باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » 5– ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى نىڭ8- يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيىتىگە چاقىرىق
5– ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى نىڭ8- يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيىتىگە چاقىرىق

5– ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى نىڭ8- يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيىتىگە چاقىرىق

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى نىڭ8- يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيىتىگە چاقىرىق

خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ماھىيىتىنى روشەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرى خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنى ساراسىمگە سېلىپ جۇدۇن قىلىۋەتتى.ئۇلار ھۇدۇقۇپ قورققىنىدىن ئالدىغا ئۇچۇرغان شەرقى تۈركىستانلىقنى نەخ مەيداندا ئوققا تۇتۇپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئېغىرجىنايەتلەرنى تەپ تارتماي ھەر ۋاقىت سادىر قىلىپ كوممۇنىست ئالۋاستىلارغا خاس ۋەھشىيانە قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ تاشلىدى.خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلار يېقىندىن بۇيان تېخمۇغالجىرلىشىپ،مۇھاجىرەتتىكى ئاكتىپ سىياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلاپ ئۆچ ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ۋاسىتىلىك تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ،ۋەتەن سىرتىدا خىتاي ئىشغالىيتىگە قارشى ئۈزلۈكسىز ياڭراۋاتقان ئەركىنلىك سادالىرىنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

كۈرەشچان خەلقىمىز، 2009- يىلى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى مەزكۇر ئېچىنىشلىق قەتلىئامنى زىنھار ئۇنۇتماي، بىر نەچچە يىلدىن بىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەر دەرجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تەشكىللىنىپ،شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى قوللايدىغان خەلقارالىق تەشكىلاتلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ،تۈرلۈك سىياسى تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ۋە نامايىش قىلىش،ئارقىلىق ئىزچىل خاتىرلەپ،كەلمەكتە.

5- ئىيۇل كۈنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشمىمىز ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،بېسىم ۋە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ،شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە بولغان تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى،تەۋرەنمەس ئىتىقادىنى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارغا قايتا ئەسكەرتىش،ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ رەزىل ئەپتى بەشىرىسىنى خەلقى ئالەمگە پاش قىلىش،مەقسىتىدە«تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى » ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ،شىۋېتسىيە ساقچى دائىرىسىدىن نامايىش قىلىش رۇخسىتى ئېلىپ بىر قاتار تەييارلىق ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تاقىتىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ نامايىشىنى ھەر جەھەتتىن قوللىشىنى ۋە ئىككى سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ،ۋەتەننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى قولىغا ئېلىپ،مۇستەملىككە قارشى مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ، نامايىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بىز بىلەن بىرگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز!

نامايىش ۋاقتى: 2017- يىلى 5- ئىيۇل چارشەنبە كۈنى سائەت 16:00:دە.
ئورنى: ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا .

ھۆرمەت بىلەن:شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى:
ئابدۇللا كۆكيار

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>