باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » تەجرىبىلىك ئاۋانگارت ياشلارنىڭ،مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش ئىشلىرىدا رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى.
تەجرىبىلىك ئاۋانگارت ياشلارنىڭ،مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش ئىشلىرىدا رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى.

تەجرىبىلىك ئاۋانگارت ياشلارنىڭ،مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش ئىشلىرىدا رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى.

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار مىسىردا تىپ تىنىچ ئىلىم مەرىپەت ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قانغا بويالغان قارا قولىنى ئۇزارتىپ 4-ئىيۇلدىن باشلاپ مىسىر مىلىتارىست ھۆكۈمىتى بىلەن سودىلىشىپ،خەلقارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ ھالدا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى چاقماق تىزلىكىدە ۋەقەدىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ، جىددىي ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى خەلقارا قانۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قانۇنى يوللار ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ بىرقاتار كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئالدى.
قول ئىلكىدە بار بەزى پىداكار شەخسىلەر مۇ،قوللىرىنى قۇرۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي،مىسىردىن ۋاقتىدا چىقىپ كېتىشكە قۇربى يەتمىگەن خەتەر ئاستىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بېلەت ئېلىپ بېرىش،ئۇلارنى ئايرودروملاردا كۈتۈۋېلىپ، يېڭىدىن قۇبۇل بولغان مەكتەپلىرىگە يىتىپ بېرىۋېلىش ئىشلىرىغا توغرا يول كۆرسىتىش، ۋاقىتلىق ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئېغىز ئۆيىنى ھەقسىز ئايرىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى.ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇزاقتىن بىرى پائال ئۇچۇر تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تەجرىبىلىك ياش ئاۋانگارتلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىنى نەخ مەيداندىن خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش ئىشلىرىدا رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى.
بۇ،نۆۋەت،ئاۋانگارت ياشلار  ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى.ئۇلاربەزى پاسسىپ كىشىلەردەك تەشكىلاتلار مېڭىپ ئۆتىدىغان يوللارغا تىكەن چېچىش خىيالىدا بولمىدى،ياكى تەشكىلاتلاردىن ئورۇنسىز ئاغرىنىپمۇ ئولتۇرمىدى.باشلامچىلىق بىلەن ئۆز ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ، گەۋدىسىگە چۈشكەن بىر كىشىلىك مىللى بۇرچىنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش ئارقىلىق تەشكىلاتلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ، تەشكىلات ۋە بىر پۇتۇن ئاممىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/xelqarada-uyghur-07202017144637.html

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>