باش بەتكە قايتىڭ » خەلقئارا خەۋەرلەر » UNPO ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىتالىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى
UNPO ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىتالىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

UNPO ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىتالىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى(UNPO) ۋە د ئۇ ق جۈمە كۈنى ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۇنپو مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى 3 يېرىم سائەت تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتالىيەنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن دولقۇن ئەيسانى تۇتۇپ سوراق قىلغانلىقىنى ئېنىقلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دولقۇن ئەيسا 26‏-ئىيۇل ئىتالىيە پايتەختى رىمغا كېلىپ، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرمەكچى ۋە يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئۇ ئىتالىيە پارلامېنتىغا يېتىپ كەلگەندە 20 دەك ئىتالىيەلىك ساقچى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، پارلامېنت بىناسىغا كىرگۈزمىگەن ۋە ئۇنى ئېلىپ كېتىپ 3 يېرىم سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، د ئۇ ق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتاينىڭ ئىتالىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەقەنى «ئىتالىيە دېموكراتىيەسىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىگە قىلىنغان خىرىس» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرىنىڭ مەخپىي قولى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىتالىيە دائىرىلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسانى نېمە ئۈچۈن سوراق قىلغانلىقى ۋە سۆز قىلىشىنى توسقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ۋ م ت ئۇنىڭ «ئاۋازىنى بوغۇش يولىدىكى بۇ خىل ئۇرۇنۇشنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ» دېگەن.

خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، دولقۇن ئەيسانى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى،جاللات  لۇ كاڭ «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا ساقچى ۋە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى. ئۇنى ئادالەتكە تاپشۇرۇش ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېگەن. بىراق، بېيجىڭدىكى غەربلىك دىپلوماتلارنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرى ئارىلاپ-ئارىلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن دولقۇن ئەيسانى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ھېچقاچان ئۇنىڭ سادىر قىلغان «جىنايىتى» گە دائىر ھېچقانداق دەلىل بىلەن تەمىنلەپ باقمىغان. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى نويابىردا خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى قانخور مېڭ خۇڭۋېينى پرېزىدېنتلىققا سايلىغان بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>