باش بەتكە قايتىڭ » ۋەقە ۋە مۇلاھىزە » ئادەمنىڭ ئانا ۋەتىنىگە يېتىدىغان ئىككىنچى بىر ۋەتەن بولمىسا كېرەك
ئادەمنىڭ ئانا ۋەتىنىگە يېتىدىغان ئىككىنچى بىر ۋەتەن بولمىسا كېرەك

ئادەمنىڭ ئانا ۋەتىنىگە يېتىدىغان ئىككىنچى بىر ۋەتەن بولمىسا كېرەك

ئابدۇللا كۆكيار
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلار، روھى ۋە جىسمىغا ئىللىقلىق ئاتا قىلغان،كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىنى، ئانىسى نىڭ نامى بىلەن ئۇلۇغلاپ (ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان)دەپ ئاغزىغا لىق ئېلىپ ئاتىشىدۇ. مۇشۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئۇلار ۋەتىنىنى،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى، مېھرى چەكسىز  باتۇر ئانىلىرى بىلەن تەڭداش كۆرىدۇ. توغرا،دۇنيادا ئانىنىڭ مېھرىگە يېتىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق بولغاندەك،ئادەمنىڭ ئانا ۋەتىنىگە يېتىدىغان ئىككىنچى بىر ۋەتەنمۇ بولمىسا كېرەك.بەزىلەر“سەن نەدە خاتىرجەم ياشىيالىساڭ،ئۇ يەر سىنىڭ ۋەتىنىڭ بولۇشقا ھەقلىق“ دەپ قارايدىكەن.بەلكىم بۇ قاراشنى ئادەملەر ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش تەشنالىقىنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويغان بولىشى مۇمكىن. رىئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ چىقىپ دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى تاپقان پاراۋان دۆلەتلەردىن سىياسى پاناھلىق تىلەپ ئەركىن-باياشات ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈپۈنچىسى تەبىئىى ھالدا ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ مېھرىدىن، خۇددى ئانىسىنىڭ مېھرىدىن  ۋاز كېچەلمىگەندەك ئەسلا ۋاز كىچەلمىدى.
بىزدە »كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول«، »ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە«، »ۋەتەنسىز كىشى-جېنى يوق كىشى« دېگەندەك تولىمۇ پاساھەتلىك ئەقلىيە سۆزلەر بار. بۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ۋەتەن سۆيگۈسىنى ھەر ۋاقىت ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنىڭ، ئانا ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىملىكى سۈپىتىدە تونۇپ كەلگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى، ئەلۋەتتە!
قەلبىدە ۋەتەن سۆيگۈسى ئەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ،ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر، ھەر زامان قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىنچىكە، ئۇششاق ئىشلىرىدىمۇ ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى، ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى، ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسىنى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ،ھۆر ئازاتلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى ،قانداق ئازاد قىلىشنى ئەۋلادلىرىغا ھەم ئۆگەتتى.ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ۋە ئار-نومۇسىنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئار-نومۇسى دەپ ئويلىدى. ۋەتەن دېگەن سۆزنى ئاغزىغا ئالغاندا قەلبى ئىپتىخارلىققا، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى،ۋەتەندە خىتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە بولسا مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ تۇرۇپ ”خەپ“ دېدى.قەلبى يېرىم بولسىمۇ ۋەتەننىڭ ھامان بىر كۈن ئازاد بولىشىدىن ئۈمۈت ئۈزمىدى. ۋۇجۇدىدا ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى پارلاپ تۇردى.ھەتتاكى ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردە تۇغۇلۇپ ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستان نى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقماي چوڭ بولغان پەرزەنتلىرىمۇ ئەڭ ئادەتتىكى ئۇششاق ئىشلىرىدىن باشلاپ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلىرىغا قەدەر، ۋەتەندىن پەخىرلىنىش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش،ۋەتەننى ئەسلەش قاتارلىقلارنى ئېسىدىن چىقارمىدى.شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن سۆيۈش ھېسسىياتىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا گەۋدىلىك ئىپادە قىلىپ، ئەڭ يۈكسەك تۇيغۇسىنى ھەردائىم ھەر خىل شەكىلدە  نامايان قىلىپ تۈردى.ۋەتىنىنى كۆرۈپ باقماي تورۇپ ۋەتىنىگە شۇ دەرىجىدە سۆيگۈ مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتقان شۇ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئاشۇ يېقىملىق ئىش-ھەرىكەتلىرى  بىر تەرەپتىن ئەتراپىدىكى بەزى ختاي پەرەس غالچى ئۇيغۇرلارنى خىجىللىقتىن يەرگە قاراشقا مەجبۇر قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئاق كۆڭۈل چەتئەللىكلەرگە ۋە ۋەتەنپەرۋەر شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئۈن-تىنسىز ئىجابى تەسىر كۆرسىتىپ ئۈمىت بەخش ئەتتى.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا،خېلى ئۇزاقتىن بىرى بالكۇنغا ۋە ماشىنىغا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېسىش،مىنىۋالغان قىممەت پۇللۇق ماشىنىلارنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى(ئۇيغۇر) دېگەن ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش،قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق ۋەتەن سۆيۈشنى  نامايان قىلىش كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ،مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە بىرە مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان ۋەتەنپەرۋەر ياش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا“ مەكتەپ پۇتتۇرۇش مۇراسىملىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۈتۈرۈپ سەھنىگە چىقىش“مۇ  ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈنى ئىپادىلەشنىڭ يىڭى بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

20170609_123229
سۈرەتتە،بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مەلۇم بىر ئۇيغۇر ياش، شىۋېتسىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتمەكتە.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>