باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار 15-ئىيۇل ئەكسىل ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى
ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار 15-ئىيۇل ئەكسىل ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار 15-ئىيۇل ئەكسىل ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى

 

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىش ئارقىلىق مەنسىپىدىن پايدىلىنىپ،تاشقى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خېلىق سايلىغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قۇرال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسىتىدە ھەربىيلەر ئارىسىدىكى شايكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى كەچتە ھەربى ئىسيان قوزغاپ  250 نەچچىدىن ئارتۇق بىگۇناھ تۈرۈك خەلقىنىڭ جانلىرىغا زامىن بولغان پەتھۇللاھ گۈلەن تىرورىست گوروھى نىڭ خائىنلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش ۋە مەزكۇر ئەكسىل ئىنقىلابقا قارشى مەيدىسىنى كېرىپ مەيدانلارغا سەكرەپ چۈشۈپ،دۆلەتنى قان دېڭىزىغا غەرىق بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بەختكە قارشى يارىلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان قازىلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەش مەقسىتىدە تۈركىيىنىڭ ستوكھولۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا«15-ئىيۇل ئەكسىل ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى»ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا ۋاكالىتەن ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار ۋە ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن ئىبراھىم يۇسۇپ ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،80 نەچچە مىليون تۈرۈك خەلقى بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى مۇپتىلا بولغان ئۇنتۇلغۇسىز مۇسىبەتنى مەنگۇ ئەسلەپ چىن دىلىدىن قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،تۈرۈك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە قىزغىن سالام يوللىدى.

يىغىن ئەسنادا يىغىنغا قاتناشقان تۈرۈك جامائەت ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارغا كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ قەبىھ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ مەلۇمات بەردى.

 

18953531_10155570153589824_5217614737034445008_o_3

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>