باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » ‏يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى
‏يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى

‏يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى ياكى (غائىبانە جىنازا نامىزى،دەپمۇ ئاتىلىدۇ)توغرىسىدا  پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەرخىل بولۇپ،مەزھەپ  پىشىۋالىرىدىن ئىمام شافىئى ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلى قاتارلىقلار  يىراق يۇرتلاردا ۋاپات بولغانلار ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنى يوللۇق دەپ قارايدۇ.ئۇلار  سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىم  دا قەيت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىندىكى :“ھەبىشىشتان نىڭ ئادىل پادىشاھى نەججاشى  قازا قىلىپ كەتكەن كۈنى  ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام  مەرھۇم پادىشاھنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ،ساھابىلار بىلەن بىرلىكتە نامازگاھقا  چىقىپ سەپ تۈزۈپ،تۆرت تەكبىر  بىلەن  ئۇنىڭ نامىزىنى يىراق مۇساپىدىن يەنى(غائىبانە)چۈشۈرگەن ئىدى“.
ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام  مالىك قاتارلىق مەزھەپ پېشۋالىرى، يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنى شەرىئەتتە ئاساسى يوق بىر ئىش دەپ قارايدۇ.ئۇلار ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ناجاشىنىڭ نامىزىنى ئالاھىتەن چۈشۈرگەنلىكىگە ئائىت مەشھۇر ھەدىستىكى جەريانلارنى پەقەتلا شۇ بىر ئادىل پادىشاھنىڭ شەرىپىگە قىلىنغان ئالاھىدە ناماز دەپ قاراش بىلەن بىرگە ناجاشىنىڭ مېيت نامىزى يىراقتىن ئۇقۇلغاندىن كىيىن ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ باشقا ھېچ كىمنىڭ نامىزىنى يىراقتىن ئۇقۇمىغانلىقىدەك رېئال تارىخنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلى  ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ،ھەقتە يەنە بىر خىل تەپسىلىرەك پەتىۋاسى بولۇپ، ئۇنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ھەزرەتلىرى ئۆزىنىڭ پەتىۋايى كۇبرا ناملىق كىتابىدا (444-4)بىرە پەزىلەتلىك ۋە ياكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە بىرە خىزمەت كۆرسەتكەن ئاۋانگارت كىشىلەرگە يىراق مۇساپىدىن جىنازا نامىزى ئوقۇش دېگەن بابتا قەيت قىلىپ مۇنداق دېگەن:(سالىھ ئادەملەر ۋاپات بولغاندا يىراق مۇساپىدىن ئۇنىڭ جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلسە بولىدۇ)
ئەڭ توغرا دەپ قارالغان قاراش شۇكى :مۇبادا بىركىم غۇربەت دىيارىدا ۋاپات بولۇپ كېتىپ ،ئۇ يۇرتتا ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ قۇيىدىغانغا مۇسۇلمان يوق بولۇپ قالغان شارائىت ئاستىدا ئۇنداق غېرىپ سىنىپ قالغان مېيىتنىڭ نامىزى يىراق مۇساپىدىن ئوقۇلسا بولىدۇ.ئەمما مەيىت قازا تاپقان يۇرتتا ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىكىدە قۇيىدىغانغا يېتەرلىك مۇسۇلمان ئاممىسى بولغان ۋە مەيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغان كىشىلەرنىڭ يىراق مۇساپىدىن نامىزىنى چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇشبۇ قاراشنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييىملار قوللىغان .

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>