باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى – يەكەن دارىلمۇئەللىمى رەسمىي تاقىۋېتىلگەن
ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى – يەكەن دارىلمۇئەللىمى رەسمىي تاقىۋېتىلگەن

ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى – يەكەن دارىلمۇئەللىمى رەسمىي تاقىۋېتىلگەن

ئۆزىنىڭ 70 يىلدىن ئارتۇق مۇساپىسىدە، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئاساسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان يەكەن دارىلمۇئەللىمى (يەكەن پېداگوگىكا ئوتتۇرا تېخنىكومى)، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن. قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن يەكەن ناھىيىسىدە 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دەۋرىدە قۇرۇلغان ۋە ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، كۈچلۈك مائارىپچىلارغا، قابىل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا ئىگە، ئۇيغۇر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇنىۋېرسال كەسىپلەردە تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان بۇ مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ يوق قىلىنىشى، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.

يەكەن دىيارى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، تېررىتورىيىسىنىڭ كەڭلىكى، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بايلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زىچلىقى، يات مەدەنىيەت تەسىرىدە بۇلغانمىغانلىقى، مۇھىمى تارىختا بىر قانچە قېتىم ئاستانە بولغىنىدەك تارىخى رېئاللىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا دائىر مەنبەلەردىن مەلۇمكى، قەدىمى مۇقام ۋە مەرىپەت يۇرتى يەكەن (ياركەنت) قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۈكى ئىدى، بۇندىن 500 يىللار بۇرۇنلا يەكەننى مەركەز قىلىنغان سەئىدىيە خانلىقى (1514-1678-يىللار) دەۋرىدە، خانلىق مەدرىسەلەر قۇرۇلغان، مەكتەپلەر جەمئىي 2263 كە يەتكەن ئىكەن، «مىرزا ھەيدەر» مەدرىسىسى، مەشھۇر «ساقىيە» ناملىق مەدرىسەلەردەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا سۇلتان ئابدۇرېشىتخان، مەلىكە ئاماننىساخان، مىرزا ھەيدەر قەشقەرى، قەدىرخان يەركەندى، مەۋلانا خۇلقى قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر، ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار، مۇزىكىشۇناسلار، تارىخشۇناسلار، ئەدىب-يازغۇچىلار، بىناكارلىق ماھىرلىرى يېتىشىپ چىققان.

يەكەن ھازىرمۇ تەۋەلىكىدە يەكەن كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى)، يەكەن تېببىي مەكتىپى، كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش ئورۇنلىرى، 8 ئوتتۇرا مەكتەپ، 29 يېزا-بازارلاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بار بولغان مۇكەممەل مائارىپ تەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن قاپلانغان. ئەمما، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۈگۈنكى يەكەننىڭ ھازىرقى زامان مائارىپ ئاساسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان ئىلىم كانى ھېسابلىنىدىغان «يەكەن دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ ئىزى بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن.

ھەتتا، بۇ مەكتەپنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىمۇ قەشقەر تېلېفون ئۇلاش باش ئاپپاراتى خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى خىتاي تېلېفونىستنىڭ سۆزىدىن دەلىللەندى.

بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، يەكەن دائىرىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. نۆۋەتتە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى خىتاينىڭ تور ساھەسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلېفون باش ئاپاراتىدىنمۇ ئىسمى ۋە نومۇرلىرى ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بىز مەكتەپكە يېقىن جايدىكى بىر دۇكانغا تېلېفون ئۇلىدۇق:

- يەكەن سىفەن ھازىرمۇ بارمۇ؟

- ياق ھازىر يوق، 3 يىل بولدى، ناھىيىلىك-3 ئوتتۇرا قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتى.

- ئوقۇتقۇچىلار نەگە كەتتى ئەمىسە؟

- ئۇنى ئۇقمايمەن.

- ئوقۇغۇچىلارنىچۇ، تارقىتىۋەتتىمۇ؟

- ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنلا تاقىۋەتتى بولغاي.

- مەكتەپتىكىلەر ئاساسەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارمىدى؟

- ھە، شۇنداق، ئۇيغۇر ئىدى. ھەممە دەرسلەرنى ئۆتەتتى.

يەكەن دارىلمۇئەللىمىن تاقالغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز يەنە يەكەن ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرىدىن سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.يەكەن مائارىپ ئىدارىسى ئىشخانىسىدىن بىر خادىم تېلېفوننى ئالدى :

- يەكەن سىفەن مەكتەپنى بىلەمسىز؟

- ھە، ھازىر يوق، ئۆزگەرتىۋەتتى ئۇ مەكتەپنى، خېلى چوڭ مەكتەپتى، 5، 6 يىل بوپ قالدىغۇ دەيمەن.

- ھەممىسى ئۇيغۇرلارمىتى ئۇ مەكتەپتە؟

- ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن.

- ئۈچىنچى ئوتتۇرىغا ئۆزگەرتىۋەتتى دەيدۇ، ئۇيغۇر مەكتەپمۇ ياكى خىتايچە مەكتەپمۇ ئۇ؟

- قوش تىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپقۇ دەيمەن، ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن.

يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغىمۇ تېلېفونىمىز ئۇلاندى ۋە بۇ ئۇچۇر قايتا دەلىللەندى :

- بۇرۇن يەكەندە سىفەن مەكتىپى بار ئىدىغۇ؟

- ھازىر يەكەندە يوق سىفەن مەكتەپ، نەچچە يىل بوپ كەتتى ئۇ مەكتەپنى 3-ئوتتۇرا قىلىۋەتكەن. ئوقۇتقۇچىلىرى-1 ئوتتۇرا، 2 ‏-ئوتتۇرا دېگەندەك مەكتەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى.مەكتەپنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى بىلەمسىز؟

- ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن تاقىۋەتتى، ئۇزۇن يىللىق مەكتەپ، ئەمما تاقىۋېتىلىش سەۋەبىنى بىلمەيمەن.

- ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلدى ئەمىسە؟

- ئۇنىمۇ ئۇقمايمەن.

- بۇرۇن يەكەننىڭ نوپۇسىنىڭ 98% ئى ئۇيغۇر ئىكەنغۇ، ھازىر ئۆزگەردىمۇ؟نېمانداق جىق گەپ سورايسىز، جىق گەپ قىلىشساق بولمايدۇ، ئىشخانىنىڭ نومۇرى ماۋۇ…تېلېفون ئۈزۈۋېتىلدى.

خىتاي ئېلان قىلغان نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،نوپۇسى بىر مىليونغا يېقىن بۇ ناھىيىدە، ئۇيغۇرلار ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %96 نى تەشكىل قىلىدۇ، ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ نوپۇس يۆتكەش ۋە قوش تىل مائارىپى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆتكۈر سىياسەتلىرى، بۇ جاينىڭ قۇرۇلمىسى، نوپۇسى ھەتتا مەدەنىي-مائارىپىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر ياسىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسىنىڭ بىرى 2014-يىلىدا 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق قۇتلىغان «يەكەن دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ بۈگۈن بۇ قەدىمى ماكاندىكى يەنە بىر تارىخقا ئايلانغانلىقىدۇر.

بىزنىڭ يەكەن دارىلمۇئەللىمىننىڭ تاقىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە تەسىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز داۋامىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرىمىزغا قارىغاندا، گەرچە دائىرىلەر 2005-يىلىلا بۇ مەكتەپنى تاقاشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، نارازىلىق ۋە قارشىلىق پىكىرلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پىلاننى ئىجرا قىلىشتىن ۋاقتىنچە توختىغان. ئەمما،مەكتەپنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدىن كېيىن يەنى 2014-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ نامى رەسمىي قالدۇرۇلۇپ، ناھىيىلىك-3ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شتاتلىق بولغان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي تىلىدا لاياقەتسىز دېگەن باھانىلەر بىلەن خىزمەتتىن بوشىتىلغان بولسا، خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئۈستۈنرەك ياش ئوقۇتقۇچىلار باشقا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلغان.

ئەينى چاغدا مەكتەپ، مەجبۇرىي مائارىپىدىكى زۆرۈر ئاساسىي پەن كەسىپلىرىدىن باشقا، مائارىپ ئىلمى،، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، سىياسەت، كومپيۇتېر قاتارلىق كەسىپلەردە كەڭ دائىرىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغان مۇكەممەل ۋە ئۇنىۋېرسال پېداگوگىكا كەسپىي تېخنىكوم بولۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي شتاتلىق 11 نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 52 نەپەر لېكتور ۋە 1 نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 177 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىسى بارلىقى مەلۇم.

مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، يەكەن دارىلمۇئەللىمىن، 1944-يىلى-8 ئايدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇيغۇر دىيارىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان 10 چوڭ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا ھازىرقى زامان مائارىپىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا تارقىتىشتىكى ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىرى. بۇ مەكتەپ ئەينى دەۋردە يەنى 1944‏-يىلىدىن 1949-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلى يېڭى مائارىپى ئۈچۈن 185 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئىكەن.

مەكتەپ نامى 1954-يىلى «يەكەن ناھىيىلىك پېداگوگىكا تېخنىكومى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. قۇرۇلما جەھەتتىن 3 قەۋەتلىك مۇكەممەل ئوقۇتۇش بىناسى، مەخسۇس كۇتۇپخانا بىناسى، يەنە ئىككى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرىغا ئىگە بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 3 يىل، تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار 2 يىل ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى بولۇپ شەكىللەنگەن 60 يىل داۋامىدا، جەمئىي 27 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئۇنىۋېرسال كەسىپلەردە تەربىيىلىنىپ، يەكەن ناھىيىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا تۇتاش مەكىت ناھىيىسى، پوسكام، قاغىلىق ناھىيىلىرى،تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، يوپۇرغا، مارالبېشى ناھىيىلىرى ھەتتا خوتەن ۋىلايەتلىرىگىچە بولغان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى يېزا مائارىپ سېپىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە سەپلەنگەن.

يەكەننىڭ يېقىنقى مائارىپ ئەھۋالىدىن خەۋەردار، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۆزىنىڭ يەكەن دارىلمۇئەللىمىن ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئاڭلاتتى. بۇ زىيالىينىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مەيلى كەسپىي سەۋىيىسى، قۇرۇلمىسى، ئارقا كۆرۈنۈشى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپقا ئېھتىياجىنىڭ قالمىغانلىقى ئاچچىق رېئاللىق. ئۇيغۇر مائارىپ كەسپىي يېتەكچىلىكى ئۈچۈن 70 يىلدىن ئارتۇق تۆھپىلەر قوشۇپ كەلگەن، نەچچە ئون مىڭلاپ قابىل ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلىگەن يەكەن دارىلمۇئەللىمىننىڭ پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلىشى، بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى نامايان قىلماقتا. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان كرىزىس ۋە زور خەۋپنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر پاكىت.»

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/yeken-darilmuellimi-taqaldi-08172017203239.html

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>