باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيشمىمىزنىڭ نازىرى ئومەر ئەزىز ئۇيۇشمىمىزغا ۋاكالىتەن 9-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى
ئۇيشمىمىزنىڭ نازىرى ئومەر ئەزىز ئۇيۇشمىمىزغا ۋاكالىتەن 9-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش  يىغىنىغا قاتناشتى

ئۇيشمىمىزنىڭ نازىرى ئومەر ئەزىز ئۇيۇشمىمىزغا ۋاكالىتەن 9-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

 9-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 7-ئاينىڭ 8-كۈندىن 11 – كۈنىغىچە  ئىستانبۇلنىڭ سېلىۋرى رايۇنىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 4 كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئۇيۇشمىمىزغا ۋاكالىتەن ئۇيۇشمىنىڭ نازىرى ئومەر ئەزىز قاتناشتى.يىغىنغا جەمى 14 دۆلەتتە تارقاق ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ھەر ساھە  ۋەكىللىرى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر ياشلاردىن تەركىپ تاپقان 140 نەچچە نەپەرئادەم  قاتنىشىپ  تۆۋەندىكى تىمىلار بۇيچە كەڭ مۇزاكىرە ۋە مۇھاكېمە ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1-    خىتاينىڭ كىڭەيمىچىلىك نۇقتىنەزىرى بىلەن دۇنياغا يامرىشى ۋە خەلىقئارا ۋەزىيەتنىڭ  ئىستراتىيگىلىك ئانالىزى

2-    دۇنيا، خىتاي ۋە رايۇنلۇق كۈچلەر ئارىسىدا كۈچىيىۋاتقان كۆپ تەرەپلىك ئىسىتراتىيگىلىك  مۇناسىۋەتلەر ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقى

3-    شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ ئسىتراتيگىلىك باسقۇچلىرى

4-    تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىسىتراتىيگىلىك ئورتاقلىق ۋە ماسلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى

5-    شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىدە قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش

6-    چىگىرداش دۆلەتلەردە تۇركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش.  جەمىيەت ۋە خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللۇشىغا ئېرىشىش

7-    ئوتتۇر شەرىق دۆلەتلىرىدە تۇركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى، جەمىيەت ۋە خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللۇشىغا ئېرىشىشنىڭ چارە تەدبىرلىرى

8-    مىديا گورۇپپىلىرى ۋە تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان داڭلىق ژورنالىستلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇل  ۋە چارىلىرى

9-    مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا ئورتاق دەرىسلىك قوللۇنۇش مەسىلىسى

10-                      ئۇيغۇر خەلقىدە مىللىي مەپكۈرە ۋە ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر

11-                      ئومۇمى شەرقىي تۇركىستان تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن فوندى مەركىزىنىڭ قۇرۇلىشى

12-                      ھەر ساھەدە ئىنسان يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىدىغان ۋە كۈزىتىدىغان ئورتاق بىر كومتېتىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى

بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەنتەۋسىيە ۋە تەكلىپ پىكىرلىرى تۆۋەندىكىچە بولدى:

1-    شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز  ۋە باشقىمۇ مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق پايدا مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئورتاق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كىملىكى» يارىتىش، ئۇنى مۇستەھكەملەش، تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇمۇملاشتۇرۇش، كۈچلەندۇرۇش ۋە قوغداش.

 

2-    بارلىق دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئاساس قىلغان ھالدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۈرەسى» ۋە «تەسەۋۋۇرى»نى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىنكى بارلىق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ  يول خەرىتىسىنى مەزكۇر مىللىي مەپكۇرە ۋە تەسەۋۋۇر ئاساسىغا مەركەزلەشتۇرۇش.

3-    شەرقىي تۈركىستانلىقلار ياشاۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆزىمىزنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ۋە كۈچلەندۈرۈش ئاساسىدا كۈچلۈك جەمئىيەتلىشىپ ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر دۆلەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش

4-    بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى ئسىتراتىگىيە قانۇن تۇزۇملىرى ئاساسىدىكى پىلانلار ئارقىلىق ئېجرا قىلىشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنىمۇ 3 باسقۇچلۇق ئىستراتىگىيەلىك پىلان ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش.

5-    ئەڭ ئاۋۋال داۋايىمىزنىڭ نىشانىنى ۋە غايىسىنى ئېنىق بېكىتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئوقۇملىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەسىلەن: ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئېنىق ئايرىش.

6-    تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ دېنامىك (ھەركەتلەندۈرگۈچ) كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرنى يەڭگۇشلەپ تۇرۇش، ۋە ئاساس پىرىنسىپلىرىمىزدىن چەتنىمىگەن ھالدا خىزمەت قائىدە – تۈزۈملىرىمىزنى يېڭىلاپ تۇرۇش.

7-    ھەر ساھادە داۋامىزغا پايدىلىق بولغان مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي مەپكۇرە چۈشەنچىسىگە ئىگە كەسپىي خادىملارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئاساسىنى ھەر جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش ۋە خىزمەت سەۋېيەمىزنى خەلقئارالىق خىزمەت سەۋېيىسىگە كۆتۈرۈش.

