باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى » شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى يىلدىن-يىلغا غالجىرلىشىپ،بۇ،يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر خىل بىمەنە دىننى سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۇپ،بىر پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئىبادىتىنى ئىلگىركى يىللاردىكىدىنمۇ قاتتىق چەكلەپ،ئۇلارغا ھېچ ئارام بەرمەي،كۆزىگە كىرىۋالماقتا.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى رامىزان كىرگەندىن بۇيان،تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە تولۇق يىغىلىپ،ھەر كۈنى بىر نەچچە سەپ جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ،ۋەتەندىكى شۇ،دىننى بېسىملار ئۈستىدىن ئاللاھقا شىكايەت قىلىپ،ھەر كۈنلۈك ۋىتىر نامازلىرىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.جامائەت ئارىسىدىكى مۇخلىسلار ئۆزلىكىدىن نۆۋەتلىشىپ كۈندە دېگۈدەك كوللېكتىپ ئىپتارلىق ئۆتكۈزۈپ،ئىپتارنىڭ ئالدى كەينىدە ياخشى ۋەز نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ،ھۆر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھىنى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلدى.

تۈنۈگۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى مۇخلىس ئۇيغۇر ئائىلە، بارلىق ئەل-جامائەتكە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە كوللېكتىپ خالىسانە ئىپتار بېرىپ،يۇرت ئەھلىنىڭ دۇئاسىنى ئالدى.

بۇ،نۆۋەتلىك ئىپتارنىڭ ئالدىدا ۋەز ئېيتقان دىننى زات ئابدۇللا ئەپەندى ھەشىر سۇرىسىنىڭ 17- ئايىتىنى تەپسىر قىلىپ،مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارنى (ھەر ئادەمنىڭ ئەتە(يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن)نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئالدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى)نى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئۇ، مۇنداق دېدى:ئاللاھ بۇ ئايەتتە بىزلەرنى ئۆزىمىز دىن ئۆزىمىز ھېساب ئېلىپ كۈرۈشكە بۇيرۇش بىلەن بىرگە بىزنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقمىزدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىدۇ.
سۆيۈملۈك مۆمىن مۇسۇلمان قېرىنداشلا!جانابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قىيىن ھېساب بېرىشكە قېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزەڭلەردىن ئۆزەڭلار ھېساب ئېلىڭلار!ئەمەللىرىڭلار جانابى ئاللاھنىڭ ئادىل تارازىسىدا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئەمەللىرىڭلارنى ئۆزەڭلار ۋىجدانى تارازاڭلار بىلەن ئۆلچەپ كۆرۈپ بېقىڭلار!ئالدى كەينىڭلارنى توسۇپ كەم قالغان ئىبادىتىڭلارنىڭ ئورنىنى مۇبارەك رامىزان ئېيىدا نەپلى ئىبادەت تۆۋە ئىستىغپارنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق تۇلۇقلىۋېلىڭلا!رامىزان ئاخىرلىشاي دەپ قالدى،ئاخىرىدىكى كۈنلىرىنى بولسىمۇ چىڭ تۇتۇپ،ئۆزەڭلار ۋە شەرقى تۈركىستاندا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلار ئۇچۇن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار!
يەر يۈزىدە رامىزان ئېيىنى غەپلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۇپ گۇناھلاردىن پاكلىنىشقا مۇيەسسەر بۇلالمىغان ئىنسانلاردىنمۇ بەختسىز ئىنسان بولماس.ئاتا ئانىسى ھايات تۇرۇپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇستەجاپ دۇئالىرىنى ئالالمىغان ۋە بۇ، ئارقىلىق جەننەتكە كىرەلمىگەن ئىنسانلاردىنمۇ شېقىراق ئىنسان بولماس.

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>