تەبرىكنامە

تەبرىكنامە

  1. ئالىي كېڭەش ۋە پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىنغانلىقى،ۋە سىياسى كرىزىس مەسىلىسىنىڭ ئىچكىرى قىسىمدا سۈلھى بىلەن ھەل قىلىنىش قەدىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.

qwr
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ،بىر تەرەپتىن ۋەتەن ئىچىدە،ھەرخىل باھانە سەۋەب ۋە بىمەنە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ زەربە بېرىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ،قاتتىق قوللۇق بىلەن خېلىق ئاممىسىنى باستۇرۇشنى تىزلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن قانغا بويالغان قارا قولىنى چەتئەللەردىكى يەتكەن يەرلىرىگىچە ئۇزارتىپ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرى «مىسىر»دا ئۇزاقتىن بىرى تىنىچ ئوقۇپ ئىلىم مەرىپەت تەھسىل قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى يېرىم يولدا چالا قويۇپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە،ئومۇمى يۈزلۈك شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈمۈتسىزلىنىشنىڭ سىرلىق قارا تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىماقتا.بۇنداق بىر  جىددى ۋەزىيەتتە ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە شۇ تەشكىلات تەركىبىدىكى يىتۇك ئالىم ئۈلىمالار،زىيالىلار ۋە بارلىق يولباشچى رەھبەرلەر پۈتۈن زىھنىنى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قاپلاشقا باشلىغان ئەشۇ قارا تۇمانلارنى باھار شامىلى چىقىرىش ئارقىلىق تارقىتىپ يوقۇتۇپ،خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۇمۇتۋارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ يۈكسەلدۈرۈپ يىڭى بىر سۈزۈك ئۇپۇق يارتىشقا مەركەزلەشتۈرىشى، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ مەيدانغا چىقماقتا.ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئومۇمى يۈزلۈك خەلقىمىز روھى تەسەللىگە،چىقىش يولىنىڭ بەلگىلىرىنى يۇقىتىپ قويغان باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىزدەپ تېپىپ توغرا يولغا كىرىۋېلىشقا،ئىلگىرىكىدىن،ۋە باشقا ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەشنا.
خەلقىمىز ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ«ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئاساسىدا بىر-بىرىنىڭ پىكرىنى ھۆرمەتلەپ،ئۆز ئارا چۈشۈنۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئەمىلى خىزمەتتىكى ئورتاق نۇقتىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئېچىش ئارقىلىق تەشكىلى ئاپاراتلارنى مۇستەھكەملەپ،ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئارا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىستىراتىيگىيلىك ھەمكارلىقلارنى قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،كۈچلۈك بىر بىرلىكسەپ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئەرزىمەس ئختىلاپلارنىڭ مۇرەككەپلىشىش باسقۇچىغا بارماي تۇرۇپ يولىدا ۋە دېموكراتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق توغرا ھەل قىلىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى بەزى سىياسى كىرزىسلارنىڭ ھەرقانداق بىر چوڭ كرىزىس بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامال بار سىرتىغا يېيىلماي مىدىئادىن بولۇپمۇ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن يېپىق بىر شەكىلدە ۋە شۇ ،تەشكىلات قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا ۋاقتىدا ھەل قىلىنىشىنى خالايدۇ.قىسقارتىپ ئېيتقاندا خەلقىمىزنىڭ بۇ مەجرۇھ گەۋدىسى تەشكىلاتلارنىڭ ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبلىك بىر -بىرى بىلەن ماي تارتىشىپ ئۆز ئارا دىيالوگنى ئۈزۈپ،بىكاردىن بىكار ئاق پىچاق-كۆك پىچاق بولۇشۇپ،ئەقىل كۆزلىرىنى يۇمۇپ،ياخشى نىيەتلىك ئۆكتىچى بىلەن بەدنىيەتلىك ئاساسى دۈشمەن «ختاي»نى،پارتىيە گوروھ مەنپەئەتى بىلەن شەرقى تۈركىستان دۆلىتى مەنپەئەتىنى،بىر بىرىگە ئارلاشتۇرىۋېتىشتەك مۇرەككەب سىياسى كىرزىسلارنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
ئۇشبۇ،رىئال ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن تەلىپىنى تونۇپ يىتىپ،شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنىڭ يۈكسەك مەنپەئەتىنى پارتىيە ۋە گوروھلار نىڭ مەنپەئىتى ئۈستىگە قويۇپ،«گوللاندىيەدە مۇشۇ ئاينىڭ 21- ۋە 23-كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي كېڭەش ۋە گېرمانىيەدە 25-ۋە 27-ئاۋغۇست ئارىسىدا ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئېچىلىش قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ،مەسىلىنى ئىچكىرى قىسىمدا سۈلھى بىلەن ھەل قىلىپ تۈگىتىشنى ئاساس قىلغان» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئاقىلانە قارارىنى قۇرۇلتاي بىلەن 10 يىلدىن بىرى ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.
ئۇشبۇ ئاقىلانە قارارنىڭ چىقىرلىشىغا سەۋەب بولغان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ سەمىمى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بىرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
ئابدۇللا كۆكيار

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>