باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » ئولۇق جۈمە كۈنلىرىدە «سۈرە كەھف»ئوقۇشنىڭ ھېكمەتلىرى
ئولۇق جۈمە كۈنلىرىدە «سۈرە كەھف»ئوقۇشنىڭ ھېكمەتلىرى

ئولۇق جۈمە كۈنلىرىدە «سۈرە كەھف»ئوقۇشنىڭ ھېكمەتلىرى

ئولۇق جۈمە كۈنلىرىدە «سۈرە كەھف»ئوقۇشنىڭ ھېكمەتلىرى
مۇقەددەس قۇرئان كېرىم،ئاللاھنىڭ مۇبارەك كالامى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى ئۇقۇغان ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭدىن چوقۇم بىرە پايدا مەنپەت كۆرىدۇ.قۇرئان ھەرخىل غەمگە مۇبتىلا بولغان كىشىلەرنىڭ چاڭقىغان قەلبىدە سۇلاشقىلى باشلىغان مەنىۋى گۈللەرنى يامغۇر كەبى سۇغۇرۇپ ياشنىتىپ روھىيتىگە ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدۇ.ئۇ، ئىنسانغا رەببى بىلەن روھىيەت ئالىمىدە سىردىشىشقا ۋاسىتىلىك رول ئويناپ،ئىنساننى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
قۇرئان كېرىمدە جەمى 114 سۈرە بار بولۇپ،ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سۈرىنىڭ ئۆزىگە خاس پەزىلىتى،نازىل بولۇش سەۋەبلىرى،شۇنداقلا ئۆز ئىچىگە ئالغان مول مەزمۇن ۋە مەنىلىرى بار ئەلۋەتتە.كەھف سۈرىسىدىكى جەمى 111 ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەككىدە نازىل بولغان.بۇ،سۈرەنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىبنى كەسىر ۋە باشقا مۇپەسسىرلەر قۇرەيشلىكلەرنىڭ ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ نۇبۇۋۋىتىنى سىناپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن نەزەر ئىبنى ھارىس ۋە ئۇقبەتەبنى ئەبى مۇئىتلارنى مەدىينىدىكى يەھۇدى موللىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا يوللاپ،ئۇلاردىن بىر قاتار سىناق سۇئاللىرىنى ئۈگىنىپ قايتىپ كىلىپ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن «كەھف ئىگىلىرى، مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسالامدىن تەلىم ئېلىشى،قاتارلىقلارنى سورىغان چاغدا ۋەھيى تۇيۇقسىزلا15 كۈن ئۈزۈلۈپ قېلىپ ،ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ قاتتىق غەمگە پاتقان بىر مەزگىلدە قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ سىناق سوئاللىرىغا يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرۇش سەۋەبلىك نازىل بولغان.بۇ، سۈرە ،قۇرئاندىكى تەرتىپ بۇيىچە18-سۈرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قۇرئاندا ئاللاھقا ھەمد ۋە سانا ئوقۇش بىلەن باشلىنىدىغان بەش دانە ئالاھىدە سۈرە بار بولۇپ،كەھف سۈرىسى ئەنە شۇ، تەسبىھ بىلەن باشلىنىدىغان بەش پەزىلەتلىك سۈرىلەرنىڭ بىرىدۇر.كەھف سۈرىسى 111 نەچچە ئايەتتىن تەركىب تاپقان ئوتتۇرا ھەجىملىك بىر سۈرە بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن ئىبرەتلىك قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەسىلەن:دىكتاتور تاغۇت پادىشاھ «داقيانۇس» دەۋرىدە ئۆز ئىيمان ئېتىقادىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئىتىنى بىرگە ئېلىپ ھىجرەت قىلىپ مەلۇم بىر غارغا مۈكۈنۈپ پاناھلانغان ياش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقاد ۋە ساغلام ئىدىلوگىيەنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداركارلىقلىرى،ھەزىرتى مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسالامدىن تەلىم ئېلىشى،بۇلىقىغا كىرگەن ئىككى باغقا ئىگە ئىككى خىل خاراكتېرگە ئىگە باغۋەنلەرنىڭ ناشۇكۇرلىكى سەۋەبلىك باغنىڭ بىر كېچىدىلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى،زۇلقەرنەين نىڭ يەجۇجىلار تائىپىسىنى پۇلات توسما ئارقىلىق قامال قىلىشى،ئىبلىس نىڭ ئادەم ئاتىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تازىم قىلىشتىن باش تارتىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىشى،قاتارلىقلار.
كەھف سۈرىسىنى مۇبارەك جۈمە كۈنلىرىدە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ،كەلگەن نۇرغۇن ھەدىس بار بولۇپ،تۆۋەندە شۇ قاتاردىكى بىر ھەدەسنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن:ئەبى سەئىدىل خۇدرى ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:كىمكى سۈرە كەھف نى جۈمە كۈنى ئوقۇسا ئىككى جۈمە ئارىلىقىدىكى كۈنلەر نۇرلۇق بولىدۇ.بۇ ھەدىسنى ھاكىم ۋە بەيھەقىلار رىۋايەت قىلغان.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>