8-    داۋايىمىزنى قانۇنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن: ئەڭ ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مۇستەقىللىغىنىڭ خىتاينى پارچىلاش ئەمەس بەلكى ئەسلىدىن بار بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولىدىغانلىق ھەقىىقىتىگە پۇتۇن دۇنيانى قايىل قىلىش. خەلقئارالىق قانۇن تۈزۈملەرنى، ياۋرۇپانىڭ دىمۇكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، كىشىلىك ھۇقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا غەرب ئەللىرىنىڭ ھېسداشلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى ئاپتۇنۇمىيەگە قارتىلغان ھەق-ھۇقۇقلارنىڭمۇ ئەمىلىلەشمەيۋاتقانلىق ھەقىقەتلىرىنى پاش قىلىش.  

9-    تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق دۇنيا خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسداشلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش. ئەينى ۋاقىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار يەرلىك پۇخرالاردەك ۋەزىپلەر ئۆتەش ئارقىلىق ئاشۇ يەرلىك خەلقلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېسداشلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش. 

10-                      شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ۋە بارلىق ئەرەپ ئەل لىرىگە تەپسىلى ئاڭلىتىش ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش.

11-                      شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھىندۇستانغا ئوخشاش قوشنا ئەللەرگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە كېلىجەكتىكى ئورتاق مەنپەئەتلەر ئاساسىدا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش يوللىرىنى ئېزدەشكە تىرىشىش.

12-                      مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا ئورتاق دەرىسلىك قوللۇنۇش مەسىلىسىدە تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەردە ئورتاق دەرىسلىك تۇزۇپ چىقىپ ئۇلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىش ۋە بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش.

13-                      ھەرقايسى مىديا گورۇپپىلىرى ۋە تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان ژورنالىستلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈش، مەزكۇر ئالاقە مۇناسېۋەتنى راستچىللىق، سەمىمىيەت ۋە ئىزچىللىق ئاساسىدا مۇستەھكەملەش، ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىش، باشقىلارغا خەۋەر ۋە بايانات بەرگەن ۋاختىمىزدا ئىشەنچلىك ۋە مەنبەسى ئېنىق بولغان ھەمدە دەلىل ئىسپاتلىق مەلۇماتلارنى بېرىش. ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەننىڭ كۈندىلىك خەۋەرلىرىنى يېقىندىن گۈزىتىش.

14-                      شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىدە ئاشقۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈكتىن خالى ھالدا ئوتتۇرا يول تۇتۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ۋەتىنى، مىللىتى، ۋە بايرىقىنى سۆيۈشنىڭ ئىسلام دىنى پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەشۋېق قىلىش.

15-                      تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق ۋە ماسىلىشىشنى كۈچەيتىش

16-                      ئومۇمى شەرقىي تۇركىستان تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن فوندى مەركىزىنىڭ قۇرۇلىشى

17-                      ھەر ساھەدە ئىنسان يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىدىغان ۋە كۈزىتىدىغان ئورتاق بىر كومتېتىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى

18-                      دىننى ئۆزى بىلىم ئالغان ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ مۇھىتى ۋە مېتۇدىغا قارىتا قوبۇل قىلماستىن بەلكى قۇرئان ۋە سۇننەت ئاساسىدا توغرا چۈشۈنۇشنى ئۇمۇملاشتۇرۇش.

19-                      پەرقلىق چۈشەنچىگىمۇ يول قويۇش ئارقىلىق ئۆز-ئارا پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلىشقا يول ئېچىش ۋە دۇشمەنلىرىمىزنىڭ بىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش سىياسىتىگە پۇرسەت بەرمەسلىك.

20-                      توغرا مىللەتچىلىك پىكرىنىڭ ئۇممەتچىلىكنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قۇبۇلقىلىش.

21-                      سىياسى سەھنىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن دينى زىيالىلار ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. 

22-                      پىكىر سەزگۈرلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش.(سىياسىيۇنلار سىياسىيۇنلاردەك بولۇش. ئالىملار ئالىملاردەك بولۇش.

23-                      مىللى ئاڭنى ئۆزىمىزدىلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسىمىز بولغان ئەۋلاتلىرىمىزغا سىڭدۈرۈش.

مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنغان ۋە مۇۋاپىق كۆرۈلگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 

1-    پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىڭەيتىلگەن كېڭەش ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

2-    ھەر ساھەدە ئىنسان يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىدىغان ۋە كۈزىتىدىغان ئورتاق بىر كومتېتىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى

3-    تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىسىتراتىيگىلىك ئورتاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش

4-    ئورتاق ھەمكارلىق بىلەن ئۇنىۋېرىسال سىياىسي ژۇرنال چىقىرىش. (ژۇرنالنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىلمىي، سىياسىي يوسۇندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش)

 

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ بېشىدا سەۋەبسىز بىر شەكىلدە قاراقويۇق تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىدى. نەتىجىدە قاھىرە شەھرىدە 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھازىر قاتتىق پەرىشان ئىچىدە بولۇپ تەرەپ – تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. ھازىرغىچە 30 غا يېقىن ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىقىش جەرىيانىدا ئايرىدورۇمدا تۇتۇپ قېلىندى. ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.

نۆۋەتتە جىددى قىلىدىغان خىزمەتلەر:

مىسىردا يوشۇرۇنۇپ يۈرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى بىر شەكىلدە تۈركىيىگە كەلتۈرۈش، بېلەت، ۋىزا ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش.

تۈركىيىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۈركىيە مەكتەپلىرىگە قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش.

تۇتۇلۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن دەرھال دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت قىلىش.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>