرلەر » شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار رامىزان كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە
شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار رامىزان كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە

شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار رامىزان كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە

DBcZdcwWsAMV4Ibشىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار،بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنى ئۆزلىرى ئاچقان(سۇتۇقبۇغراخان مەسچىتى)دە  جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئومۇمى يۈزلۈك خېلىق ئاممىسىنىڭ دىننى ھەق ھوقۇقلىرىنى ،جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىك جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئاللاھقا شىكايەت قىلىش يۈزىسىدىن،ھەر كۈنلىرى ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت  دۇئاسى ئوقۇپ دۇئا تەكبىر قىلىش،كوللېكتىپ ئىپتار داستىخىنى ھازىرلاپ مەسچىتكە كەلگەن بارلىق ئەل جامائەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش،قاتارلىق مول مەزمۇنغا ئىگە دىننى پائالىيەتلەرنى  ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۈتۈۋېلىشنى باشلىۋەتتى.
بۈگۈنكى كۈنلەردە شىۋېتسىيەدە كىچە قىسقا كۈندۈز سائەتلىرى  دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزاق بولۇپ،كىشىلەرنىڭ  روزا تۇتۇش ۋاقتى تەخمىنەن 20سائەت ئەتراپىدا ئۇزاق بولىدۇ.ئىپتار بىلەن زوھورلۈق ئارىسىدىكى قاراڭغۇ ۋاقىت ئاران 4سائەتكە تەڭ كېلىدۇ.شىمالى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى يۇقۇرقىدەك قىيىن شارائىت ۋە كۈندىلىك سەككىز سائەت ئىشنىڭ جىسمانى بېسىمىغا پىسەنت قىلماي روھلۇق ھالدا ،قەلبىدىكى چوڭقۇر ئىمانىنىڭ نۇرىدىن كۈچ ئېلىپ،روزا-رامىزاننى سەۋەبسىز بىر كۈنمۇ قازا قىلماي تۇتۇپ،كەچقۇرۇنلىرى تەراۋىھ نامىزىنىمۇ قازا قىلماي ئوقۇپ داۋاملاشتۇرماقتا.
بۈگۈن كەچ مەسچىت نىڭ مۇخلىس ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئىككى نەپەر ئائىلە ئۆز يانلىرىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ بارلىق جامائەتكە ھەشەمەتلىك ئىپتار داستىخىنى ئېچىپ،ئەل جامائەتنىڭ بەركەتلىك دۇئاسىنى ئالدى

 

.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>