باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » يەركەنت ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنى ۋە شېھىتلىرىمىزنى ئونۇتمىدۇق ۋە قاتىللارنىمۇ ھەم
يەركەنت ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنى ۋە شېھىتلىرىمىزنى ئونۇتمىدۇق ۋە قاتىللارنىمۇ ھەم

يەركەنت ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنى ۋە شېھىتلىرىمىزنى ئونۇتمىدۇق ۋە قاتىللارنىمۇ ھەم

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەركەن ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ھازىرغىچە مەخپى تۇتۇلماقتا.
خىتاي ھاكىمىيىتى، خىتاينىڭ ئىلىشقۇدا ئېلىپ بارغان مەزكۇر قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈپ ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ ئوتتۇرىغا چىقارغان فرانسىيە مۇخبىرىنى تۇتۇپ دۆلىتىگە قايتۇرۋەتكەن ئىدى.

بۇندىن 3 يىل ئىلگىرى يەنى 2014- يىلى 28- ئىيۇل رامزان ھېيتىنىڭ تۇنجى كۈنى يەركەننىڭ ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىلغار تىپتىكى قوراللار بىلەن بومبىلاندى ۋە مەزكۇر قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن 3 يېزا يەر شارى خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۋېتىلدى.
مەزكۇر قىرغىنچىلىقتا 3000 دىن كۆپ بىگۇناھ مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى قىرغىن قىلىندى.
يەركەنت ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەتتارلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەسلەيمىز.
ئىشغالچى قاتىل ۋە تېررورىست خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ۋە قىرغىنچىلىقى بىزنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. خىتاي بىزگە ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرتىدا قانچىلىك بېسىم قىلىپ ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشسا بىز تېخىمۇ زىچ بىرلىشىپ كۈچلىنىمىز. بىزگە قىلىنغان مۇئامىلە قانچە ناچارلاشقانچە بىز بىر- بىرىمىزگە ۋە دەۋايىمىزغا تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىپ مۇستەھكەم باغلىنىمىز.

ئەي نامەرت خىتاي، سەنلەر نېمە قىلساڭ بېكار. دۇنياغا پۇل چاچساڭمۇ، يېپەك يولىدا توختىماي ھەرىكەت قىلىپ مەنپىئەت ئالساڭمۇ، ھېيلىلىرىڭ بىلەن دۇنيانى ئۆزەڭگە قۇل قىلساڭمۇ جىنايىتىڭنى، قاتىللىقلىرىڭنى ئونۇتمايمىز، دەۋايىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دۇنيانى تارلاشتۇرۇپ يوق قىلىشقا، ئاجىزلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلساڭمۇ، بىزگە ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىملىرىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلساڭمۇ بىز قورقۇپ كەتمەيمىز ۋە تارقالمايمىز، يولىمىزدىن يانمايمىز.

شېھىتلىرىمىزگە سالام بولسۇن، تېررورىست ۋە زالىملارغا لەنەت بولسۇن

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>