باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەۋەرلەر » ‏شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئابلىمىت داموللامنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى
‏شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئابلىمىت داموللامنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى

‏شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئابلىمىت داموللامنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى

 

img_thumbJ4AK3XKOشىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار 6-ئاينىڭ21-كۈنى كەچ خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق  مائارىپشوناس دىننى ئالىم ئابلىمىت داموللامنىڭ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ تۈرمىسىدە قىيىن قىستاق ۋە ئازاب ئوقۇبەت سەۋەبىدىن شېھىت بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى.

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا ۋاكالىتەن ھەم شەخسىي نامىدا ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.ئابدۇللا كۆكيار غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن يىغىلغان جامائەتنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىلغان تەزىيە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان يىڭىچە دىننى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن يۇقۇر ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق يېتۈك دىننى ئالىم،ئابلىمىت داموللام ئۇستازنىڭ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ تۈرمىسىدە قىيىن قىستاق ۋە ئازاب ئوقۇبەت سەۋەبىدىن شېھىت بولغانلىق خەۋىرى ھەممىمىزنى بىئارام قىلىدۇ.ئۇلۇغ ئالىم ئابلىمىت داموللام ۋەتىنىمىز مۇستەملىككە ئايلانغاندىن كىيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى قوزغىغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ماھىيەتتە ئادەملەرنى مەدەنىيەتسىزلەشتۈرۈش ئىنقىلابى بۇران چاپقۇنلىرىغا ئۇچراپ ۋەيران بولغان دىننى مائارىپىمىزنى قايتا جانلاندۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دىننى مائارىپ بىلەن پەننى مائارىپنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەنىۋى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 1980-يىللاردىن باشلاپ تاكى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى رەسمى چەكلىمىگە ئۈچۈرغانغا قەدەر تىنىمسىز ئەمىلى ئىش قىلغان ۋە بۇ ساھەدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان،خېلىق ئاممىسى ئارىسىغا چۆكۈپ،دىننى تەشۋىقات ئىشلىرىنىمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىشلىگەن.ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى شەرقى تۈركىستانلىقلار مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ ھەققىدە دائىم دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.

بىرە پەزىلەتلىك ۋە ياكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە بىرە خىزمەت كۆرسەتكەن ئاۋانگارت كىشىلەر ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ يىراق مۇساپىدىن جىنازا نامىزى ئوقۇش دىننى جەھەتتىن يوللۇق ۋە ساۋابلىق بىر ئىش،بىز ئابلىمىت داموللام ھاجىمغا غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش ئارقىلىق جانابى ئاللاھدىن ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەيمىز.شۇنداقلا ئۇنى نامەردلەرچە شېھىت قىلغان جاللات خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا مەرھۇم باشلىغان ھەققانى كۈرەشنىڭ ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىمىز

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>